خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:37:50

بالا تەربىيەلەشتىكى سىز بىلمەيدىغان سىرلار

1.ھەر قانداق ۋاقىتتا بالىڭىزغا تولۇپ-تاشقان ئۈمىد بىلەنقاراڭ.
2. ئادەتتە بالىڭىزنىڭ نېمىنىياخشى كۆردىغانلىقىنىچۈشەنسىڭىز، بالىڭىزنىخۇشال قىلالايسىز.
3.بالىڭىزنىدائىمئىلھاملاندۇرۇڭ، بالىڭىزئوڭۇشسىزلىققائۇچرىغانداسوغۇق سۇ سەپمەڭ.
4.بالىڭىزغا قىلىشتەلەپ قىلىنغانئىشلارنىئالدى بىلەن قىلىپ كۆرسىتىڭ.
5. بالىڭىزغائالدىدائېرىڭىزبىلەنتاكالاشماڭ.
6.بالىڭىزغا بوۋا-مومىلىرنىڭيامان گېپىنىقىلماڭ.
7.خاتالىقىنىبالىڭىزنىڭئۆزىگەئىقرارقىلدۇرۇڭ.
8.باشقىلارنىڭئالدىدابالىڭىزنىڭيۈزنى چۈشۇرمەڭ.
9.باشقىلار بالىڭىزنىڭكەمچىلىكىنىكۆرسەتكەندە يان باسماڭ.
10.بالىڭىزنىڭ سورىغانسوئاللىرىغاقارىتاسەمىمىيبولۇڭ، بىلگەننىبىلىمەن، بىلمىگەننىبىلمەيمەندەڭ.
11.بالىڭىزنىپات-پات ساياھەتلەرگە ئېلىپ چىقىڭ.
12. بالىڭىزغائەركىنپائالىيەتقىلىدىغانۋاقىتئاجرىتىپبېرىڭ.
13.ھەر كۇنى بالىڭىزنى سىرتقائېلىپچىقىپئايلاندۇرۇڭ.
14.بالىڭىزنى ئىش قىلغاندائاكىتىپقىلىشقا ،ئوڭۇشسىزلىققائۇچرىغاندابەل قويۇۋەتمەسلىككە ئىلھاملاندۇرۇڭ.
15. بالىڭزبىلەندائىمھەر خىلمەسىلىلەرئۈستىدەمۇلاھىزەئېلىپبېرىپ، ئىككىتەرەپنىڭئىدىيە،ھېسسىياتئالاقىسىنىكۈچەيتىڭ.
16. بالىڭىزسىزدىن سوئال سورىغاندا ھەر قانچە ئالدىراشبولسىڭىزمۇسەۋىرچانلىقبىلەنئاڭلاڭ.
17. بالىڭىزنىتەنقىدلىگەندە، بالىڭىزنىڭچۈشەندۈرۈش ۋە ئىنكاسىنى ئاڭلاپ كۆرۇڭ.
18.بالىڭىزغا <<سەن دېگەن دۆت، ھېچقانداق ئىشنى قاملاشتۇرالمايسەن>> دېگەندەكگەپلەرنى قىلماڭ.
19.بالىڭىزنىڭ بېسمىنى ئازايتىپ، بالىڭىزغاتاللاش ۋە ھۆكۇم قىلىش پۇرسىتى بېرىڭ .
20.بالىڭىزغاۋەدە قىلغانئىشنىچۇقۇم قىلىپبېرىڭ.
21.بالىڭىزنىڭدوستلىرىنىڭئۆيىڭىزگەكېلىپئوينىشىنىقارش ئېلىڭ.
22.بالىڭىزنىڭكەيپىياتىنىڭئۆزگىرىشىگەدىققەتقىلىپ، كۆڭلىدىكىتەلەپ-ئھتىياجىنى چۈشىنىىۋېلىڭ.
23.بالىڭىزغائويۇنچۇقنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئېلىپبەرمەڭ.
24.بالىڭىزشوخلۇق قىلسىلاۋاقىراپقورقۇتماڭ.
25.مۇئەللىمى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپتۇرۇڭ.
26. بەزى ئىشىلار دا بالىڭىزنىڭمۇپىكىرنىئاڭلاپ قويۇڭ.
27. بالىڭىز خاتالىقئۆتكۈزگەندە ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىتەكىتلىمەڭ.
28.بالىڭىزغابېسىمئىشلەتمەڭ.
29. بالىڭىزغاقاتتىققول بولۇش بىلەنبىرگەيەنە ئازراق ئەركىنلىكمۇ بېرىڭ.
30.شارائىتىڭىزيار بەرسە ، بالىڭىزنىڭئۆيىنىئايرىمقىلىپبېرىڭ.

