ماۋۇ 4 نى بىلىۋېلىڭ زىيان تارتمايسىز
ماۋۇ 4 نى بىلىۋېلىڭ زىيان تارتمايسىز.بەدەننى كۈچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە
1-گۆش يىيىش.
2-خۇشبۇي پۇراش.
3-جىماسىزمۇ كوپ يۇيۇنۇش.
4-زىغىر كىيىمى كىيىش.
بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۆت نەرسە
1-قورساقنى بەك توقلىۋېلىپ جىما قىلىش.
2-قورساقنى بەك توقلىۋېلىپ مۇنچىغا كىرىش.
3-قۇرۇتۇلغان قاق گۆش يىيىش.
4-قېرى ئاياللارنى جىما قىلىش.
كۆزنى كۇچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە
1-كەئىبىگە قاراپ ئولتۇرۇش
2-ئۇخلايدىغاندا سۇرمە سۇرۇش.
3-يېشىل نەرسىلەرگە قاراش.4-ئولتۇرىدىغان ئۇرۇننى پاكىزلاش
كۆزنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۆت نەرسە
1-قىينالغان كىشىلەرگە قاراش.
2-ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش.
3-قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇش.
4-نىجاسەتكە قاراش
باھنى كۇچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە
1-قۇچقاچ يىيىش
2-چوڭ ئىتىرىپىل يىيىش.
3-پىستە يىيىش.
4-گۇرۇچ يىيىش
ئەقىلنى زىيادە قىلىدىغان تۆت نەرسە
1-ئاز گەپ قىلىش.
2-مىسۋاك قىلىش.
3-ياخشىلار سۆھبىتى
4-ئالىملار سۆھبىتى
بەدەننى كېسەل قىلىدىغان تۆت نەرسە
1-كوپ گەپ قىلىش.
2- كوپ ئۇخلاش.
3-كوپ يىيىش.
4-كوپ جىما
خوشاللىق ئېلىپ كىلىدىغان تۆت نەرسە
1-يېشىللىققا قاراش.
2- ئاققان سۇغا قاراش.
3-مەھبۇبىگە قاراش
4-مىۋە -چىۋىگە قاراش
كۆزنى قاراڭغۇلاشتۇرىدىغان تۆت نەرسە
1-يالاڭ ئاياق مېڭىش.
2-كۇندۇزى كەچ بولغۇچە دۇشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك چىراي بىلەن يۇرۇش.
3-كوپ يىغلاش.
4- كىچىك خەتلەرگە ئۇزاق قاراش
بەدەننى كۇچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە
1- يۇمشاق كىيىم .2-نورمال مۇنچىغا كىرىش.
3- تاتلىق ۋە مايلىق تائام يىيىش
4-خۇش -پۇراقنى پۇراش
يۇزىنى قۇرۇتۇپ ، چىراينىڭ نۇرىنى كەتكۇزىدىغان تۆت نەرسە
1- يالغانچىلىق .
2-ئۇياتسىزلىق.
3- بىلمەي تۇرۇپ كوپ سوراش.
4- گۇناھنى كوپ قىلىش
چىرايىغا قان يۇگۇرتۇپ . نۇر ياغدۇرىدىغان تۆت نەرسە
1- ئالىجاناپلىق .
2- ۋاپا.
3-سېخىلىق .
4- تەقۋالىق
كىشىلەرنىڭ ئۆچمەنلىگىنى قوزغايدىغان تۆت نەرسە
1- تەكەببۇرلۇق .
2- ھەسەتخورلۇق
3-يالغانچىلىق .
4-چېقىمچىلىق
رىسقىنى زىيادە قىلىدىغان تۆت نەرسە
1- كېچە قوپۇش 2- سەھەردە ئىستىغپارنى كوپ ئوقۇش.
3- ۋەدىگە ۋاپا قىلىش.
