10 مىڭ تىللاغا ساتمايدىغان ھىكمەتلەر
10 مىڭ تىللاغا ساتمايدىغان ھېكمەتلەربىر دانىشمەن شۇنداق دەپتۇ
ئى پەرزەنىتلىرىم ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى 5 نەرسىدىن ۋاپا كۈتمەڭلار !
1. بۇلۇتنىڭ سايىسى ،ئۇ قاراپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ .
2. غەرەزلىك دوست ، ئۇ ھامان ساڭا ئەسقاتمايدۇ .
3. يالغاندىن تەرىپلەش ، ئۇمۇ ئىز بېسىپ تۇرالمايدۇ .
4. چىرايلىقلارنىڭ جامالى ، ئۇ ئاخىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ .
5. بۇ دۇنيانىڭ مېلى ، ئۇمۇ ئاقىۋەت ئىگىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ .
دانىشمەن يەنە شۇنداق دەپتۇ ؛
دۇنيادا 7 نەرسە 7 نەرسىگە باغلىق بولىدۇ ؛
1. خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن .
2. بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن .
3. شاگىرىتلارنىڭ ئىززىتى ئۇستازى بىلەن .
4. لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن .
5. پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن .
6. پادىشاھنىڭ ئىززىتى ئادىللىق بىلەن .
7. ئادىللىقنىڭ روناق تېپىشى ئەقىل ۋە ھوشيارلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ ھەقىقەتەن تىللاغا بەرگۈسىز ھېكمەتلەر ئىكەن .
نەچچە مىنۇتتىلا ئوقۇلۇپ بولغان بۇ ھېكمەتلەرنىڭ مۇشۇ يەردە دۇردانە بولۇپ تىزىلىپ چىقىشى قانچىلىك سىناقلاردىن، قانچىلىك پاجىئەلەردىن، قانچىلىك دەرتلىك نادامەتلەردىن كېيىن يىغىلىپ، قايتا باشتىن ئۆتۈلۈپ ھەقىقىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىنىپ ئاندىن بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزگىچە كەلگەن بولغىيتتى ھە؟!
ئاقىللارنىڭ نەسىھىتىنى قۇبۇل قىلماقلىقمۇ ئاقىللىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر،پەقەت بىغەرەز كىشلەرلا بۇ دۇنيادا ھەقىقى زاۋال تاپقۇچى بوپ قالىدۇ. ماۋۇ تېمىنى ئەجەپ كۆرمەي قاپتىمەن، راستىنلا تىللاغا بەرگۈسىز ھېكىمەتلەر ئىكەن!
ئېسىل ھېكىمەتلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز ئارمان- تاشقىن!:victory: :D ياخشڭكەن ھاياتلىقتا قانچىمىز مۇشۇنداق ھېكمەتلەرگە ئەمەل قىلىپ كەلگەندىمىز؟ ئۇنىكم دوسىت دېمە،راھەتتە ئېناق،
ئايرىلسا سېنىڭدىن غۇربەتتە بىراق.
سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن،
يورۇقتا بىللە يۇ،زۇلمەتتە يىراق.
-ئا.ئۆتكۈر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باتۇرچەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 13:27
بەت:
[1]