بىلگيار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 20:23:17

ئالۋاستى خوجايىن ...


  مەن ئاۋال ئۆزۈمنى بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي .مەن بولسام مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى . بۇ يىل يىگىرمە بىر ياش . توي قىلمىغان . ئائىلە ئەھۋالىم ياخشى ئەمەس .
  مەن بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تونۇشۇمنىڭ ياردىمى بىلەن ئىنتايىن تەلەيلىك ھالدا "تەلەيلىكلىگىم قۇرىسۇن " داڭلىق بىر شىركەتكە خىزمەتكە چۈشتۈم . خىزمىتىم ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ماتىريال رەتلەيدىغان خىزمەت بولغاچقا ناھايىتى يىنىك ئىدى . بۇنىڭدىن مەن ئۆزەممۇ بەك رازى ئىدىم.
  ئىشقا چۈشكىنىمگە ئۈچ كۈن بولدى . بۇيەردىكىلەر سەل غەلىتە بولۇپ ئادەتتە ئانچە كۆپ گەپ قىلمايتى . چىرايىدا ھېچ ئىپادە يوق سوغوق مۇئامىلە قىلىشاتتى . پەقەت بىر نەچچە مىجەزى ئوچۇق يىگىتلەر ئاندا مۇندا ئىشلىرىمغا قارىشىپ بېرەتتى . ئەلۋەتتە مەنمۇ چىرايىمنى ئاچماي يۈرەتتىم. پەقەت بىر قىزلا بۇنىڭ سىرتىدا ئىدى . ئۇقىز ئادەم بايلىقى بۆلۈمىدىكى كاتىپ قىز بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن چىقىشاتتىم .
  بۇ يېمەك ئىچمەك شىركىتى مەخسۇس كولباسا كونسىرۋاسى ئىشلەپ چىقىراتتى. خام ماتىريالنى شەھەر سىرتىدىكى بىر زاۋۇتتىن ئەكىلەتتى . مەھسۇلاتتى بولسا ئۆلكە ئىچى سىرتىدىكى يىراق جايلارغا تارقىتاتتى . خىزمەت بىناسى جەمئىي توققۇز قەۋەت بولۇپ ئاستىنقى ئۈچ قەۋىتى ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئىدى. " ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ماشىنلاشقان سېخ ئىكەن ." ئۈستىنكى ئالتە قەۋىتى بولسا ئىشخانا بىناسى بولۇپ ، مەن ئالتىنجى قەۋەتتىكى باش دېرىكتور بۆلىمىدە ئىشلەيتىم . بىراق ئەزەلدىن باش دېرىكتورنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا ئىچىمدە كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى كۈچلۈك ئىدى . كاتىپ قىزدىن بىرقانچە قېتىم سورىغان بولساممۇ جاۋاب ئالالمىغاچقا قايتا سوراپ يۈرمىدىم . چۈنكى ھامان بىر كۈنى كۆرىمەنغۇ دەپ ئويلايتىم .
  تۆتىنچى كۈنى " سەن خىزمەتتىن بوشىتىلدىڭ  ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كادىرلار بۆلىمىگە كىرىپ مائاشىڭنى ئېلىۋال ." كادىرلار بۆلىمى مەسئۇلىنىڭ سوغوق ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ ، ئاستا كەينىمگە ئۆرۈلدۈم . كاتىپ قىزنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن ئىدى . بۆلۈم مەسئۇلى ئۇنىڭغا خىزمەتنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى .  
  ئارىدىن قانچىلىك ئۆتتىكىن ئۇنىڭ سوغۇق قوللىرى مۈرەمگە قويۇلدى . مەن ئۇنىڭغا " مەن تېخى يېڭى كەلگەن تۇرسام ، بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقارمەن " دېدىم . ئۇ ھېچ ئىش بولمىغان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ " خاتىرجەم بول ، سەن قىلالايسەن " دېدى . ئۇنىڭ ئىپادىسىز ھەم سوغوق چىرايغا قاراپ مېنى سوغوق تەر بېسىپ كەتتى .
  ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇپ ماڭغاچ ماڭا قاراپ " ئەتىدىن باشلاپ مائاشىڭ ئۆسىدۇ ، ياخشى ئىشلە ، ئۇنىڭ ئىشخانىسى بىرنجى قەۋەتتە " دېدى ، يۈگۈرگىنىچە چۈشۈپ كەتتى .
  قولۇمدا ئۇ ماڭا بەرگەن بىر پارچە ۋاراققا يېزىلغان تېلىفون نۇمۇرى ، قۇلىقىمدا ئۇنىڭ دېگەن شۇ بىر ئېغىز گېپى جاراڭلايتى . "سەن باشلىقنى سورىغان ئەمەسمىدىڭ ، مەنمۇ ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان ، ئېھتىمال ئۇنى ھېچكىم كۆرۈپ باقمغان بولسا كېرەك . "

