خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:36:28

كېلىن - قېينانا مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىلىۋېلىكە تېگىشلىك قائىدە.

1. كېلىن بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
قېينانىسىنى ھۆرمەرلەش.
قېينانىسىنى ئۆز ئانىسىدەك كورۈش.
كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بولۇش ،ئۇششاق - چۇششەك ئىش ئۈچۈن يۇزتۇرانە ئېتىشماسلىق.
تۇرمۇشتا ئېتىبار بېرىش، روھى جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىش،دائىم قېينانىسى بىلەن
سۆھپەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىدىيەلەرنى سىڭدۈرۈش،لېكىن ئۇسۇلغا
دىققەت قىلىش لازىم.
گەپ تالاشماسلىق . قۇلۇم - قوشنىلار ئالدىدا قېينانىسى بىلەن گەپ تالاشماسلىق ۋە
قېينانىسىنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىق.
ئائىلىدىكىلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش. قېينانىسى ۋە باشقىلا بىلەن
بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ھەققىدە ئېرى بىلەن ئۆزارا تەجىربە ئالماشتۇرۇش.
2.قېينانا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
كېلىنىنى ئاسراش ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆز - كۆز قىلماسلىق ،كېلىنىنى يات كۆرمەي
ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئادىمى دەپ قاراش.
كېلىنىنىڭ ھازىرقى كۈنى بىلەن ئۆزىنىڭ كېلىنلىك دەۋرىنى سېلىشتۇرۇپ ،كېلىننى
ئەيىپلەپ يوقۇرى تەلەپ قويماسلىق.
ئوغلى بىلەن كېلىنىنى تەڭ كۆرۈش.
ئوغلى بىلەن كېلىنىنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارلىشۋالماسلىق.
كېلىنىنىڭ تۇگمىغانلىقى ياكى قىز تۇغقانلىقىنى كەمسىتمەسلىك.
كېلىنى بىلەن ئوغلىغا ياردەملىشىپ چامى يېتىدىغان ئائىلە ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىش.
نەۋرىلىرىگە ئاتا - ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ھەققىدە تەربىيە بېرىش.
ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ ،چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىپ ،كىچىك ئشلارنى كۆڭلىدە ساقلىماسلىق.

كېلىن - قېينانا مۇناسىۋىتى دىگەن ماتىريالدىن ئېلىندى.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:14:29

توۋا دەيمەن، بۇرۇندىنلا توي قىلسام ئاتا-ئانام بىلەن قوشۇپ قىينانام ۋە قىيناتاملارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ دۇئارىنى ئالىمەن، ياخشى ئايال بولغاندىن سىرت ۋاپادار كېلىن بولىمەن دەپ ئويلايتتىم، ئاللاھ بۇ تىلىكىمگە يەتكۈزمىدى:(

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:20:58

ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرماڭ مەرۋەرى ، بارلارنىڭ قەدرىگە يىتىپ ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ئۆتكىنىڭىزنىڭ ئۈزىمۇ چوڭ ئىش . بەزى ئىشلار ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك بوپ كەتمەيدۇ .

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:25:34

لېكىن تۇرمۇشتا ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋەرمەيدۇ. بەزىدە قېيىن ئانىلار بىلەن خاپا بولۇشۇپ قالىدىغان ۋاقىتلارمۇ بوپ قالىدۇ.

