خانىم ، نىمىنىڭ قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟
ھور مۇنچىسىكۆپلىگەن خانى - قىزلار خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ھەر خىل بېسىملارنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ، ھور مۇنچىسىغا چۈشۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ھور مۇنچىسى ئارقىلىق ئۆزىنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ ھەم ئورۇقلاش مەقسىتىگىمۇ يېتەلەيمىز ، دەپ قارايدۇ . شۇڭا ھور مۇنچىسىغا چۈشۈش نۆۋەتتە خانىم - قىزلار ئارىسىدا مودا بولىۋاتقان كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا .
خانىم - قىزلار ھور مۇنچىسىغا چۈشسە ، كۆپ مىقتاردا تەر چىقىپ ، ئېغىرلىقى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ . بىراق بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋال بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە بەدىنىڭىزدىكى مايلارنى سېيرىش رولىنى ئوينىيالمايدۇ ، پەقەتلا بەدىنىڭىزدىكى سۇ مىقتارىنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ . يەنى سۇ ئازىيىدۇ ، ماي مىقتارى ئۆزگەرمەيدۇ . شۇڭا ھور مۇنچىسىغا قانچە كۆپ چۈشسىڭىز ، تەر شۇنچە كۆپ چىقىپ ، قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ .
بېسىم
بىز بېسىمنىڭ قېرىشنى تېزلىتىۋىتىدىغانلىقىنى بىلىمىز . بىراق << قېرىش >> دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئىلگىرىكىدەك روھلۇق ، ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ، يەنى سىرتقى قىياپەتتىكى ئۆزگىرىشنىلا كۆرسىتىدۇ ، دەپ قارايمىز .
يېقىندا دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى يېڭىچە بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى بەس - بەستە ئېلان قىلدى . يەنى ئالىملار : پىسخىك جەھەتتىكى بېسىمنىڭ قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ، يەنى قېرىشنى ئون نەچچە يىل ئالدىغا سۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى . شۇڭا بىز بېسىم ھېس قىلساق ، ئۇنىڭغا ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇشىمىز لازىم . چۈنكى بېسىم ئىچكى ھۈجەيرىلەرگە تەسىر يەتكۈزىدۇ - ئەمەسمۇ ؟
تەتقىقاتچىلار 58 نەپەر ئانىنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ھەر خىل بېسىملارغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ، يەنى ئۈچتىن ئىككى قىسىم روھى بېسىمى ئېغىر ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى ، روھىي بېسىمى ئېغىر بولمىغان ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى ، يەنى روھى بېسىمنىڭ ھۈجەيرىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى 9 - 17 يىلغىچە بولغان ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىش تېزلىكى بىلەن باراۋەر بولىدىغانلىقى ، روھى بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ روھى بېسىمى يىنىك ئاياللارغا قارىغاندا توققۇز ياش تېز قېرىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى .
بۇ نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق پەرىق -ھە ؟ شۇڭا بىز ياش تۇرىشىمىز ئۈچۈن ، ئۆزىمىزنى ھەر ۋاقىت ئەركىن تۇتۇشىمىز لازىم .
يان تېلېفون
كۆپلىگەن خانىم - قىزلار يان تېلېفۇن رادىئاتسىيىسىنىڭ ئادەمگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ - يۇ ، قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .
نۆۋەتتە ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يان تېلېفون تارقاتقان ئېلېكتىر ماگنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ، قېرىش سۈرئىتى زەھەر چەككۈچىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى .
<< شىنجاڭ رادىئو تېلېۋىزىيە گېزىتى >> دىن ئېلىندى . خانىم-قىزلارغا دەپ قويغىدەك گەپلەركەن! ئەمىسە يان تېلىفۇنىمىزنى ئۆيدە قويۇپ قويامدۇق ؟ :( باغرىم بۇ يازمىنى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 22:06 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
ئەمىسە يان تېلىفۇنىمىزنى ئۆيدە قويۇپ قويامدۇق ؟ :(
ئۇنداق قىلماڭ بولمىسا مەن سىزنى تاپالماي قالىمەن باغرىم:lol بىر يىل دەم ئېلىپ ياشىرىپ كەتكەنتىم ...ئىشقا چۈشكەن يېرىم يىلدىن بېرى قېرىپلا كەتتىم دىسە :L anar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:52 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
بىر يىل دەم ئېلىپ ياشىرىپ كەتكەنتىم ...ئىشقا چۈشكەن يېرىم يىلدىن بېرى قېرىپلا كەتتىم دىسە :L
ئاشۇ ئاچىڭىز بىلەن بىلىللا بولسىڭىز ئالدىرىماڭ ئەتە ئۆگۈن خېلى ئىشلار بولىدۇ. مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:57 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
ئاشۇ ئاچىڭىز بىلەن بىلىللا بولسىڭىز ئالدىرىماڭ ئەتە ئۆگۈن خېلى ئىشلار بولىدۇ.
بۇ ھازىرقى ئەجەللىك بىر مەسىلە بوپ قالدى مۇشۇ يان تېلفۇننى قانداقمۇ قىلارمەن. ئاخشىمىسى بىر چاغقىچە مەشغۇلات قىلىپ ياتىدىغان مىجەزىم تېخى، ئاخىرى ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئوتقا ئىتتىرىدىغان ئوخشايمەن. ئۆيدە قىززىق كۈلكە، يۇمۇرلار ۋە باشقىلار كۆپرەك ھەمرا بولسا شۇ ئىشمۇ يوق ئادەمگە.:$ تېلىفۇندىن ئايرىلغىلى بولمىسا،بېسىم دىگەن ھەر سىكونت ھەر مىنۇت بىزدىن ئايرىلمىسا...بۇنى قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى؟:L
بەت:
[1]