senewer يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:47:27

يەنە بەش يىل ساقلا


يىگىت چىرايلىق بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ، قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى . لېكىن قىزنىڭ ئۆيى شەھەردە ، يىگىتنىڭ ئۆيى يىراق يېزىدا ئىدى . يىگىت كۆڭلىدە : << ئۇ قىز مېنى ياخشى كۆرەرمۇ ؟ >> دەپ ئويلايتتى . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىككىلىسى ئۆتەلمىدى . يىگىت ئاخىر غەيرەتكە كېلىپ قىزغا : - سېنى سۆيىمەن - دېدى . قىز بەكلا خوشال بولدى . يىگىت ئۇنىڭغا : - مېنى بەش يىل ساقلا ، مەن شەھەردىن ئۆي سېتىۋىلىپ سېنى ئۆيگە ئەكىرىمەن - دېدى . بەش يىل ئۆتۈپ يىگىت ئۆي ئالالمىغان بولسىمۇ ، قىز ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇپ ، ئاتا - ئانىسىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا قارىماي يېزىغا - يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كەلدى .
          توي كۈنى يىگىت : - مېنى يەنە بەش يىل ساقلىغىن ، مەن چوقۇم شەھەردىن ئۆي ئېلىپ سېنى شۇ ئۆيگە ئېلىپ كېتىمەن - دەپ قەسەم قىلىۋىدى ، قىز تاتلىققىنا كۈلۈپ قويدى . بەش يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تۇنجى بالىسى دۇنياغا كۆز ئاچتى . ئەر ئۆيىدىكى بىردىنبىر مىكىياننى ئۇنىڭغا پىشۇرۇپ بەردى . قىزنىڭ ئاپىسى تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلدى . ئەر بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە قىيىنئاپىسىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى . ئەر ئايالىغا : - ئاپاڭنىڭ دېگەنلىرى خاتا ئەمەس ، مەن بەك يارىماس ئىكەنمەن ، سېنى جاپاغا قويدۇم ، سەن يەنە بەش يىل ساقلىغىن ، مەن چوقۇم شەھەردىن ئۆي ئېلىپ سېلەرنى شۇ ئۆيدە تۇرغۇزىمەن - دېدى .  
         ئەر شەھەرگە ئىشلىگىلى كىرىپ كەتتى . ئايال يېزىدا بالىغا قارىغاچ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى . بەش يىلدىن كېيىنمۇ ئەر ھېچقانچە پۇل تاپالمىدى . ئەر : - مەن ساڭا شەھەردىن ئۆي ئېلىپ بەرمەي قويمايمەن ، مېنى يەنە بەش يىل ساقلىغىن - دەپ يەنە شەھەرگە كىرىپ كېتىپ ، تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئىشلەپ ئامىتى كېلىپ قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى بولدى . بىراق ئۆيگە قايتقاندا ئايالىغا : - يەنىلا كۆپ پۇل تاپالمىدىم ، بۇ كۈنلەردە پۇل تاپماق نېمانداق تەسلىشىپ كەتكەن - دېۋىدى ، ئايالى ئۇنىڭغا دۈمبىسىنى قىلغىنىچە ئۈندىمىدى .
   يەنە بەش يىل ئۆتتى . ئۇلارنىڭ قىزى تولۇقسىزدا ، ئوغلى باشلانغۇچنىڭ 5 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتى . ئەر ئۆيگە پات - پات كەلمەيدىغان بولىۋالدى ، چۈنكى ئۇ بەكلا ئالدىراش ئىدى ، ئايال بولسا ئۈن - تىنسىز ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى .
           ئايالنىڭ ئاپىسى كۆز يۇمدى . ئۇ شەھەردىن ئاپىسىنىڭ ئۆلۈم ئىشلىرىنى تۈگىتىپ قايتىپ كېلىپ نەچچە كۈنگىچە قويغان - تۇتقىنىنى بىلەلمەي يۈردى . قىزى تولۇق 2- يىللىققا چىققاندا ، بىر كۈنى ئەر چىرايى زەپىراندەك سارغىيىپ قايتىپ كېلىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى . ئايالى ئۇنىڭغا كۆڭۈل قويۇپ قارىدى ۋە يىراق - يېقىنغا چېپىپ يۈرۈپ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن پۇل توپلىدى . ئەر ئايالىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ : - مېنى كەچۈر ، سېنى جاپادا قويدۇم . ئەمدى شەھەرگە كىرمەيمەن . بۇ يەردە قېلىپ سەن بىلەن بىللە دېھقانچىلىق قىلىمەن - دېدى . بۇ چاغدا ئايال كۆڭلى تەسكىن تاپقاندەك كۈلۈپ قويدى .
          قىزى ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ، ئايال ئېغىر كېسەل بىلەن يېتىپ قالدى . ئەر بالىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولدى . ئۇ قاتتىق قايغۇرۇپ ئاخىر ئۆزىنى تۇتىۋالالماي : - مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن ، ئەمەلىيەتتە مەن بۇرۇنلا شەھەردىن ئۆي سېتىۋالغان ئىدىم ... - دېيىشىگە ، ئايالى ئۇنىڭغا : - بولدى ، گەپ قىلماڭ ، ئۇ ئايالنىڭ سىزگە نەچچە يىل ئەگەشمىكىمۇ ئاسان ئەمەس - دېۋىدى ، ئەر تۇرۇپلا قالدى .
- ئاپام بۇرۇنلا بىلىپ بولغان ، ئۇ ئايال بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن - دېدى قىز دادىسىغا .  
ئايال ئەرگە :
- مەنمۇ سىزگە بىر گەپنى دېمەكچىمەن ، ئاپامدىن بىر يۈرۈش ئۆي مىراس قالغانىدى ، شۇنچە قىيىن كۈنلەردىمۇ ساتماي كەلگەن ئىدىم ، لېكىن سىزنىڭ كېسىلىڭىزنى داۋالىتىدىغان چاغدا سېتىۋەتتىم - دېدى .
ئەر كۆز ياشلىرىغا ئىگە بولالماي قالدى .

خەنزۇچە << ئالاھىدە تەرمىلەر >> ژورنىلىنىڭ 2006 - يىللىق 10 - سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:03:33

ئىچىندىم.  كۆزۈڭنى ئاچ، ئەتراپىڭغا قارا ئەركەكلەر!!!

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:00:30

بەك تەسىرلىك يېزىلغان ھىكايە!
   شۇڭا ئەرلەر مەڭگۈ ئاياللارغا يۈز كېلەلمەيدۇ، دەپ بىكار ئېيتىلمىغاندە.

anar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:45:31

قايسى كۈنى بىرى بىلوگ دىكى ئىمزاسىغا : ئەگەربىر ئەر مەن ئۈچۈن  ھەيز ئاغرىقى ، تولغاق ، تۇغۇتتىن كېيىنكى روھىي بېسىم ، بالا بېقىش ،تەربىيلەش ...بىر قاتار ئىشلارنى ئۈستىگە ئالسا ، مەن بىر ئۆي ئېلىپ ئۇنى بىر ئۆمۈر بېقىشقا رازى ئىدىم دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن ، بۇ نەق شۇنى ئەسلەتتى

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:37:11

بۇ تۇرمۇشنىڭ پەقەت بىر قىسمى ،ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كېشلەرگىلا ۋەككىلىك قىلىدۇخالاس   ..لىكىن ئۆيى يوقكەن دەپ كەتكەنلەر خېلى بار:)
بەت: [1]
: يەنە بەش يىل ساقلا