يامغۇردىكى ئىلتىجا ------تەسىرلىك كىنو
http://www.56.com/u33/v_NjA5ODYyMjI.htmlرول ئالغۇچىلار : ھىرتىك روشەن ، ئاشۋارىيا راي
ھىرتىك روشەن. ھىندىستاندىكى ھازىرقى ئەڭ داڭلىق چولپان. ئۇنىڭ << قىزىم، مىنى كەچۈر؛ لەگلەك؛ كىرىش ( ھىندىستاندىكى ئۇچار ئادەم ) .... >>......قاتارلىق كىنولىرى بار، ئۇنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى ئۇسۇلغا ئالامەت ئۇستا ، ئەپ تاپسام، ئۇنىڭ ئەڭ نادىر ئۇسۇلىدىن يوللاپ قويىمەن.
ئاشۋارىيا راي: بەلكىم بۇ ئايال چولپاننى تۇنۇمايدىغانلار بولمىسا كېرەك. ئۇ- ئامىتاپ باچاننىڭ كېلىنى، ئابشىك باچاننىڭ ئايالى، دۇنيا گۈزىلى.
بۇ كىنونى كۆرگۈچە نەچچە يەدە كۆز يېشى قىلغىنىمنى بىلمەيمەن. ماڭا بەك تەسىر قىلدى،سىلەرنىمۇ كۆرۈپ باقسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.
مەزمۇنىدىن ئۈزۈندىلەر :
1.شان شۆھرەتلىك ھاياتتىن، سۈيقەست سەۋەبلىك پالەچ بۇلۇش.
2. كەڭ قوساقلىق، مەرتلىك، ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان "دوست" نىڭ ئوغلىغا، ئۆزىنىڭ بارلىق سېھرىگەرلىكىنى ئۆگۈتۈش. ...... شاگىرت خوشلىشىش ئالدىدا ،ئۇستازنىڭ دىگىنى : ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم، ئۆزىنىڭ ئوغلىغا زىيانكەشلىك قىلمايدۇ.....
3. ئاياللارنى خورلىماڭ، خورلىسىڭىز، ئۇ ھامان سىزنى تاشلاپ كېتىدۇ.
4. دوستلۇق، مېھرى-مۇھاببەت مال دۇنيادىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
5. پالەچ سېھرىگەرنىڭ ئائىلە خىزمەتكارلىرىغا دىگەن سۆزى : " سىلەر 14 يىلدىن بىرى بىرەر ئىشنىمۇ توغرا قىلىپ باقمىدىڭلار، ئەمما، ھەر كۈنى پەرۋەردىگاردىن ماڭا سالامەتلىك تىلەشنى ئۇنتۇپ قالمىدىڭلار، ئەمما، ياخشى بولالمىدىم، ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىشىنىشنى ئۈزۈپ قويماڭلار."
6.ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان.
7. ھايات يەنىلا سۈيۈملۈك.
8. ئادەمگە كۈيۈنىدىغانلار، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ مىسالى.
9. يەنىلا ئۈمۈتۋار ياشايلى.
10. دىنىمىزدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش چەكلىنىدۇ.
باشقىلار .....
بۇ كىنونى كۆرگەندىن كېيىن، سىلەرگە قانداق تەسىر قىلغانلىقىنى يېزىپ قالدۇرساڭلار، پىكىرلەشسەك.
كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن تەسىراتىمنى يازاي.:) بۇ كىنونىڭ بۇيەردىن ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆرەلەيسىز
http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=1177&extra=page%3D1
بۇ كىنو ھەقىقەتەن كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. تەكرار كۆرگەن كىنو ئىدى بۇ .
مۇشۇ كىنو ھەققىدە بىر تەسىرات ماقالىسى يېزىش خىيالىم بار ئىدى. قىلىپ بۇلالمىدىم
بەت:
[1]