تەنھالىق ...تەنھالىق...تەنھالىق
تەنھالىق ...ساداقەتجان ھاجى
تەنھالىقنىڭ گۈزەللىكىنى تەنھالاردىن سورىما، چۈنكى ئۇلار بۇنداق گۈزەللىكتىن نەپرەتلىنىدۇ. غېرىپسىنىپ قالغان روھنىڭ چۈشكۈنلىكىنى مەندىن سورىما، چۈنكى مېنىڭ مەڭگۈ غېرىپسىنىپ قالغۇم يوق.
تەنھالىقنى تەڭرىدىن تالاشما. سەن ئۆز بەختىڭنى پەقەت ئادەملەر ئارىسىدىن تاپالايسەن. ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ غېرىپسىنىپ قالساڭ مەندىن قاچما. پەقەت مېنىڭ يۈرىكىملا سېنىڭ شادلىق باغچاڭدۇر.
تەنھالىقنىڭ ھەر بىر تىۋىشى ساڭا ئەڭ ئېسىل شېئىرلارنى ئوقۇپ بېرىدۇ. لېكىن سەن بۇ ئېسىل شېئىرلارنىڭ ناز-كەرەشمىسىگە ئالدىنىپ، ئۆزۈڭنىڭ ئاددىي ۋە قوپال ناخشاڭنى ئۇنتۇپ قالما. چۈنكى، پەقەت ئاددىيلىق ئىچىدىلا ئەركىنلىك بولىدۇ. قوپاللىق ئىچىدىلا سەمىمىيلىك بولىدۇ. ئەگەر سۆيگۈگە تەشنا بولساڭ، مېنىڭ شېئىرلىرىمنى ئوقۇ. خاتىرجەم بولغىنكى، مېنىڭ شېئىرلىرىم ھەرگىز ئېسىل شېئىرلاردىن ئەمەس.
بىزنىڭ دۇنياغا تەنھا كەلگەنلىكىمىزنىڭ ئۆزى يېتەر. يەنە تەنھالىقتىن ھوزۇرلىنىمىز دىسەك، بۇ تولىمۇ بىچارىلىك بولىدۇ. پارلاق قۇياش، نازاكەتلىك ئاي، رەڭمۇرەڭ گۈللەر، خۇشپۇراق شاماللار، چەكسىز ئاسمان ۋە چىرايلىق بۇلاقلار... بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى سۆيىدۇ. خۇددى مەن سېنى سۆيگەندەك.
يۈرىكىڭدە ئېچىلىۋاتقان گۈللەردىن ماڭا بىر دەستە تىزىپ قوي. سەن مېنى ئەپۇ قىلغان چاغدا، مەن ساڭا شۇ گۈلدەستىنى تەقدىم قىلىمەن. ئەگەر ئەپۇ قىلىش نىيىتىگە كەلگەن بولساڭ ئاۋۋال مېنى ئەپۇ قىل. مەنمۇ سېنى ئەپۇ قىلدىم ئەمەسمۇ!؟ قىنى، ئاشىق-مەشۇقلاردەك نالە قىلايلى، ناخشا ئېيتايلى، مۇھەببەتنى كۈيلەيلى...
بەلكىم ئەقىلنى ھىسسىيات بىلەن بۇلغاش دانالىق ئەمەستۇر. لېكىن مەڭگۈ دانا بولىمەن دىيىش نادانلىقتۇر. زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا نادانلىق قىلىپ قويۇش – ھەقىقىي دانالىقتۇر.
سەنمۇ ئۆزۈڭنى ئالداشتىن ۋاز كەچ. تەننىڭ تەنھالىقىدىن روھنىڭ تەنھالىقى يامان. چۈنكى مۇھەببەت تەننىڭ ئىھتىياجى ئەمەس، بەلكى روھنىڭ تەشنالىقىدۇر. شۇنى چۇڭقۇر چۈشەنگىنكى، سەن پەقەت سېنى سۆيىدىغان ئادەمنىڭ باغرىدىلا مەڭگۈ تەنھا ئەمەسسەن.
(1996-يىل 9-ئاي. قەشقەر)
********************************
(مەنبە: «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 1997-يىل 8-ئاينىڭ 16-كۈنى
http://ketmenbay.blogbus.com/
******************************** مەرھابا ketmenbay:handshake شۇنداقمۇ يوقاپ كەتكەن بارمۇ ؟
ئېسىل يازمىلىرىڭىزنى سېغىندۇق ، مۇنبەر سىزنى سېغىندى . كەتمەنباينىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇسام بەك ھاردۇقۇم چىقىدۇ. ۋاي كەتمەنبايمۇ قەدەم تەشرىپ قىپتۇغۇ، مەرھابا:handshake كەتمەنباينىڭ يەتتە قىزلىرىمغا قايتىدىن كىرگەنلىكىگە مەرھابا! ئۇچۇردا قارشى ئېلىپ بولغان بولساممۇ يەنە بىر قېتىم قارشى ئېلىۋېتەي.:handshake :)
كىرىپ تۇرۇڭ،مەن سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنىڭ سادىق ئوقۇرمەنى.
كونا ھەمسۆھبەتداشلاردىنغۇ سىر-ئەسرارلىشىپ تۇرايلى.
كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇپ قالغان ۋاقىتلاردا تەنھا ئولتۇرۇشمۇ ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. لېكىن بۇ ھاياتتا تەنھا ياشايمەن دېيىش خام-خىيال. ساڭا ھامان ھەمراھتىن بىرسى لازىم بولىدۇ.
ھەر باشقا بىر تۇماق لازىم بولغاندىكىدەكلا.(بۇ جەۋلانىي نىڭ سۆزى);P سېغىنغانلارغا ۋە سۆيۈنگەنلەرگە سالام!
يازغانلىرىم يەتتە قىزلىرىمدىن ئايلانسۇن!
لېكىنزە...
بۇرۇن يوللىغان تىمىلىرىم كۆرۈنمەيدىغۇ؟ ھاردۇقى چىققانلارغا سالام يوقما؟;P ئاھۇ بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:57 دە يوللىغان /images/common/back.gif
ھاردۇقى چىققانلارغا سالام يوقما؟;P
يا تەۋبە! خېجىل بولدۇمغۇ!
ھاردۇقى چىققان بوۋاقلارغىمۇ، ئوماقلارغىمۇ سالام! بۇرۇنقى يازمىلارنىڭ قەغىشىنى قىلىدىغانلار كۆپەيگىلى تۇردى مانا،ئامالى بولۇپ قالار ھە مەرۋەرى؟:loveliness: ketmenbay بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:50 دە يوللىغان /images/common/back.gif
سېغىنغانلارغا ۋە سۆيۈنگەنلەرگە سالام!
يازغانلىرىم يەتتە قىزلىرىمدىن ئايلانسۇن!
لېكىنزە...
بۇرۇن يوللىغان تى ...
كونا مۇنبەردىكى تېمىلارنى يېڭى بوشلۇق تونۇمىغاچقا، بۇرۇنقى تېمىلارنى پات ئارىدا يېڭى مۇنبەرگە قايتىدىن يوللايمىز. شۇڭا ۋاقتىنچە توغرا چۈشۈنۈپ تۇرغايسىلەر!
بەت:
[1]
2