guljetin يوللانغان ۋاقتى 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:05:56

كۆرۈشنى ئەڭ خالايدىغان پەيت

كۆرۈشنى ئەڭ خالايدىغان پەيت
بىر ئانىنىڭ ئوغلى جەڭ مەيدانىدا قازا قىلىدۇ، بۇ خەۋەر ئانىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە، ئانا ئىنتايىن ئازاپلىنىدى ۋە تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ ئاھ ئۇردى:
    __ ئەگەر مەن ئۇنى بىر كۆرىۋالغان بولسام، پەقەت بەش مىنۇت بولسىمۇ، كۆڭلۈم ئەمىن تېپىپ قالغان بولاتتى.
    دەل شۇ چاغدا پەرشتە پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن سورىدى:
    __ سىز ئوغلىڭىزنى كۆرسىڭىز بولىدۇ، ئەەمما پەقەت بەش مىنۇت.
    __ تېزرەك، قېنى ماڭا ئوغلۇمنى تېزرەك كۆرسىتىڭ، _ دەپتۇ شادلانغان ئانا ياش تۆككەن ھالدا.
    ئوغلىڭىز چوڭ ئادەم بولۇپ قالدى، ئۇ 30 ياشقا كىردى ئەمەسمۇ؟ _  دېدى پەرشتە، سىزنىڭ ئۇنىڭ 30 يىللىق ھايات مۇساپىسىدە قايسى بەش مىنۇتنى كۆرگىڭىز بار؟
    بۇ ئانا پەرشتىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەماللىققا نېمە دىيىشىنى بىلمەي قالدى.
    __ سىز ئۇنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغاندىكى ئەھۋالىنى كۆرەمسىز ياكى ئۇ سىزدىن ئايرىلىپ قىسىمغا كىرگەن چاغدىكى ھالىتىنى كۆرەمسىز؟ _ دېدى پەرشتە يەنە، __ سىز ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقىۋاتقانچاغلىرىدا مۇنبەرگە چىقىپ مۇكاپات ئالغان ۋاقىتلىرىنى كۆرۈشنى خالامسىز ياكى بوۋاق چاغلىرىدا ئىللىق باغرىڭىزغا يېپىشىپ تۇرۇپ ئاپپاق سۈتىڭىزنى ئەمگەن چاغدىكى غەمسىز، بەختىيار چاغلارنى كۆرۈشنى خالامسىز؟
    ئانىنىڭ كۆزى چاقناپ كەتتى، ئۇ پەرشتىگە مۇنداق دىدى:
    __ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرگۈم يوق، ئۇنىڭ ھېلىقى چاغدا ھويلىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، پۇتىنىڭ سۈرۈلۈپ كەتكەن يېرىنى تېڭىپ قويۇشۇمنى ئېيتقان كۆرۈنۈشنى كۆرگۈم بار. شۇ چاغدا ئۇ تېخى كىچىك ئىدى، ئېھتىياتسىزلىق قىلغىنىدىن پۇشايمان قىلاتتى، كۆز يېشى يۈزىنى يۇيغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ باغرىمغا ئۆزىنى شۇنچىلىك كۈچلۈك ئاتقان ئىدىكى، مەن ئارقىمغا ئۆرۈلۈپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىم....
    بۇرادەر ھىس قىلدىڭىزمۇ؟ ئانا ئەڭ كۆرۈشنى خالايدىغان پەيت بالا ئۆزىگە مۇھتاج بولغان چاغ....


                                            
                            ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئېلىندى

nazinin يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:32:37

بالا بىزگە مۇھتاج بولغان ئەشۇ دەقىقىلەر ھامان كۆز ئالدىمىزدىن كەتمەيدۇ .

akkukiz يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:25:34

1# guljetin نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەسسالام مۇئەلەيكۇم  ھۇرمەتلېك يازغۇچې خانېم  ھەقېقەتەن  ياخشېيېزېپ سز ئاپېرېن ئۇلۇغ ئاللا قولېڭزغا دەرت بەرمېسۇن   شۇنداق ياخشې  يېزېپ سز  :'(

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:00:19

guljetin نىڭ بۇ يازمىسىنى بىرەيلەنگە پوچتا يوللانمىسى قىلىپ ئەۋەتكۈم كېلىۋاتىدۇ:) ، مۇشۇ كونا تورداشلارنى بىر يىغالىساق بەكمۇ ياخشى بولاتتى:loveliness:

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:24:29

مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:00 دە يوللىغان /images/common/back.gif
guljetin نىڭ بۇ يازمىسىنى بىرەيلەنگە پوچتا يوللانمىسى قىلىپ ئەۋەتكۈم كېلىۋاتىدۇ:) ، مۇشۇ كونا تورداشلارنى بىر يى ...

بىزدەك يېڭىلارنى قوشمايما ھى ھى


بەك تەسىرلىككەن بۇ تىما  .......  رەھمەت

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى 00:14:01

ئانىنىڭ ئاتىنىڭ قېرىنداشنىڭ،دوستنىڭ ئىللىق باغرىغا نىمە يەتسۇن....
بەت: [1]
: كۆرۈشنى ئەڭ خالايدىغان پەيت