خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 19:25:52

ئاياللارغا پايدىلىق ناشتىلىق يېمەكلىكلەر.

پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: پۇرچاق تۈرىكى يېمەكلىكلەردە مول تۆمۈر ماددىسى بار . ئەگەر بەدەندە تۆمۈر ماددىسى يېتىشمىسە ، ئاسانلا تۆمۈر ماددىسى كەملىك قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ . ئادەتتە بۇ خىل قان ئازلىق ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ . شۇڭا ئاياللار ئەتىگەندە ناشتا قىلغاندا ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە بەدەنگە كېرەكلىك تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاپ ، قان ئازلىقنى ۋە باشقا تۆمۈر كەملىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ .
   بانان : بانان يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىك بولۇپ ، تەركىبىدە ئادەم ئاسانلا قوبۇل قىلىدىغان كاربون-سۇ بىرىكمىلىرىدىن باشقا يەنە كالىي تەركىبىمۇ مول . كالىي يۈرەكنىڭ سوقۇشى ، قان-تومۇرلارنىڭ قىسقىراپ-كېڭىيىشى ، مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشى قاتارلىقلاردا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە . شۇڭا ئاياللار ناشتىدا بانان يەپ بېرىشنى ئادەت قىلسا بەدەننى يۇقىرى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە ، بەدەندە كالىي كەملەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
  بۆلجۈرگەن : بۆلجۈرگەن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C بولۇپ ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىللە ، تۆمۈر ماددىسىنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
ئارپا ئۇمىچى : بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سېلليۇلوزا بولۇپ ، بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئاستىلىتىپ ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ، قان قەنتىنى نورمال ساقلاپ ، قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ .

شەھلا يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 23:56:15

بانانغا مەن بەك ئامراق ئىدىم

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 01:04:51

ئۈچۈنچى تۈرىدىن باشقىسىنى مەن كۈندە دېگۈدەك ئىستىمال قىلىدىكەنمەن.:victory:

tabassum333 يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:27:29

مەن بولجۇرگەنگە بەك ئامراق ، چۇنكى قان تازلاش رولى ئنتايىن يۇقىرى .:P

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:08:01

ئاياللار مىۋە چىۋىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغىنى ياخشى ، مەنغۇ يەپلا قويىمەن مىۋە دىگەننى ، باغدا ئولتۇرۇپ يىگەندەك...

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:54:24

ئۇماچ ئىچىشكە بەك ئۆچ.:(

tuman1973 يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:37:13

ئەرلەرگىمۇ پايدىلىق ناشتىلىق يېمەكلىكلەر يوكمۇ؟:handshake
بەت: [1]
: ئاياللارغا پايدىلىق ناشتىلىق يېمەكلىكلەر.