مەرھۇم پەرىدە قاسىم
http://basbas.cn/uploadfile/ent/uploadpics/200909/Max_2007041005385032.jpgداڭلىق كىنو ۋە ناخشا چولپىنى پەرىدە قاسىم 1963 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . 1981- يىلدىن 1985 - يىلغىچە بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيسىنىڭ كەسپى ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن . پەرىدە قاسىم ئىلگىرى كېيىن بولۇپ « يۇرتۇمنىڭ كۈيى » ، « دوزاققا سەپەر » ، « ئەللىك سەككىز يېرىم » ، « خاربىندىكى سۇيقەسىت » ، « شىئەندىكى قىرغىنچىلىق » ، « قىزچاق، ئىت ۋە قاچقۇن » ، « ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى » ، « تىنچسىز قۇمباغ » ، « تۇرپانغا مۇھەببەت » ، « چەكسىز مۇھەببەت » ، « مۇھەببەتنىڭ پايانى يوق » ، « مۇھەببەت مەستانىلىرى » ، « سىرلىق لوپنۇر كۆلى » ، « قانلىق دېلونىڭ پاكىتى » ، « نۇرلۇق قەلبلەر » ، « ئۇلار يىراقتىن كەلگەن » ، « پاراشۇت چېچەكلىرى » ، « نۇرلۇق ئابىدىلەر » قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىنو فىلىملىرى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا باش رول ئالغان . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى تالانتىنى نامايان قىلىپ « تەشنالىق » ، « سۆيىمەن سىنى دۇنيا » ، « ئارزۇ » قاتارلىق لېنتىلىرىنى نەشر قىلغان . ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە باي ئېكران ئوبرازى ، لىرىكىلىق ناخشىلىرى بىلەن سانسىزلىغان قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان بۇ تالانت ئىگىسى 2000- يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قازاقىستاندا قاتناش ھادىسىدە قازا قىلدى.
سۇرىتىڭگە قارايمەن
http://player.56.com/v_NTQ5NTAwNTI.swf
[ otkankunlar بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:47 دە تەھرىرلىگەن. ] ھەي...ئۆتكەن كۈنلەر ئەپەندىم، مېنى يەنە بىر ئۇنتۇلماس مىنۇتلارغا باشلاپ قويدىڭىز. بەك ئېسىل ناخشا بۇ، بۇ گۈزەلنىڭ ھەممىلا ناخشىللىرى شۇنداق يېقىملىق ئىدى، ئەپسۇس مەرھۇمە تۇرمۇشنىڭ، مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى ئۇزۇن سۈرەلمەيلا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى. ئۆمرىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدە بولسمۇ ئوبدانراق ياشىۋالغان بولسا، مۇرات ئەخمىدى بىلەن ئۆمۈرلۈك بولۇپ كەتكەن بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى دەيمەن. ئۇلار ئىككىسى بەكلا ماسلىشىپتىكەن. ئۇ زامانلاردا خېلى كەملەرگىچە كۆڭلۈمدىن چىقىرالماي ئازابلىنىپ يۈرگىنىم ئېسىمدە. بەك ياخىشى كۆرىمەن بۇ ئايالنى، ياۋروپالىقلارغا ئوخشاپ قالىدۇ. روھلۇق، كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتى بەك ئېسىل.
ئۆتكەن كۈنلەر ئەپەندىم، بولسا "سەنئەت " ناملىق ناخشىسىنى بىر يوللايلىچۇ. ۋاي قەھۋە نىمانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىسىز ،مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش پىكىردە .شۇنداق قىلىڭە ئۆتكەن كۈنلەر . بۇ مەرھۇمەنىڭ ئالمۇتاغا چىققاندىن كېيىنكى،ناخشا ئېيتىش ئۇسولىدا ئۆزگىرىش قىلغان يېڭى ناخشىسى ئىكەن-دە.ئىلگىرىكى ناخشىلىرىدا بۇنداق جانلىق، شوخ ھەرىكەتلەر يوق ئىدىغۇ ھە.
ئۆتكەن كۈنلەر تەلەپلەرنى چوقۇم ئورۇندىۋېتىدۇ دەرھاللا. چۈنكى ئۇنىڭدامەرھۇمەنىڭ بارلىق ناخشا پىلاستىنكىلىرى بارغۇ دەيمەن.بولسا،"سۆيىمەن سېنى دۇنيا" دىگەن ناخشىسىنىمۇ يوللاپ قويۇڭ.ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىن بالدۇرلا كېتىدىغانلىقىنى سەزگەندەك" مەن يەنە مۇبارەك ياشىسام ئەگەر،سۆيىمەن سېنى دۇنيا سۆيىمەن يەنە........" دەپ ئېيتىپتىكەن.
[ خەندان بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 19:43 دە تەھرىرلىگەن. ] كۆكلەم
http://player.56.com/v_NTQ5NjM4MDA.swf سۆيىمەن سىنى دۇنيا
http://player.56.com/v_MjgxNjQ0Njg.swf سەنئەت
http://player.56.com/v_NTM1ODQxNjk.swf ئارمان
http://player.56.com/v_NTQyNDIwNTk.swf
[ otkankunlar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 17:08 دە تەھرىرلىگەن. ] ۋاي بەكمۇ چاققان ئورۇندىدىڭىزغۇ تەلەپلەرنى رەخمەت سىزگە . مەرھۇمە تولىمۇ ياش كەتتى.ئەمما،ئۇنىڭ ئىزناسى مەڭگۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە!
[ ئەزھەر بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:36 دە تەھرىرلىگەن. ]