بىلگيار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:22:57

  ئىككىنجى كۈنىدىن باشلاپ مەن رەسمىي يېڭى خىزمىتىمگە چۈشۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا كاتىپ بولدۇم . قىلىدىغان خىزمىتىم ھۆججەت ۋە مال تالونى قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ، خىزمەت ئورنۇم ئاۋالقىدەكلا ئالتىنجى قەۋەتتە ئىدى . باشلىق ئەزەلدىن بىز بىلەن بىرگە ئىشلىمەيتتى .
  خىزمەتكە چۈشكىنىمگە بىر ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، باشلىقنى يەنىلا كۆرۈپ باقمىدىم . يىغىنلارغا ئەزەلدىن ئۇنىڭ ياردەمچىسى رىياسەتچىلىك قىلاتتى . ياردەمچى ناھايىتى خۇش پېئىل ئادەم بولۇپ پات پات مېنى تاماققا تەكلىپ قىلاتتى . بىرنجى قېتىم تەكلىپ قىلغاندا ئەدەپ يۈزسىدىن ئۇنىڭ بىلەن تاماققا چىقتىم . راستىنى ئېيتقاندا مەن ئۇنىڭدىن قورقاتتىم . يەنە كېلىپ ياشقا چوڭ ئەرلەرنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيتىم . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئەزەلدىن ماڭا خاپا بولمايتى ، ھەم كۈلۈمسىرەپلا تۇراتتى .
  ۋاقىت ئۇزارغانچە مەن كومپىيۇتېردىكى ماتىريالىدىن بىر غەلىتە ئەھۋالنى بايقاپ قالدىم . بۇ شىركەتتە ھەر ئايدا كەم دېگەندە ئون ئادەم خىزمەتتىن ئىستىپا بېرەتتى ، يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى سىرتتىن قوبۇل قىلغانلار ، ھەم يۈك توشۇغۇچىلار ئىدى . ئالدىنقى كاتىپنىڭكىدەك ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز ئۇچىرايتتى . يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىش سەۋەبىمۇ يېزىلمىغان ئىدى .  بەلكىم بۆلۈم مەسئۇلىنىڭ ماتىريالىدا بولسا كېرەك . مەن يەنىلا كاتىپقا تېلىفۇن ئۇرۇپ باقاي  .
  شۇ خىيال بىلەن كاتىپقا تېلىفۇن قىلىدىم ، ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم . چۈنكى ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئىشقا كېتىپ ئون نەچچە كۈن قايتىپ كەلمىگەنلىكى ئېيتقان ئىدى .كاللامغا شۇ ھامان كۆڭۈلسىز بىر خىيال كەچتى . ھەم شۇ كۈنى  كەچتە كاتىبات ئىشخانىسىغا كىرىپ بېقىشنى خىيالىمغا پۈكتۈم .
  كاتىبات بۆلىمى بىرىنجى قەۋەتتە ئىدى . ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئادەتتە سائەت ئون ئىككىدە نۆۋەت ئالمىشاتتى . ئارلىقتا ئون بەش مىنۇت بوش ۋاقىت مېنىڭ كىرىپ چىقىشىمغا يېتەتتى . بۇ چاغدا ئادەتتە باشلىق ياردەمچىسى   ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ بولاتتى .
   يېرىم كېچە ھەممە ياق تىمتاس ئىدى . مەن بىرنجى قەۋەتنىڭ بىر بۇلۇڭىغا يوشۇرنۇپ ۋاقىتنىڭ توشۇشىنى كۈتتۈم . ئامانلىق قوغدىغۇچلار ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى . مەن بىر قىزبالا تۇرۇپ بۇنداق قاراملىق قىلغىنىمغا سەل پۇشايمان قىلىپ قالدىم .
  قورقۇنىچ ۋە قىززىقىش ئىچىدە ئاخىر ۋاقىتنى توشقۇزدۇم . سائەت ئون ئىككىگە داڭ ئۇردى ، ئامانلىق قوغدىغۇچىلار ئاخىر ئىشتىن ئايرىلدى . ۋاقىت تولىمۇ قىسقا ئىدى . مەن چىشىمنى چىشلەپ ، ئاستا كاتىبات ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم . ھەممە ياق قاراڭغۇ ئىدى . مەن قول چىراغنى يورۇتتۇم ، ئىشخانىدىكى كومپىيۇتېر ئوچۇق ئىدى . مەن خىزمەتچىلەرنىڭ ئارخىبىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم . لېكىن  ئېكراندا ئارخىپ كۆرۈنمەستىن بىر قارا كۆلەڭگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى ۋە كېيىن ئادەم شەكلىگە كەلدى . مەن ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم . دەسلەپتە ئۇ ئادەم بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە مەن تەرەپكە كەلدى ئاندىن قاردەك ئاپئاق چىشلىرىنى چىقىرىپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى .
   سىز ؟  - باشلىق ياردەمچىسنى كۆرۈپ نەپەسمۇ ئالالماستىن كەينىمگە قاراپ قاچتىم ،كاللامدا بىرلا خىيال - جىن ، ئۇ بىر جىن .
   يۈگىرەپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە بىر گەۋدىگە سوقۇلۇپ داجىپ كەتتىم ، ئۇدەل باشلىق ياردەمچىسى ئىدى . مەن قورقۇنىمدىن چىشلىرىمنىڭ كاسىلداشلىرى ھەتتا يۈرەك سوقۇشۇممۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى . " سىز؟ سىز ؟"
  ئۇ ئادەتتىكىدەكلا تەمكىنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ماڭا " ئومىقىم ، ئۇنچە جاپا چېكىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، مەن ھەممىنى سىزگە ئېيتىپ بەرسەم بولىدۇ " دېدى .
   ئۇ بىر قولىنى شۇنداق ھەركەتلەندۈرۈپلا تامنىڭ ئوتتۇرسىدىن چوڭ بىر ئېغىز ئاچتى " كۆردىڭىزمۇ ئادەملەرنى بىۋاستە مۇشۇيەرگە تاشلاپ كولباسا ئىشلەپچىقىرىمىز ، بۇنىڭدا ئىشلار قولايلىق بولىدۇ ، كاتىپ ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ، بىراق كاتىپ ئۆزى تاپقان چۈشەندىڭىزمۇ ؟ بۇ يەردىكى كونسىرۋالارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈكلەر، بىراق ئۇ تاساددىبىي مال تالونىدىن بۇنى بايقاپ قالدى . مەن بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلسام بولمايدۇ . مەخپىيەتلىكنى بىلىپ قالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈشى كېرەك . بىراق سىز دېدى ئۇ مەنىلىك ھىجىيىپ "ئۇلارغا ئوخشىمايسىز ، ئۆتكەن ھەپتىدىكى كولباسانى يېدىڭىزمۇ ؟ تەملىكمىكەن ؟ ". دېدى . مەن سەسكەنگىنىمدىن ئىچى باغرىم ئۆرتىنىپ كەتتى . " سەن ، ئالۋاستى . "
    ئۇ مېنى قۇچاقلىۋالغان ئىدى . "  قەدىرلىكىم ، سىز مەڭگۈ ئالۋاستى بىلەن بىرگە ئۆتىسىز ، مەن سىزنى سۆيىمەن . "مەن ھالسىزلىنىپ كەتكەن ، بوشىشىپ كەتكەن ئىدىم ،ھەم ئۇنىڭ ئۇزۇن ئاپئاق چىشلىرى بەدىنىم ئۈستىدە ئەركىن ھەركەتلىنىۋاتقانلىقىنى غۇۋا سېزىۋاتاتتىم .
   ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى . مەن باشلىق ياردەمچىسى  بولۇپ قالدىم .

