ئىدىل يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 12:42:44

خوتۇن كۆڭلى

                                                   خوتۇن كۆڭلى
(ھېكايە)
خوتۇنۇم مېنى تۇيۇقسىزلا ياراتمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۆتكەن ھەپتە بىر تويغا بارغانىدۇق... خوتۇنۇم باشقا ئەرلەرنىڭ ئۇسسۇل ئويناشلىرىغا، جىرلاشلىرىغا زوقلىنىپ قاراپ ئولتۇردى. مەن ئۇسسۇل ئويناشنىمۇ،جىرلاشنىمۇ بىلمەيتتىم توي تازا قىزىغان پەيتتە خەقلەر ئۇسسۇلغا، جىرغا تارتىپ قالمىسۇن، دەپ چەتكەرەك بېرىپ ئولتۇرۇۋالدىم .
تويدىن قايتتۇق، خوتۇىۇم يول بويى:
–ۋاھ،جەلىلنى ئەر دېسەڭ ئەر دېگۈلۈكى بار–دە،ئۇسسۇلنى ئاستىنقى قەۋەتتىكىلەرنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كەتكۈدەك ئوينايدۇ. جىرلىسا ھەيران قالمايدىغان ئادەم يوق.ئۇنىڭ خوتۇنى فىلۇرە بولسا ھۆپۈپتەك مەيدىسىنى كېرىپلا ئولتۇرغان. دۇنيادا ئەجەب بەختلىك خوتۇنلار بار ئىكەن،–دەپ سۆزلەپ كەلدى.
ئۇ بۈگۈن يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كەتتى ۋە:
–پۈۋ، قوپە خەلىم، قاتلىما كارىۋاتقا بېرىپ يات. سەندىن بەتبۇي پۇراق كېلىۋاتىدۇ، ئۇخلىيالمىدىم،–دېدى.
ئەسلى تۈنۈگۈن ئاغىنەم خەمىتنىڭ داچىسىنى ياسىشىپ بەرگەندە تەرلەپ كەتكەنىدىم، مانا ئەمدى دەردىمنى خەمىتكە ئېيتتىم. ئۇ دۆگلەك قارا ساقىلىنى سىلاپ، ئۇزۇن ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ:
–راستىنلا، خەلىم، سېنڭچۇ ئۇسسۇل ئويناشنى، جىرلاشنى ئۆگىنىشىڭ كېرەك ئىكەن،– دەپ كېسىپلا ئېيتتى.
–قانداق ئۆگىنىمەن؟
–ھەي بەك ئاسان ئۇ،–دېدى خەمىت ھەم ئىشكاپتىن تىللىرى توزۇپ، كونىراپ كەتكەن ساراتسكى گارمونىنى چىقاردى. مەن ئاق تەر، قارا تەر بولۇپ تىرىشىپ، «ئەپىپە» كۈيىگە تېپچەكلەشنى، جەلىل جىرلايدىغان «ئەتىرگۈل» كۈيىگە جىرلاشنى ئۆگەندىم. خەمىت مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ:
–ئاۋازىڭ يامان ئەمەسكەن سېنىڭ خەلىم. يەنە بىرئاز تىرىشساڭ، ئانسامبىلدا ئارتىس بولغۇچىلىكىڭ بار ئىكەن،–دەپ ئۇزىتىپ قويدى.
مەن بىرنەچچە كۈن جىرلاپ، ئويناپ مەشىق قىلدىم. ھەپتىنىڭ ئاخىرى كەچتە خوتۇنۇم ئىشتىن قايتقان چاغدا ، مېھمانخانە دىۋانىدا «ئەتىرگۈل» جىرىنى سوزۇپ جىرلاپ:
ئۈزۈپ ئالدىم ئەتىر گۈلنى ئازغىشىپ،
ئوت–چۆپلەرنىڭ قاتارىدا مازلىشىپ.
دەپ ياتقانىدىم.
–نېمە، نېمە؟–دەپ خوتۇنۇم پەلتوسىنى سالماستىنلا مېھمانخانىغا ئېتىلىپ كىردى،– نەدىكى داڭقان پۇتى گەپلەرنى قىلىپ، ئالا–تاغىل توۋلاپ كەتكىنىنى...–دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
ئىھ، خۇدا ! شۈبھىسىزكى، خوتۇنۇمنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى يوقاپتۇ. بولمىسا نىمچۈن ئاغىنەم خەمىت ماختىغان جىرىمنى «داڭقان پۇتى» دەپ مەسخىرە قىلسۇن! بىرەر ئىش كېلىپ چىققىچە ئاجرىشىپ كېتىشكە ئەرز بېرەيمىكىن–يا؟
خوتۇنۇمنىڭ ھامان ئاچچىقى تۇتاتتى:
–نېمە بولغاندۇ سەن قېرى قەلەندەرگە؟– بىرەرسى قۇتراتقان ئوخشايدۇ سېنى،–دېدى ھەم ئۇكۈنى تاماقمۇ ئەتمىدى. ئاشخانىدا شاپۇر–شۇپۇرسوغۇق چاي ئىچىپ،كاتۇر– كۇتۇرقەنت غاجىلاپ، كارۋاتقا چىقىپ ياتتى. ئارىمىزدىكى مۇھەببەتنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىچىم پۇشۇپ،مەنمۇ خوتۇنۇمنىڭ يېنىغا ئۆرمىلىدىم. لېكىن ئۇمېنى كارىۋاتتىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋەتتى.
