saye يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:24:01

قانۇن دەرسخانىسى- يولدىن چىققان بەدىلى

ياش ئەر ئايال تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سىرتقا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا چىقتى. ئايال بىر شەھەردىكى پۇت يۇيۇش ئورنىدىن مۇئاشى ياخشى خىزمەت تاپتى. بۇ ئورۇننىڭ خوجايىنى ئايالنىڭ چىرايلىقلىقى ۋە ياشلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلىگە جىن چۈشتى. ئاخىرى تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئايالنى ئاشنا تۇتىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا مەخسۇس تۇرالغۇ ھازىرلاپ بەردى. ئايال ئىشلىمىسىمۇ خەجلەيدىغان پۇلىنى ئېلىپ "بەخت"نىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشكە باشلىدى.
بۇ تۇرمۇش گەرچە راھەت بولسىمۇ ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى دادىسىدەك ئادەمگە زايە قىلىۋەتكۈسى كەلمەي قالدى دە، تورغا چىقىپ ئۆزىدىن نەچچە ياش كىچىك بىر ئىشلەمچى يىگىتنى تېپىۋالدى.توردا ئىشىق پىراق سۆزلىرىگە قانائەت ھاسىل قىلىشماي ئاخىرى ئايالنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن بىر مېھمانخانىدا كۆرىشىپ بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولدى. ئىككىنچى قېتىم ئايال يۈرەكلىك ھالدا توردىكى ئاشنىسىنى ئۆيىگە چاقىرىپ كېلىپ مۇناسىۋەتتە بولىۋاتقاندا خوجايىن قايتىپ كەلدى. ياش يىگىت ھودۇقۇپ كەتكىنىدىن ئۈچىنچى قەۋەتتىكى بۇ ئۆينىڭ دەرىزىسىن پەسكە سېيرىلىپ قېچىپ كەتمەكچى بولدى، ھەمدە ئايالغا كارىۋاتنىڭ كىرلىكىنى ساڭگىلىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مانا شۇنداق قىلىپ يىگىت پەسكە سېيرىلىۋاتقاندا كارىۋاتنىڭ كىرلىكى ئۈزۈلۈپ كەتتى دە، يىگىت بىنادىن يىقىلىپ چۈشتى. تەلىيىگە يارىشا شۇ ۋاقىتتا بىنانىڭ ئالدىغا تۇخۇم ، توخو بېسىلغان ماشىنا توختىتىلغاچقا يىگىت يۈكنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ جېنى ئامان قالدى. ئەمما  قوۋۇرغىسى ۋە ئىچكى ئەزالىرى زەخمىلىنىپ 50 مىڭ يۈەن داۋالاش چىقىمى تارتتى.
1. بۇ  50مىڭ يۈەن داۋالاش چىقىمىنى ياش يىگىت ئۆزى يالغۇز تارتىشى كېرەكمۇ؟ ئايالنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ يوق؟ خوجايىننىڭچۇ؟
2. يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئايالدىن پۇل سوراپ بارغاندا ئايال بارلىق مەسئۇلىيەتنى يىگىتكە ئارتىپ قويدى. دەرزىدىن چۈشىمەن دىگەنمۇ ئۆزى، كارىۋاتنىڭ كىرلىكىنى ساڭگىلىتىپ بەر دىگەنمۇ ئۆزى. مەندە ھېچقانداق مەسئۇلىيەت يوق دەپ تۇرىۋالدى. ئايالنىڭ سۆزىنىڭ قانۇن ئاساسى بارمۇ يوق؟
3. يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئايالدىن قايتا داۋالاش چىقىملىرىنى تەلەپ قىلغاندا ئايال ئۇلارغا ئوغلىنىڭ ئايالدىن 30 مىڭ يۈەن قەرز ئالغانلىقىنى، ئەگەر چىقىم ئالىمەن دىسە شۇ پۇلنى ئۇدۇللاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىرقى داۋالاش تۆلىمىگە ئىلگىرىكى قەرز ھۆججىتىنى ئۇدۇللاشقا بولامدۇ يوق؟
4. يۇقارقى دىلودا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بىنا ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان يۈك ماشىنىسىدىكى توخو ۋە تۇخۇملارنىڭ زىيىنىنى كىم تۆلەيدۇ؟
يۇقارقى دىلونىڭ تەپسىلاتىغا ۋە ئاخىرىدىكى بىر قاتار قانۇنىي مەسىلىلەرگە قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى قىسقا سىن فىلىمىغا دىققەت قىلغايسىز.
http://player.56.com/v_NTYxNDU5ODk.swf
ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈش:http://www.56.com/u64/v_NTYxNDU5ODk.html

[ saye بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:25  دە تەھرىرلىگەن. ]

nuruz-ay يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:34:22

ۋاي توۋا ئاۋۇ خۇتۇننى ... ھېېسىياتنىڭ كەينىگە كىرگەنگە تۇيۇپتۇ مانا، كۆڭۈل دەپ تېپىپتىكەن ئۇ يىگىتنى ...مۇشۇ خەقتە يۈز يوقمىكىن دەيمەن، ئىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشدىن قورىقماي ، سەتلىشىپ سوتلارغا چىقىپ ، تۆلەم سەۋەپلىك ئۇرۇشۇپ يۈرگىنىنى قارىمامدىغان، نوچىلىقىنى قارا، ئۆيىگە باشلاپ كەلگىنىنى ، خوپ بولدى تازا، ئاخىرىدا تۆلەم تۆلەش بىلەن بىرگە، ئاۋۇ بىر ماشىنا تۇخۇمنىمۇ تۆلەيدىغان بوپتۇ ئىككىسى يېرىمدىن... ئەر خەققە تۇيۇپتۇ تازا...30 مىڭ يۈەن قەرزىنىمۇ ئۇدۇللاشتۇرالماپتۇ ئۇ بىچارە خۇتۇن... نىمە قىلاتتىڭ بىچارە سىڭگەن نېنىڭنى يېسەڭچۇ،،، ئەمدىغۇ تويغانسەن ;P ;P

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 11:52:03

بۇ خەقلەر بىلەن بىللە ياشاپ قالغىنىمغا ئۆزەمنى مەينەتچىلىك ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.......

saye يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 11:54:19

ھاھاھا. ۋاي نورۇزۇم . تويغۇزۋېتىپسىزغۇ بۇ ئايالنى...مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنى تەرجىمە قىلىپلا ئەۋەتىپ بەرسەك ئەقلىنى تاپاتتى ئۇ ئايال .

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:21:42

ئۇنچىلىك گەپلەرگە ئەقلىنى تاپالىغىدەك ئەقىل بولسا ئۇنداق ئىشلارنى قىلماستى ؟
بەت: [1]
: قانۇن دەرسخانىسى- يولدىن چىققان بەدىلى