كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش.
كۆز مېيى ياكى تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش مەلھىمىنى سۈركەپ، كۆز ئەتراپىدىكى تېرىنىڭ نەمخۇش تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تېرىنى يۇمشىتىپ، قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .ياخشى ئۇخلىيالماي قاپاق ئىششىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياستۇقنى مۇۋاپىق ئېگىزلىكتە قويۇش كېرەك. بۇ يۈز قىسمىدىكى تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىغا پايدىلىق.
جۈخۇا گۈلىدىن ياسالغان ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىپ بېرىش كېرەك. جۈخۇا گۈلىنىڭ جىگەرنى ياخشىلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئىششىق قايتۇرۇش، زەھەر ياندۈرۈش رولى بار. ئەگەر كۆزنىڭ ئەتراپىدىكى تېرە سەل قىزىرىپ ئىششىپ قالغان بولسا، 10 گرام سېرىق جۈخۇا گۈلىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە تېز ئۈنۈم بېرىدۇ.
بەرەڭگە (ياڭيۇ)نى كۆزگە تېڭىش كېرەك. بىر دانە ئاقلانغان بەرەڭگىنى ئېزىپ داكىغا ئوراپ، كۆز ئەتراپىدىكى تېرىگە بەش مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە تېڭىش كېرەك. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىششىقنى ياندۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولى بار .
بەھرىنىساقىز ئادىل تەييارلىغان،شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى .
رەھمەت خۇشچىراي، پەقەتلا كىشىگە پايدىسىز نېمە يازمايسىز دەيمەن. :handshake
ھامان ئەسقېتىپ قالىدۇ، ھېچ بولمىغاندا ھورۇنلۇق قىلىپ ئاسرىماي قويغان كۈنلىرىمىزنىڭ ئەتىسلا ئىزدەپ كېتىمىز مۇنبەردىن بۇ تېمىنى. قەھۋە راست دەيدۇ، مۇشۇ كۈندە ھورۇنلۇقتا چەككە يەتتىم مەن:lol ، ھېيتقىچە بولسىمۇ بىر سىناپ باقاي:victory: قەھۋە راست دەيدۇ .ھامان ئەسقېتىپ قالىدۇ .
بەت:
[1]