saye يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:28:38

ئەرلەرنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى قېينانا ۋە كېلىن ئوتتۇرىسىدىكى تاللاشقا دۇچار بولۇش.  
بىر دوستۇمنىڭ دىيىشىچە يىڭىدىن توي قىلغان كېلىن ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، قېينانىنىڭ كۆڭلىدە تۇنجى بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارى  ئەمەس ھالدا ئۆزىنىڭ ئوغلىنى كېلىنىدىن قىزغىنىدىن خاھىش پەيدا بولىدىكەن. بۇنىمۇ تەھلىل قىلىپ باقساق چۈشۈنۈشكە بولىدىكەن. كىچىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلغان ئوغۇل ئەمدى ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتسە، ئايالىغىلا كۆيۈنۈپ ئۆزىگە بۇرۇنقىدەك كۆيۈنۈپ، ئەركىلەپ ۋە ھۆرمەتلەپ تۇرمىسا قايسى بىر ئانىنىڭ كۆڭلى ئازار يىمەيدۇ؟ قايسى بىر ئانا ئالدى بىلەن گۇناھنى ئۆز ئوغلىغا قويىدۇ، ئۇلار ئاددىي ھالدا بۇنىڭ سەۋەبكارىنى كېلىننىڭ پەيدا بولىشىدىن دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن گەپ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدە ئازدۇر كۆپتۇر يىرىك مۇناسىۋەت شەكىللىنىدۇ. كېلىنمۇ ئادەمدە؟ ئۇمۇ ھېس قىلىدۇ دە . ئەمما ئۇ قېينانىنىڭ بۇخىل پوزىتسىيىسىنىڭ يۇقارقى ئىچكى سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلىپ كىتەلمىگەچكە، ئاۋال چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىدۇ. ئاخىرىدا سەۋر قاچىسى توشۇپ، تىل ياندۇرۇپ قويىدىغان، سىلكىشلەيدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.
ئاخىرىدا كەلگۈلۈك ئوغۇلغا كېلىدۇ. ئانىسىنىڭ سۆزى بىلەن ئايالىنىڭ سۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ئاشۇرمىچىلىقلار. قايسىسىغا ئىشىنىشكە قايسىسىنىڭكىنى راست قىلىشتا ئىككىلىنىدۇ. مۇۋاپىق ھالدا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىقالماي، ئۆزىنىڭ ئايالىنى بەكرەك باستۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇددىلار ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىق باشلىنىدۇ . ياكى بولمىسا ئۆز ئايالىنىڭكىنىلا راست قىلىپ ئاپىسىغا سوغۇق تىگىشكە باشلايدۇ. چوڭلار بىلەن مېھىر مۇھەببەت سوغۇقلىشىدۇ، مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپ يات ئادەملەردەك بوپ كىتىدۇ .
قايسىلا نەتىجە چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇلار راستىنلا بىز خالىمايدىغان نەتىجىلەردۇر . ئەقىللىق كېلىن قېينانىسىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ھەرۋاقىت تېپىپ تۇرىشى قانداقلا ئىش بولىشىدىن قەتئىي، ئۆز يولدىشى بىلەن پىكىرلىشىپ، مەسىلىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بويىچە تەھلىل قىلىپ تۇرۇش كېرەك، قېينانىلارمۇ يۇقۇرقى تېمىمىزدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، كېلىنلىرىنى ئۆز قىزلىرىغا ئوخشاش كۆرىشى. كېلىنىگە خاپا بولغان سېلكىشلىگەن ۋاقىتلىرىدا " مېنىڭ قىزىم خەقنىڭكىدە مۇشۇنداق كۈن كۆرىۋاتقانمىدۇ؟" دىگەننمۇ ئويلاپ قويىشى كېرەك . يۈز بەرگەن ئىشلارنى مۇمكىنقەدەر ئوغلىغا ئېيتىۋەرمەي، كېلىن بىلەن پىكىر ئورتاقلاشتۇرۇپ بېقىشى كېرەك. چۈنكى قېينىئانا چوڭ، كېلىن كىچىك بولغاندىكىن، سۆھبەت ھامان بىر ھۆرمەت كەيپىياتى بىلەن باشلىنىدۇ، ئۆز پىكىرنى بايان قىلىپ بولۇپ، كېلىنگىمۇ ئۆزىنىڭ پىكىرىنى بايان قىلىش پۇرسىتى بېرىشى ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن قۇبۇل قىلسا، مېنىڭچە كېلىن بىلەن قېينىئانا مۇناسىۋېتىمۇ ئۇنچە بەك مۇرەككەپ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشى ئەمەس .
ئەمدىكىسى ئوغۇل بولغان ئادەمنىڭ بىردىنبىر مەسئۇلىيىتى مۇشۇ ئائىلىنى مېھىر مۇھەببەتكە تويۇندۇرۇش كېرەك. شارائىتى يار بەرسە، يىڭى توي قىلغانلار ئۆي ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە ئالدىرماي ھېچ بولمىغاندا بىرەر يىل چوڭلار بىلەن بىرگە تۇرۇپ، قېينىئانا بىلەن كېلىننىڭ مېھىر مۇھەببەت يىتىلدۈرۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك . بولمىسا ئوتتۇرىدا مېھىر بولماي قالىدۇ.
بۇلار پەقەت مېنىڭ شەخسەن ئويلىغانلىرىم، قىلىپ باقاي دىسە قېلىش ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان كۆز قاراشلىرىم .

[ saye بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:11  دە تەھرىرلىگەن. ]

tabassum333 يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 12:54:19

قېيىنانا بىلەن كىلىن ئوتتۇرسىدا <ئەر > ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ .....ئۇ ئىككىسىنى يىقىن قىلىش ئەرنىڭ مەسۇلىيىتى ،ئەر تۇرمۇشتا ئانچە -مۇنچە يالغان سۇزلەشنى ئۈگىنىپ قويمىسىمۇ بولمايدۇ.....مەسلەن ئانىسىغا ؛< ئانا ....ئايالىم ماڭا داۋاملىق سىنىڭ ياخشى گىپىڭنى قىلىدۇ .....<ئاپامنى بازارغا بىللە ئىلىپ چىقايلى >دەۋاتىدۇ>.......دىگەندەك .....ئايالىغا < ئاپام ساڭا بەك ئامراق جۇمۇ....خوشنىلار ھەم تۇققانلار كەلسە ئۇلارغا داۋاملىق سىنىڭ ياخشى گىپىڭنى قىلىدۇ.....>دىگەندەك......ئەر بولغۇچى يەنە مەخپىيەتلىكنى ساخلىيالايدىغان ھەم سىر ساخلىغۇچى بولۇش كىرەك ،ھەرگىزمۇ ئانىنىڭ گىپىنى ئايالغا ،ئايالنىڭ گىپىنى ئانىغا توشىماسلىقى كىرەك.
بەت: [1]
: كېلىن - قېينانا مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىلىۋېلىكە تېگىشلىك قائىدە.