–كۆرگۈم يوق قىياپىتىڭنى، خوشۇم قالمىدى، ئىھ ئاللا !–دەپ ۋايساپ كەتتى. مەن ئىلاجىسىز يەنە قاتلىما كارۋاتقا چىقىپ ياتتىم. ئۇيقۇ يوق، خىيال قىينايىتتى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېھمانخانىغا چىقتىم .كۆزگۈگە قارىدىم. مەن شۇنچىلىك كۆرۈمسىز ئادەممۇ بۇ دۇنيادا؟ كۆزگۈنى تەتۈر قويۇپ قويدۇم. قىزىق ئالىقىنىم بىلەن بېشىمنى قىسىپ، ئۈستەل ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم. ياسىنىش ئىشكاپىنىڭ ئۈستىلىدىكى بۇيۇملارغا كۆزۈم چۈشتى. خوتۇنۇمنىڭ ئۇپا–ئەڭلىك، سۈرمە، خىنە، لاك، چاچ قاتۇرغۇچ، چاچ بۈدۈرلىگۈچ،تەرخەمەك سۈيى، سەۋزە شىرنىسى، كەپتەر سۈتى، يىلان زەھىرى قاتارلىق پەرداز بۇيۇملىرى تىزىلىپ تۇراتتى. مەن چېچىمغا ماي سۈرتۈپ تاراپ،كۆزگۈنى ئۆزۈمگە قارىتىپ قويدۇم. قەسەم قىلىمەنكى، ئادەم قىياپىتى كىرىشكە باشلىدى. يۈزۈمگە سەۋزە شىرنىسى سۈرۈپ، ماسساج قىلىپ  ئۇۋۇلىدىم، چىرايىم ئېچىلىپ كەتتى. بوياق ساندۇقچىسىنى ئەمدىلا ئېچىشىمغا يەلكەمدىن ئاللىقانداق بىر قول كېلىپ چاڭ سالدى. ئۆرۈلۈپ قارىسام،خوتۇنۇم كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ يالاڭغىداق تۇراتتى، زۇۋان سۈرمەيتتى، بېشىنى سىلكىپ، كالپۇكلىرىنى مىدىرلىتاتتى.
بۇ كېچىسى بىزنىڭ ئۆيدە چىراغ ئۆچمىدى. نوغۇچ سۇندى، ئالتە جۇپ چىنە–قاچا چېقىلدى، چېلەكنىڭ تۈۋى چۈشتى، ئورۇندۇقلارنىڭ يۆلەنچۈكلىرى قايرىلدى. بۇنى ئاز دېگەندەك، شۇ ئەتىگەندىن باشلاپ ئۆيدە سۇ توختىدى. خوتۇن–قىزلارنى بىلىسىزغۇ، سۇ بولمىسا ئۆزلىرىنى قىرغاققا چىقىرىپ تاشلىغان بېلىقتەك ىېس قىلىشىدۇ. مانا ئەمدى خوپ بولدى، تىپىرلاپ كەتتى خوتۇنۇم. سۇنۇق نوغۇچ بىلەن جۈمەكلەرنى تاڭ–تۇڭ ئۇراتتى. ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزارغان كۆزلىرىنى ئۇۋۇىلايتتى. قوشنىلاردىن سوراپ چىقتى، باشقا ئۆيلەردە سۇ توختىماپتۇ. ئۇ .ئەمدى، سۇ تۇرۇبا ئىشچىسىنى چاقىرىپ كەلدى. ئىشچى جۈمەكلەرنى بۇراپ–تولغاپ كۆردى–دە:
–ھازىر ئىشىم ئالدىراش،بىرەر ھەپتىدىن كېيىن كېلىپ جۆندەپ بېرەرمەن،–دەپ ئېشىككە قاراپ ماڭدى. مەن ئۈندىمىدىم. بىلىمەن بىزنىڭ مەھەللىنىڭ سۇ تۇرۇبا ئىشچىلىرىنى ، بىرەر بوتۇلكاڭنى تىكلەپ سۆزلەشمىسەڭ، تاتلىق تىلىڭنى ئاۋارە قىلغاننىڭ پايدىسى يوق. مەن دەم ئىلىشتىكى ئادەم، ئالدىرىمايمەن. قاتلىما كارىۋاتتا چۆكۈپ خورەك تارتىپ يېتىۋالدىم. خوتۇنۇم چايسىز قۇرۇق قەنت كېمىرىپ ، ئىشقا كەتتى.
قورسىقىم ئېچىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. قالغان–قاتقانلار بىلەن ناشتا قىلىۋالدىم–دە، سايمانلىرىمنى ئېلىپ ئىشقا كىرىشتىم. ماشىنا مېيىغا، قۇرۇمغا مىلىنىپ بولدۇم. جۈمەكلەردىن شارقىراپ سۇ كېلىشكە باشلىغاندا پۈتۈنلەي چارچاپ، ھالىمدىن كەتكەنىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىچە ئۇخلىمىغان بولغاچقا، يۇيۇنمايلا قاتلىما كارۋاتتا قىڭغىيىپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.
خوتۇنۇم يۈزۈمنى سىلاپ ئويغاتتى:
–تۇر، خەلىم ، قورسىقىڭ ئاچقاندۇ، ئاش ئەتتىم .ئىشلىسەڭ قولىڭدىن ئىش كېلىدۇ سېنىڭ ، ئىشلىمەيسەن شۇ. سېنى يارىتىمەن، ئاشۇ ماشىنا مايلىرىنىڭ پۇرىقى دىماققا ئۇرۇپ تۇرغان كىيىملىرىڭنىمۇ يارىتىمەن،–دەپ، تەرلەپ تۇرغان پېشانەمگە چوككىدە سۆيۈپ قويدى.