  سەمىمىي ئەسكەرتىش : باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى خالىغانچە ئاختۇرماڭ ، بولمىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل ......

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 12:11:50

بەدەنلىرىمگە تىترەك ئولىشىپ كەتتىغۇ.:L
بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز كونسرۋا يېمەيمەن.:(
شۇنداق قىلىپ بۇ قىز بۇ ئادەم كونسرۋاچىلارغا قوشۇلۇپ كەتتىما؟

anar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:31:38

:Lيەنە كېچىدە كۆرۈپ قالدىمغۇ :Q

بىلگيار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:20:07

ئادەم كونسىرۋاسىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولسا ئازابلاردىن بىراقلا قۇتۇلار ئىدى . بىراق ئالۋاستى خوجايىنغا ياراپ قېلىپ بىراقلا ئالۋاستىغا ئايلىنپ كەتتى ...:L

بىلگيار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:31:42

ئانار ھەدە ھوزۇرلىنىشنى بىلىسىز جۇمۇ ... ;P

saye يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:51:06

ھىكايىنى كۆرۈپ بولۇپ كاللامدا مۇنداق بىر تەڭلىمە چىقىپ قالدى.

مەرىم = 18 كونسىرۋا
ئانار = 14 كونسىرۋا
مودەن = 8 كونسىرۋا
سايە = 12 كونسىرۋا

anar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:07:49

بىلگيار يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:31 static/image/common/back.gif
ئانار ھەدە ھوزۇرلىنىشنى بىلىسىز جۇمۇ ...

شۇنى دەڭە ، قىزىمنى ئۇخلىتىپ ئۆينى جىمجىت قىلىپ كۆرگىنىمچۇ تېخى :'(

anar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:08:44

saye يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:51 static/image/common/back.gif
ھىكايىنى كۆرۈپ بولۇپ كاللامدا مۇنداق بىر تەڭلىمە چىقى ...

:lolقىسمەت كىخخخخخخخخخ قىلىۋېتىدۇ سىزنى

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:58:53

saye يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:51 /static/image/common/back.gif
ھىكايىنى كۆرۈپ بولۇپ كاللامدا مۇنداق بىر تەڭلىمە چىقى ...

بۇ كونسىرۋالار بەدەن ئېغىرلىقىغا قاراپ ئۆلچەنگەنمۇ ياكى؟:lol
بەت: [1] 2
: ئالۋاستى خوجايىن ...