4- ئەتتىگەن -كەچتە ئاللاھنى زىكرى قىلىش
رىزقىنى توسۇيدىغان تۆت نەرسە
1- سەھەرنىڭ ئۇيقۇسى .
2- نامازنىڭ ئازلىقى .
3- ھورۇنلۇق .
4- خىيانات
زېھنىگە زىيانلىق تۆت نەرسە
1- ئاچچىق نەرسىلەرنى يىيىش.
2- مىۋىلەرنى كوپ يىيىش.
3- ئوڭدىسىغا ئۇخلاش .
4- غەم -ئەندىشە
زىھنىنى كۇچلەندۇرىدىغان تۆت نەرسە
1- كوڭۇل خاتىرجەملىگى.
2- يىمەك -ئىچمەكنى ئازلىتىش.
3- مايلىق ۋە تاتلىق يىيىشكە ئەخمىيەت بېرىش.
4- بەدەنگە ئېغىر كىلىدىغان ئارتۇق نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش.
.
پايدىلىق بىلىملەركەن ،بىلىۋالدىم ،رەھمەت. بۇ يازمىدا ئاياللارنى كەمسىتىش مەناسى بارمۇ نېمە؟ مەن مىۋىنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىسى بار دەپ ئاڭلىغان، زىيانلىق دەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن،تازا ئىىشەنگۈم كەلمەۋاتىدۇ جۇمۇ .........:o پايدىلىق بىرەرسىگە "سامسا بىلەن قىززىق چاي ئىچىش" دېگەننى قىستۇرۇپ قويماپتۇيا...:Q مىللىي تىبابەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەل ئىسلامىي تىبابەت ۋە يۈرۈش - تۇرۇش مىزانىنى ئاساس قىلغاندۇر. بىرى ئوزۇقلۇق بىلەن تەنگە شىپا قىلسا، يەنە بىرى روھىيەت، مەنىۋىيلىك جەھەتتىن كىشلەرنى يامانلىقتىن، نەپسى بالالىقتىن، گۇناھلىقتىن، مەھكۇملۇقتىن توسۇپ، يامان خاھىش ۋە يامان ئىللەتلەردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئىسلام ئاجىزەلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ، شۇل سەۋەبلىك ئەرلەرگە كۆپرەك تەلەپ قويىدۇ، شەرىئەتلەردىمۇ ئالدى بىلەن ئەرلەرگە تەلەپنى چىڭ قويىدۇ. ئىسلامى شەرىئەت ھەمدە مىللىي تىبابەتتىكى مەزمۇنلار شۇ دەۋرلەردىكى كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە كىشلىك مۇناسىۋەتلىرى ئاساسلىرىدا بىزگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن، شۇ دەۋرلەردە ئەرلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭرىلەشكەن، كۆپ ساھەلەردە ئەرلەر ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى بولغان، ئاياللار پەرزەنت تەربىيلەش ۋە ئائىلىسىدىكى ئىشلارغىلا مەشغۇل بولۇپ ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى زور جەھەتتىن چەكلىمىدە بولغان. شۇڭا يۇقارقى تىببىي قاراشلاردا قىسمەن شۇ دەۋرلەرنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بار. شۇڭا ھازىرقى دەۋر ئاياللىرىغا قارىتا " كەمسىتىش" دىگەندەك تۇيغۇلارنى بېرىشى مۇقەررەر. ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، " پەيغەمبەرلەر تىبابىتى" كىشىگە پايدىلىقتۇركى ، زىيان قىلماس . بىلۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن،رەھمەت بارىكاللا!رەھمەت سىزگە! جىق نەرسە بىلىۋالدىم روھىيەت ساغلاملىغى ھەقىقەتەن بەدەن ساغلاملىغىغا ئوخشاشلا مۇھىم :) :)
نۇرغۇن ساۋاتلاردىن خەۋەردار قىلىڭىز .........ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر :handshake :handshake
بەت:
[1]
2