  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىدىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 13:04  

ئىدىل يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 12:49:17

بۇ ھېكايىنىڭ ئاپتورى- تاتار ياغۇچىسى فائىل شەفىغۇللىن . تېمىغا يېزىلماي قېلىپ ، ئىنكاس ئورنىدا يوللاپ قويدۇم ،توغرا چۈشۈنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:52:53

بەزى قىزلارنىڭ نەزىرىدە تانسا، ئۇسۇل بىلمەيدىغان ئۇغۇللار ئەر كىشى سانالمايدىكەن.
تاماق يەيمىز دىسە تاماق يەيدىغان ئوخشايمىز دەپ بېرىپ قاپتىكەنمە:L . . . تاماق يىگەنگە تويۇپ كەلدىم

anar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:37:41

يەنىلا ئۆزلىكىنى ساقلاپ قالسا سۆيۈملۈك كۆرىنىدۇ ، مەيلى ئۇ ئەر-ياكى ئايال بولسۇن

ياپراق520 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:50:50

قارىغاندا شوخراق قىزلار بىلەن بىرىپ قاپتىكەنسىزدە،
كىينكى قىتىمدا ئېھتىيات قىلىڭ جۇمۇ، بولمىسا سىزمۇ مەشىق قىلامسىز يە;P

بەگزات يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 17:44:23

يەنىلا ئۆزلىكىنى ساقلاپ قالسا سۆيۈملۈك كۆرىنىدۇ ، مەيلى ئۇ ئەر-ياكى..............


ئوزنى بلىگەن  دانادۇر.................
بەت: [1]
: خوتۇن كۆڭلى