مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 13:32:27

ئىككى ياشلىق ئوغلىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئاتا مۇددەتسىز قامالدى

http://news.ulunix.com/ewebeditor/UploadFile/2010111124953776.jpg


ئۆگەي ئانىسىنىڭ قىزى توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلدار بولۇپ قالغاندىن كېيىن، لى خەيلوڭ ئۆگەي سىڭلىسى بىلەن توي قىلغان. بىراق توي قىلغاندىن كېيىن ئىككىيلەن ئارىسىدا جىدەل-ماجرا قۇرۇمىدى، ئايالىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن رازى بولمىغان، لى خەيلوڭ ئىككى ياشلىق ئوغلىدىن ئاچىقىنى چىقاردى (بۇ يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، گېزىتتە «ئىككى ياشلىق ئوغلۇنى ئاتىسى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى» دەپ خەۋەر بېرىلگەن). كېيىن ئوغلى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى. 28-ئۆكتەبىر، جېڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قاراپ چىقىپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن لى خەيلوڭنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

مەنبە:تېڭشۈن تورى                                             2010-يىلى1-نويابىر

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:51:48

12 ياشلىق كەنجى ئوغلۇم 12 ياشقا توشۇۋېلىپ شۇنچىلىك ئويۇنقېپى بولۇپ كەتتىكى، ئۆگىنىشكە قىلچە رايى بارمايدۇ، ئىلگىرى خەنزۇ مەكتەبتە بەكلا ئۆگىنەتتى، 9-ئايدا 6-سىنىپقا كۆچكەندە ئۇيغۇر مەكتىپىگە يۆتكىۋەتسەم، 3-سىنىپتا ئوقۇپ بولغان دەرسلەر ئىكەن، دەپ زادىلا ئۆگىنىش قىلمايدۇ، تېلېۋىزوردىن زېرىكسىلا مەندىن كومپيۇتېر تالىشىدۇ. گەپكە كىرگۈزەلمەي لۈڭگە بىلەن پاچاق-بىلەكلىرىگە بىرنەچچىنى ئۇرۇپ قويسام ساقچى چاقىرىمەن، دەيدۇ تېخى، مانا ئەمىسە دەپ يەنە بىرنى ئۇرغاندىن كېيىن، خۇددى يۈسۈف پەيغەمبەرنى ئۇرغان مالىك ھەزرەتنىڭ كارۋىنىدىكى بىر بۇددىستنىڭ قولى ئاغرىپ كەتكەندەك ئۈچ كۈندىن بېرى ئوڭ قولۇمنى مىدىرلىتالمايمەن. ئۇ بۇنى بىلىپ ئاخشام كەچتە تازا سىيلاپ ، ئۇۋىلاپ قويۇۋىدى بۈگۈن خېلىلا ئارام بەردى.
دېمەك، بالىلارنى ئۇرۇشقا قەتئىي بولمايدىكەن، بالىلاردا خىزىرنىڭ خاسىيىتى بارمىش.

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:06:54

بىچارە بالا :'(

Erkman يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:10:12

nazil بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 13:56 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
:'( بۇ ڭشتڭن بھك كھتڭك ھزھپلھندڭن چۇنكڭ ۇ دڭەھن سھبڭ  بھلھ تۇرسھ شۇندھكمۇ  كڭلھمدۇ مھنچھ ۇ ھتڭنڭ ڭتڭۈھتسڭمۇ بۇل ...
بۇ خەت نادىن نازىل بولغاندۇ ؟:lol

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:31:35

Erkman بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:10 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif

بۇ خەت نادىن نازىل بولغاندۇ ؟:lol
ئەپەندىم نازىل خانقىز يېڭى ئۇگەنگۈچى ئوخشايدۇ .

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:33:25

بۇ يەردە بىر ئايال مەلۇم بىر قىيىنچىلىقلارغا چىدىماي ئاۋال ئىككى بالىسىغا زەھەر ئىچۈرۈپ، ئاندىن ئۆزى زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالدى، بالىلىرىنىڭ بىرى بىر يېرىم ياش، بىرى تۆت ياش ئىدى.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:55:38

Aydar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:33 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
بۇ يەردە بىر ئايال مەلۇم بىر قىيىنچىلىقلارغا چىدىماي ئاۋال ئىككى بالىسىغا زەھەر ئىچۈرۈپ، ئاندىن ئۆزى زەھەر ئ ...
خۇدايىم بەندىلىرگە سەۋر -تاقەت ئاتا قىلغاي!
قانداقمۇ قولى بارغاندۇ؟ مەن باللىرىمغا قاتتىقراق ۋاقىراپ قويغان كۈنۈم كۆڭلۈم بىر كۈن غەش يۈرۈيدۇ:(

tiwix يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:03:14

بۇ كىشىلەرنىڭ يۈرىگى  نىمىدىن  پۈتكەندۇ  :o :o

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:13:58

tiwix بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:03 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
بۇ كىشىلەرنىڭ يۈرىگى  نىمىدىن  پۈتكەندۇ  :o :o
شۇنى دەڭە ~ :L

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:30:59

شۇ بىزمۇ ھەيران قالدۇق، بىر ئائىلىدىن بىراقلا ئۈچەيلەن يەرلىككە قويۇلدى، مەن ئاڭلاپ بەك بىئارام بولدۇم.
بەت: [1] 2
: ئىككى ياشلىق ئوغلىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئاتا مۇددەتسىز قامالدى