ئايدىل يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 12:13:46

65ياشلىق بوۋاينىڭ ئاشنىسى 200مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالدى.

يۆشۇ رايونىدىكى تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بىر ئەر-ئاياللارنىڭ ناتوغرا مۇناسىۋەتتە بولغان دېلوسىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلدى: 65 ياشلىق ۋاڭ لاۋبو، كېپىللىك قىلىپ ئېلىۋالغان ئاشنىسى ئوغۇل دوستى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ 200 مىڭ يۈەن پۇلنى قاقتى سوقتى قىلىپ ئېلىۋېلىۋالغانلىقىنى يۆشۇ رايونىدىكى تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلغان.
2009-يىلى، 65 ياشلىق ۋاڭ لاۋبو مەلۇم بىر ھور مۇنچىدا 16 ياشلىق ئۇۋلاش ئۇستىسى جاڭ دەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ئىككىسىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ۋاڭ لاۋبو تېزدىن بىر يۈرۈش ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ جاڭ دەننى كېپىللىككە ئېلىۋالغان. 2010-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ۋاڭ لاۋبو ئىككەيلەن ئىجارە ئالغان ئۆيدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتا، بىر ياش ئەر ئېتىلنىپ كىرىپ، ۋاڭ لاۋبونىڭ ئۆزىنىڭ  قىز دوستى بىلەن ئوينىغانلىقى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەن پۇل بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كارۋاتتىكى ھالىتىنى يانفۇنىدا رەسىمگە تارتىۋالغان.
ئۇ ئەر كەتكەندىن كېيىن، جاڭ دەن ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن ھالەتكە كىرىۋېلىپ، تېخمۇ ئوت قويرۇقلۇق قىلغان. ۋاڭ لاۋبو قورقۇپ كېتىپ، تېزلىكتە ئەپلەپ-سەپلەپ 80 مىڭ يۈئەننى جاڭ دەنگە بېرىپ، ئوغۇل دوستىغا بېرىشنى ئېيتقان. جاڭ دەن ۋە ئۇنىڭ ئاتالمىش ئوغۇل دوستى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىغان، ئۇ توختىماي تېلفۇن ئۇرۇپ ۋە قىسقا ئۇچۇر يېزىپ ۋاڭ لاۋبونى قالغان 120 مىڭ يۈەننى بېرىشكە قىستىغان. ۋاڭ لاۋبو ئامالسىز ساقچىدىن ياردەم سورىغان.
نۆۋەتتە، يۆشۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ئىككى جىنايەت گۇماندارىنىڭ قاقتى سوقتى قىلىپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى ئۈچۈن سوتقا ئەرىز سۇندى.

مەنبە : سىنا تورى

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 13:28:27

توۋا دىگۈلۈك 65 ياشتا ئاشنا تۇتۇپ نىمە كەپتۇ ئەمدى، پۇلى ئېشىپ تېشىپ كەتكەن ئوغرى بولسا كېرەك:lol ، قېنى ماۋۇ ياقام چىشلىۋېتەي:lol

Aychiwer يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 14:39:31

قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقلىرى ئۇنىڭدىن ئارتۇق~  :P  توۋا دېمىسە بىكار

ئىسيانكار يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 14:49:57

تۈلكە جىنخا ئۇچراپ قاپتۇدە، بۇ قېرى  سۇيۇق ئاش

anar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:24:03

خوپ بوپتۇ تازا ...قېرىغىنىنى بىلمىگەندىكى

deldax يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:57:27

بۇ شۇنداق جاھان...

tiwix يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:41:38

deldax بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:57 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
بۇ شۇنداق جاھان...

بۇ  قانداق  جاھان؟؟؟؟؟؟؟

باغرىم يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:47:19

65 ياشقا كىرىپمۇ ئاشنا ئوينىغاندىكىن ئېلىۋالىدۇ شۇ ...

esil يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 02:16:02

65 ياشلىق كىشىنىڭ   پۇلدىن باشقا   نىمىسى بار .

sansiz0903 يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:14:14

ئىمانسىزلىقنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىدىن كىلىپ چىققان ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان قېلىقلار چىقىۋاتىدۇ.
200 مىڭ يۈەن ئازكەن...
بەت: [1]
: 65ياشلىق بوۋاينىڭ ئاشنىسى 200مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالدى.