تۇرمۇش
تۇرمۇش-ئۈلپەت
ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇ. بەزىلەر ئۇنى ئالتۇن كاسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسۇپ ئىچىدۇ.
ئالتۇن كاسسىسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر بولسا قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق.
ئۇنىڭدىكى پەرق پەقەت سۇ ئۇسسىدىغان سايماندا. قەلەندەر بىلەن پادىشاھنىڭ پەرقى ئەنە شۇ ئۇسسىدىغان<<قاچا>>دا.
پەقەت ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارىتقان كىشلەرلا سۇنىڭ تاتلىقلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. قۇملۇق كېزىپ ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارغىنلىقنى يەتكۈچە تارىتقان سەيياھ سۇنىڭ لەززەتلىك تەمىنى ھەقىقىي تېتىيالايدۇ .
چىڭقى چۈشنىڭ ئاپتىپىدا يەر تېرىپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن دېھقانلا ر سۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
يەنە بىر خىل كىشلەر باركى، ئۇلار سالقىن يەردە ئولتۇرىۋېلىپ نەپىس جاملاردا قانچە يۇتۇم سۇ ئىچسىمۇ سۇنىڭ تاتلىقلىقىنى تېتىيالمايدۇ.
بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلار سەيياھدەك ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارىتمىغان. دېھقاندەك قاق چۈشتە يەر تېرىپ باقمىغان. شۇڭا، ئۇلار سۇنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلالمايدۇ.
مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە تاماق ۋە سۇنىڭ لەززىتىنىلا ئەمەس، تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنىمۇ بىلەلمەيدۇ.
[ Coffee بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:00 دە تەھرىرلىگەن. ] مەرھابا سەلتەنەت!
ئېسىل تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي~!
مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ،ئەگەر ئۇ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە تاماق ۋە سۇنىڭ لەززىتىنىلا ئەمەس،
تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنىمۇ بىلەلمەيدۇ.
بۇ جۈملىلەر تولىمۇ مەنىلىك ئىكەن، ماڭا ياقتى، رەھمەت! تۇرمۇش بىر سەھنىگە ئوخشايدۇ. ئادەملەر بولسا شۇ سەھنىدىكى رولچىغا ئوخشاش. كىشىلەر بۇ سەھنىدە ھەر خىل روللارنى ئالىدۇ. ئەمما كىملەرنىڭ قانداق روللارنى ئېلىشىنى ھېچكىم بەلگىلىيەلمەيدۇ، پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىلا خاستۇر. خۇددى "تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر" دېگەندەك. بايا بىر ئۇچۇر كەپتىكەن.... يوللاپ قوياي:
ھايات بىر مەيدان مۇسابىقىگە ئوخشايدۇ... ئالدىنقى يېرىم مەيداندا دىپلوم، ھوقۇق، ئۇنۋان، مائاش... دەپ كۈرەش قىلىمىز. كېيىنكى يېرىم مەيداندا قان بېسىم، قان قويۇقلۇق، دىئابىت... بىلەن كۈرەش قىلىمىز... ئافغانىستانلىق ئورفاتنىڭ نەسىرىدەك قىلامدۇ نىمە ؟ شۇنداق ،بۇ ئافغانىستانلىق <ئولفات>نىڭ ئەسىرى،،،تەرجىمىدە<ئۈلپەت> دەپ ئېلىنىپتۇ سامسىپەز بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:18 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
بايا بىر ئۇچۇر كەپتىكەن.... يوللاپ قوياي:
ھايات بىر مەيدان مۇسابىقىگە ئوخشايدۇ... ئالدىنقى يېرىم مەيداندا دىپل ...
توغرا ئۇچۇركەن ...ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئۆتىۋاتىدۇ ئۆمرىمىز توق ئاچنىڭ قەدرىنى بىلمەس ...
بەت:
[1]