مەنبەسى: تەرمىلەر

ئاھۇ يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:48:45

مەن ئاساسەن بىلىدىكەنمەن بۇ سىرلارنى:P

saye يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:58:11

مەنمۇ ئادەتتە شۇنداق قىلىمەن. بالىلىرىمغا تەپسىلىي چۈشەندۈرىمەن.
ئۆمۈچۈكنى " ئۈجۈ“ دىمەيمەن. "ئۆمۈچۈك" دەپ ئۆگىتىمەن. چۈچۈك تىلىدا تولۇق كەلمىسىمۇ ئەمما ئۇ يەنىلا توغرا ئاتىيالىدى.

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 10:31:10

مەن شۇنداق قىلىۋاتىمەنغۇ، دەپ ئويلايمىز. ئەمما بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ھەممىنى ئۆلچەملىك قىلىپ بولالمايدىكەنمىز.
        چوقۇم تىرىشىمەن!

saye يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:08:35

بالىلارغا چوڭ كىشلەر كەبى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلساقمۇ، ئەمما چوڭلار كەبى تەلەپ قويىۋالماسلىق كېرەك ئىكەن.  قىسقىسى بالىلارغا ئۆزىگە تەۋە بىر بوشلۇق بېرىپ، ئۆز ئۆزىدىن ئەتراپلىق يېتىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك ئىكەن. بىزنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان تەربىيىمىز ئۆزىمىزنىڭ قىسمەن تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمىز، مەۋجۇد تۇرۇش نەزىرىيىسى، ساغلاملىق پىسخىكىسى ۋە ئۆز ئۆزىنى قوغداش قارشى بولدىكەن.
بالىلاردىمۇ ئۆزلىرىگە خاس ئىززەت ئابروي ۋە مەسئۇلىيەت بولىدىكەن. ئىشەنمىسىڭىز 4 ياشلىق بالىنى 2 ياشلىق بالىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلسىڭىز، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە كىچىك ھىسابلىنىدىغان شۇ 4 ياشلىق بالا ئۆزىدىن كىچىك بالىغا ئىش ئۆگىتىپ كىتىشلىرىنى، ئەركىلىتىپ سۆزلەپ كېتىشلىرىنى، ئۇنى باشقۇرۇشلىرىنى، ئۇنى قوغداشلىرىنى كۆرىمىز.
مانا بۇ بالىلارنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئابروي ۋە غورۇرى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە بالىلارغا خاس ئۆزلۈك قارىشى بار، بۇنىڭغا بىز چوقۇم ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. :)

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 23:14:24

saye بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:58 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
مەنمۇ ئادەتتە شۇنداق قىلىمەن. بالىلىرىمغا تەپسىلىي چۈشەندۈرىمەن.
ئۆمۈچۈكنى " ئۈجۈ“ دىمەيمەن. "ئۆمۈچۈك" دەپ ئۆ ...
قايسى بالىلىرىڭغا شۇنداق چۈشەندۈرىۋاتىسەن:o

saye يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:41:50

ئىككى بالام بار. بىرى ئوغۇل يەنە بىرىمۇ ئوغۇل.
مەھەللىمىزدىكى چوڭ بولغان بالىلارنىڭ مېنى " ئاتا " دەپ چاقىرمىغىنى يوق. ;P
بالىلىرى تاماق يىمىسىلا بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىرىپ يىگۈزۈپ ئېلىپ چىقىپ كىتىدۇ، مەن بۆرە ئېيىقلارنىڭ ھىكايىسىنى ئېيتىپ ئۇلارنى خۇش قىلىۋەتسەم ئىشتىھا بىلەن يەپ كېتىدۇ.
ئاپا، خىزمەتتىن ئىستىپا بەرسەڭ ئۆيدە يەسلى ئاچامدۇق يە بالام دەيدۇ !

anar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:39:45

دىمەكچى ...مەن نەنەش بىلەن تەڭ تۇرسام بولمايدۇ دىگەنلىكمۇ :L

saye يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 00:19:47

anar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:39 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
دىمەكچى ...مەن نەنەش بىلەن تەڭ تۇرسام بولمايدۇ دىگەنلىكمۇ :L

سىز نەنەشتىن كىچىك بولغاندىكىن ئۇنىڭغا يول قويىشىڭىز كېرەك. :(  ئۇنى ھەتتا مەنمۇ چوڭ بىلىپ ھۆرمەتلەيدىغان تۇرسام.

anar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 20:33:59

saye بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 00:19 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif


سىز نەنەشتىن كىچىك بولغاندىكىن ئۇنىڭغا يول قويىشىڭىز كېرەك. :(  ئۇنى ھەتتا مەنمۇ چوڭ بىلىپ ھۆرمەتلەيدىغان تۇ ...
ھا ھا ھا ...ھېلىمۇ يول قويىۋاتىمەن ، گەپ بەرمەس بولۇپ كەتتى ھازىر ئۇ ماڭا
بەت: [1] 2
: بالا تەربىيەلەشتىكى سىز بىلمەيدىغان سىرلار