گازىرنى كۆپ چېقىش سالامەتلىككە زىيانلىق
گازىرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن ۋە ياغ كىسلاتاسى بار . كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى كىشلەر گازىر چېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ . گازىرنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق تەرەپلىرى بار بولسىمۇ ، زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس .گازىرنى كۆپ چاقسا ، شۆلگەي گازىر شۆپىكىگە چاپلىشىپ چىقىپ كېتىدۇ . ئادەتتە ، شۆلگەي ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ ، جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . شۆلگەي تەركىبىدە يەنە ئاجرىتىش تىپىدىكى ئىممۇنىتېت شار ئاقسىلى ۋە باكتېرىئولېزىن بولۇپ ، شۆلگەي ئېغىز بوشلۇقىدا پەيدا بولغان كىسلاتانى نېيتراللاشتۇرىدۇ ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ شىلىمشىق پەردىسىنى قوغداپ ، چىش چىرىش كېسەللىكى ۋە ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . شۆلگەي يەنە راك ماددىسىنىڭ زەھىرىنى تۆۋەنلىتىپ ، راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . گازىرنى كۆپ چاقسا ، شۆلگەي كۆپ مىقداردا خوراپ كېتىپ ، سالامەتلىككە بەلگىلىك زىيان يېتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، گازىر تەركىبىدە ياغ ماددىسى كۆپ بولغانلىقتىن جىگەرنى قاتۇرۇپ ، جىگەرنىڭ فونكىسىيىلىك رولىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ .
يېقىندا تولا چاقىدىغان بوپ قالغانتىم دەرھال تاشلاي بۇ ئادەتنى :L دۇنيادا مۇشۇ گازىرنىڭ شۇنداق مېھرى ئىسسىق بولىدىكەن، شۇنچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىگىنى، بولۇپمۇ ئاياللارغا. بىلىپ تۇرۇپ چاقىمىزدە.
ياخشى كۆرگەن نەرسەڭدىن ۋاز كەچ دېسە، بەك تەس كېلىدۇ ماڭا.:L مەنمۇ بەزىدە تۇرۇپلا شۇنچىلىك خۇمار قىلىپ كېتىمەن بۇ نەرسىنى، ئەمما كۆپ چېقىپمۇ كەتمەيتىم:) مەن تاماكا چەكمىگەندىكىن مۇشۇ گازىر دىگەننى ئەمما لېكىن تۈرلىرى بىلەن ئەكىرۋېلىپ چاقاتتىم . ئەمدى دىققەت قىلاي . :L چاقساق بولىدۇ ، دىمەكچى بەك كۆپ چاقماڭ . ئازراق چاقاي.:funk: مەنمۇبەك ئامراق ئېدېم .بۇنڭېدېن كېيېن دېققەت قېلاي. شۇ ئادەم "چاققان"دىن گازىر چاققان ياخشىمىكىن دەيمەن. ئانچە-مۇنچە چېقىپ قويغۇلۇق.
بەت:
[1]
2