saye يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 00:58:30

ئانا تىل ۋە يېزىق (تەتقىقات سىن ماتىرىيالى)

ئىنتىل تورىدا "ئانا تىل ۋە يېزىق" ماۋزۇلۇق تېما ئېلان قىلىنىپتۇ. بۇ تېمىدا پوسكام ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ2 -يىللىق 7-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ "ئانا تىل ۋە يېزىق" تېمىسىدىكى بىر تەتقىقات پائالىيىتىنى چۆرىدەپ، ناھىيىدىكى ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلغان ئېلان-تەشۋىقات تاختايلىرى، ئىدارە - جەمئىيەتلەرنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدا ساقلانغان ئىملا، لوگىكا، تەرجىمە خاتالىقلىرى مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرۈلگەن ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېزىلىشى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلىپ، كىشلەرنى ئانا تىل-يېزىقىنى قوغداش، ئىملاغا دىققەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. مۇنبەردىكى دوستلار بىلەن بۇ تېمىغا ئورتاقلىشىپ باقايلى.
http://oi54.tinypic.com/6fowlk.jpg
http://player.56.com/v_NTQxMjc0MzI.swf
سىن فىلىمنى مەنبەسىدىن كۆرۈش:  http://www.56.com/u51/v_NTQxMjc0MzI.html
سىن فىلىم ئېلان قىلىنغان ئەسلى تېما مەنبەسى: http://www.intil.biz/home/forum.php?mod=viewthread&tid=1738

[ saye بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:13  دە تەھرىرلىگەن. ]

tuman1973 يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 17:15:52

مۇنبەرداشلىرىمنىڭ  بۇگۇندىن باشلاپ،  مۇنبەرگە تېما يوللىغاندا، ئىنكاس قايتۇرغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش توغرۇسىدا تەكلىپ بىرىمەن. جۇملىدىن مەنمۇ دىققەت قىلىمەن.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 17:20:13

tuman1973 بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 17:15 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
مۇنبەرداشلىرىمنىڭ  بۇگۇندىن باشلاپ،  مۇنبەرگە تېما يوللىغاندا، ئىنكاس قايتۇرغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت  ...

تۇمانننىڭ بۇ چاقىرقىغا مەنمۇ يېقىندىن ئاۋاز قوشىمەن!

saye يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 18:26:46

مەنمۇ چۆچۈپ كېتىپ تېمامنىڭ ئىملالىرىغا قايتىدىن بىر قارىۋەتتىم. تېخى ئىملايىم خاتا چىقىپ قالغان چېغى دەپ ھودۇقۇپ كېتىپتىمەن :L  
ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى ۋە ئىملالىرىمىزنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلايلى. ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلايلى.

SoFi يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 09:22:05

بۇگۇن ئەمەس <بۈگۈن > .

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:36:59

سايە ئېنتىل ئەمەس ئىنتىلدۇ؟:o
ئېنتىل چەتئەلنىڭ تور بېتى.
مۇنبەرگە ئىملا ساقچىسىدىن بىرنى تەكلىپ قىلماي بولمىدى.
بۇ خىزمەتنى ئەركمان ئاكام ئۈستىگە ئالسا بىزلەر ياردەملەشسەك دەيمەن.

saye يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:17:59

جۇلالىق بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:36 دە يوللىغان /images/common/back.gif
سايە ئېنتىل ئەمەس ئىنتىلدۇ؟:o
ئېنتىل چەتئەلنىڭ تور بېتى.
مۇنبەرگە ئىملا ساقچىسىدىن بىرنى تەكلىپ قىلماي بولمى ...

بىسمىللاسىغا مەن خاتا يېزىپتىمەن يا ئىملانى سەت بوپتۇ. ئۆزگەرتىۋالدىم . :L  
ئېنتىل دىگىنى تۈركچە بىر تور بېكەتنىڭ نامىكەن ئەسلى . :victory:
بەت: [1]
: ئانا تىل ۋە يېزىق (تەتقىقات سىن ماتىرىيالى)