خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:04:29

كۆيۈككە چىش پاستىسى سۈركىمەڭ!

كۆيۈككە چىش پاستىسى سۈركىمەڭ!

  كىشىلەر بىر يېرى كۆيۈپ قالسىلا، يارا ئۈستىگە چىش پاستىسى،ۋازىلىن،سۇپۇن قاتارلىقلارنى سۈركۈپ قويىدۇ.دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ خاتا ئۇسۇل ئىكەن.بۇنداق قىلغاندا ، يارا ئېغىزىدىكى ئىسسىقلىقنى چىش پاستىسى قاتارلىقلار يېپىۋېلىپ،ئىسسىقلىق نائىلاج تېرە ئاستىدىكى تۇقۇلمىلارنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ ، چوڭقۇر قاتلاملىق كۆيۈك يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.كۆيۈك يارىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى:يارلانغان جاينى سوغوق سۇدا چايقاش،بىۋاستە جۈمەك ئاستىغا قويۇپ10 مىنۇت سوغۇق سۇ چۈشۈرۈپ چايقاش ياكى كۆيگەن جاينى سوغوق سۇغا چىلاپ سوۋۇتۇپ ، ئاغرىقنى پەسەيتىش، زەخمە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت.

  مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:05:32

مەنمۇ شۇنداق دەپ ئاڭلىغاچقا بەزىدە ئانچە مۇنچە شۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ قالاتتىم ، ئەمدى قارىسام بۇ خاتاكەن ئەمەسمۇ .

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:23:10

بۇئۇسۇلنى مەنمۇ ئاڭلىغان،دىققەت قىلىدىغان ئىش ئىكەن.

tuman1973 يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:33:03

ئادەمنى تىرىسى كۇيۇپ قالسىغۇ سۇغۇق سۇدا چايقاپ سۇغۇقلۇق ئۆتكۇزۇپ بەرسەك بولىدۇ. بىراق ئادەمنىڭ يۇرىكى كۇيۇپ قالسىچۇ؟...:P

tabassum333 يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:16:40

بۇ ئۇسۇلنى ئۈگۈتۈپ قويغىنىڭىزغا كوپ رەھمەت، خۇشچىراي :) بۇنىڭدىن كىيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن...:victory:

anar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 14:43:27

tuman1973 بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:33 دە يوللىغان /images/common/back.gif
ئادەمنى تىرىسى كۇيۇپ قالسىغۇ سۇغۇق سۇدا چايقاپ سۇغۇقلۇق ئۆتكۇزۇپ بەرسەك بولىدۇ. بىراق ئادەمنىڭ يۇرىكى كۇيۇپ  ...
نىمىسنى ياخشى كۆرسىڭىز شۇنىڭدىن كۆپرەك يەپ بېرىڭ ، نىمىنى كۆڭلىڭىز تارتسا شۇنىڭدىن كۆپرەك ئىچىپ بېرىپ ، كۆڭلىڭىز خالىغان ئىشلارنى قىلغاچ ئۆيدىكىلەرنى رازى قىلغاچ تۇرۇڭ دوستۇم !;P
بىز ھەر ۋاقىت سىزنى ئەسلەپ تۇرىمىز :lol

saye يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:14:35

anar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 14:43 دە يوللىغان /images/common/back.gif

نىمىسنى ياخشى كۆرسىڭىز شۇنىڭدىن كۆپرەك يەپ بېرىڭ ، نىمىنى كۆڭلىڭىز تارتسا شۇنىڭدىن كۆپرەك ئىچىپ بېرىپ ، كۆڭ ...

مونۇ ئىنكاس ساقىياي دەپ قالغان كېسەلنىمۇ قايتىدىن كۈچەيتىپ جەھەننەمگەئۇزىتىدۇ :L

neda يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 19:21:51

نەقىل:
tuman1973 بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:33 دە يوللىغان
ئادەمنى تىرىسى كۇيۇپ قالسىغۇ سۇغۇق سۇدا چايقاپ سۇغۇقلۇق ئۆتكۇزۇپ بەرسەك بولىدۇ. بىراق ئادەمنىڭ يۇرىكى كۇيۇپ  ...

يۈرىكىڭىزنىڭ كۆيۈشىگە سەۋەبچى بولغان ئادەمنى تېپىپ راسا دۇمبالاڭ!;P
چاقچاق قىلىپ قويدۇم~ھە! بۇ دوستىمىزغا بەخىت تىلەيمەن!
بەت: [1]
: كۆيۈككە چىش پاستىسى سۈركىمەڭ!