maymah يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 19:34:05

لايىق ئىزدەيمەن (ساتىرا)

يەنە بويتاق يۈرىمەن ئايلار ئۆتۈپ يىل ئۆتۈپ،
قېرى يىگىت بوپ قالدىم يىگىرمە يەتتە يىل پۈتۈپ.
ياخشى قىزلار كۆپ ئىكەن ئاڭلىسام بۇ مۇنبەردە،
شۇڭا مەن قوشاق قاتتىم سىزلەردىن ئۈمىد كۈتۈپ.

ئاۋۋال مەن بايان قىلاي تۇرىقىمنى يېشىمنى،
يەنە ئوچۇق دەپبېرەي كەسىپىمنى ئىشىمنى.
ياخشى نىيەت تورداشلار ياردەم قىلىپ يالغۇزغا،
لايىق قىزلار بوپ قالسا ئوڭلاپ قويار بېشىمنى.

يېشىم يىگىرمە يەتتە بويۇم بىريۈزسەكسەن بەش،(سانتىمىتىر)
ئۇچامدا بار شىم- كەستۇم،پۇتۇمدا بار مايماق كەش.
چىراي تۇرقى قانداقتۇ دەپ قالماڭلا قىزچاقلار،
ئازراق پاناق بۇرۇنۇم كۆزۈم چىكىت قېشىم پەش.

كەسىپىڭچۇ دىسىڭىز ،كەسپىم مىنىڭ بىكاچى،
تەلىيىمگە يارىشا ئاپامنىڭ بار بىساتى.
قوساق تويسا بولدىغۇ نىمىش قىلاي تىرىشىپ،
خۇدايىم بېرەر يەنە ،قىپ بولغاندا نىكانى.

قىزىقىشىڭ دىسىڭىز ،قىزىقىشىم كۆپ خېلى،
خىيال سۈرۈش قەرت ئويناش يەنە بار تور ئويۇنى.
شۇڭا بەكلا ئالدىراش باشقا ئىشقا يوق ۋاقىت،
بەك بىكارچى بوپ قالسام چىكىپ قويمەن نەشىنى.

ئارزۇيۇڭچۇ دىسىڭىز،ئارزۇيۇم ئالىم بولۇش،
ئەزمەتخاندەك پۇل تېپىپ ھەممىگە زالىم بولۇش.
بىرەر كۈنى تۇيۇقسىز كۈچلۈك بولسام خىمەندەك،
خۇدا بەرسە ئىلىمنى يادلىماي قارىم بولۇش.

چۈشەندۈرۈشۈم تامام،ئەسسلاتۇ ۋەسسلام،
ئۇچۇر يېزىپ قويارسىز سىزگە يارىغان بولسام.



---ئاپتورى : مايماق

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:43:39

;P يەتتە قىزغا ئېلان چىقاردىڭىزما

esil يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 00:00:14

باش سۈرئىتىڭىز  ئەجەپ قۇرقۇنۇچلىقكەن

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 07:24:18

يەتتە قىزلىرىمغا كىرىپ لايىق ئىزدىگىنىڭىز شۇنداق توغرا بوپتۇ ، لېكىن نىمە دىگەن قورقۇنۇچلۇق رەسىم ئاۋۇ  . تۆۋۋە !
( ھىلىمۇ ياخشى بويۇمدا يوقكەن بولۇپ قالغان بولسا بۇ قورقۇشۇمدا چۈشۈپلا كېتەتىكەن :lol )

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 12:45:46

ئاخىرى كىرىپسەندە، يەتتە قىزلىرىمغا كەلگەن قەدىمىڭىگە مەرھابا!
كىرىپلا مۇنبەردىكى قىزلارنىمۇ قورقۇتۇۋېتىپسەن مۇشۇ ئەھۋالىڭ بىلەن لايىق تاپمىقىڭ بەسى مۈشكۈل.:lol
يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار مۇنبىرىدىن لايىق تاپىدىغان ئادەم باش شەكلىڭگە چىرايلىق يىگىتنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ ئانچە-مۇنچە پەرداز بىلەن كىرمەمسەن دەيمەن. ئالۋاستىنى باش شەكىل قىلىپ كىرسەڭ ساڭا ماقۇل دېگۈسى بار قىزلارمۇ سەندىن قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ. يەنە تېخى نەشە چېكىمەن دەپسەن قايسى قىز ساڭا تېگىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ؟ توي قىلالماي يىگىرمەي يەتتىگە كىردىڭ مۇشۇنداق كېتىۋەرسەڭ قىرىق يەتتىگىمۇ كىرىپ كېتىسەن.;P  دېمىسىمىغۇ ئۆزۈڭمۇ ئانچە چىرايلىقمۇ ئەمەس.:lol
ئېسىل شېئىرلىرىڭنى يېزىپ تۇرغىن، قەلىمىڭ گاللىشىپ قالىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردىغۇ شېئىر يازمايدىغان ھورۇن بوپ قالدىڭ.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:46:13

ئەسلى تونۇش مايماق دەڭلا بۇ :lol

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:28:20

مايماق بولسىڭىزمۇ، بۇنچە كۆرۈمسىز بولمىغان بولسىڭىز مەن ئويلىشىپ باقارنكەنمەن:lol :lol

زەپەر يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:51:15

مۇنبەردە ئېلان بېرىش،بۇمۇ بولىدىغان چارىمۇ نىمە :lol

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:54:27

زەپەر بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:51 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
مۇنبەردە ئېلان بېرىش،بۇمۇ بولىدىغان چارىمۇ نىمە :lol
مايماق ھەممىسى سەندىن ئىش ئۈگەنگىلىۋاتىدۇ.:L

maymah يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:30:04

دىلەيسەم.................:kiss:
بەت: [1] 2
: لايىق ئىزدەيمەن (ساتىرا)