خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى 19:55:51

توخۇ دۈملىمىسى يەپ باقامسىز ؟



http://t3.baidu.com/it/u=392043852,811505780&fm=0&gp=0.jpg




[خۇرۇچى]

سېمىز،ياش توخۇ بىر دانە،كاۋاۋىچىن ئارىلاش تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،سۇڭپىياز ئۇچ تال،زەنجىۋىل ئازراق،قوۋزاقدارچىن ئازراق،شورپا ئازراق،ئاق شېكەر ئازراق،شاكال بەدىيان بەش تال، كۈنجۈت يىغى ئازراق،سۇ يېغى500گرام.
[پىشۇرۇش ئۇسۇلى]

1.توخۇنى بوغۇزلاپ،تۈكلىرىنى يۇڭداپ،ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋىتىپ،پاكىز يۇيغاندىن كىيىن،ئىچى ۋە تېشىغا تۇز،سېرىق ھاراق سۈركىلىدۇ.زەنجىۋىلنى سوقۇپ،ئۇنىڭغاشېكەر،كاۋاۋىچىننى،ئارىلاشتۇرۇپ،زەنجىۋىل،شېكەر،كاۋاۋىچىن ئۇنى تەييارلىنىدۇ.

2.توخۇنى چوڭقۇر قاچىغا سېلىپ،زەنجىۋىل،سۇڭپىياز،سوققان قوۋزاقدارچىن،شاكال بەدىيارلانى سېلىپ،قاسقانغا سېلىپ
دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.

3.قازانغا ياغ قۇيۇپ7-دەرىجەقىزىتىپ،دۈملەنگەن توخۇ گۆشىنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىپ،ئۈستىگە كۈنجۈت يېغى سۈركەپ تەخسىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ قۇيۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

تەييارلانغان كاۋاۋىچىن،زەنجىۋىل ئۇنىڭغا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ سۇڭپىيازلارنى باشقا-باشقا كىچىك تەخسىلەرگە ئېلىپ توخۇ گۆشى بىلەن بىللە قويۇلىدۇ.
[ئالاھىدىلىكى]

ئىشلىنىشى نازۇك،توخۇنىڭ تېرىسى چۈرۈك،گۆشى يۇمشاق،رەڭگى قىزىل،پارقىراق،شەكلى
كۆركەم،تەمى پۇراقلىق.


http://t2.baidu.com/it/u=2863618129,2226738673&fm=0&gp=0.jpg

esil يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:49:11

ما  قوساقنىڭ ئىچىپ كەتكىنىدە ما تىمنى كۈرۈپ چىدىماي  نەرسە يەپ سالدىم مانا

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 14:57:56

روزا تۇتمىغانلا بولسىڭىز يىسىڭىز ھىچنىمە بولمايدۇ ، كىلىڭە بولمىسا بىللە يەيمىز .

سامسىپەز يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:22:15

چۆچۈرە ئىچىپ باقامسىز؟ قورۇما چۆپ يەپ باقامسىز؟ توخۇ دۈملىمىسى يەپ باقامسىز؟ بەتتە پولو يەپ باقامسىز؟.......
..................................................

سوراپ بەرگۈچە ئۇرۇپ بەر دەپتىكەن....

سورىماي بىر ئېتىپ بېرىپ بېقىڭا؟:lol :lol

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:41:05

سامسىپەز بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:22 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
چۆچۈرە ئىچىپ باقامسىز؟ قورۇما چۆپ يەپ باقامسىز؟ توخۇ دۈملىمىسى يەپ باقامسىز؟ بەتتە پولو يەپ باقامسىز؟.......
.... ...
يەنىلا ئۆيدىكى خانىملىرى ئېتىپ بەرسۇن.:lol

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:24:29

سورىمىدىم ، تەكلىپ قىلىۋاتىمەن . تارتىنماي يەۋېرىڭ سامسىپەز .

tuman1973 يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:47:42

بۇرۇن مەن توخۇ گوشىدە ئىتىلگەن تائاملارغا بەكمۇ ئامراقتىم . سوڭەك ئوسۇش كىسەلىكلىرى كۆپەيگەندىن بىرى يىمىيدىغان بولدۇم.
شارائىت ئادەمنى ئۆزگرتىدىكەن.:$

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:41:08

http://player.56.com/v_1047572.swf

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:42:23

http://player.56.com/v_18131044.swf

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:44:00

توخۇ يېمەي گۆش گىردە يېسەڭلار سىگان قىزلىرىدەك گۈزەل بولۇپ كېتىسىلەر قىزلار ، يەنە ھېلىقى خوگو دەيدىغان نەرسىنىمۇ ئىللا-بىللا يېمەڭلار ...
بەت: [1] 2
: توخۇ دۈملىمىسى يەپ باقامسىز ؟