كېلىن بەختى- تىلىدا ،سۆزىدە، زۇۋانىدا ، ئاغزىدا
كېلىن بەختى ______ تىلىدائائىلە تۇتۇش،كېلىن بۇلۇپ چۈشكەن ھويلىنىڭ ھەممە ئەزالىرىغا بىردەك ياخشى بۇلۇپ كېتىش قىيىن، ئەلۋەتتە. دۇنيادا مۇئامىلە،مۇرەسسە ساۋاقلىرىنى ياخشى مۇئەللىملەردىن ئالمىغان بولساڭ،ھاياتنىڭ مىڭ بىر سۇئاللىق سىنىقىدىن ئۆتۈش ناھايىتى قىيىن. كېلىنلىككە ئائىت مەسىلىلەرنى سۇئاللارغا سىغدۇرۇپ بولمايدۇ.بۇرۇنقىلار «كېلىنلىك- ئازابلىق» دەپ بىكار ئېيتىشمىغان. ئەسلىدە بۇ پەلسەپە ھاياتقا مۇپەسسەل قارىغانلارغا ھاياتنىڭ ئۆزىدەك ئاددى بۇلۇپ تۇيۇلۇشى ھەم مۇمكىن.
مۇھەببەتنىڭ ئەدەپگاھى كۆتەرمەس ئەسلە شۇملۇقنى،
كى شەبنەمدىن ئېچىلغاي گۈل ۋە كۆز ياشتىن نىگاھ،ئاندا...
پەيلاسوپ شائىر مىرزا بىدىل بۇ يەردە كىشىلەرنى سەمىمىيەتكە،شەبنەمدەك پاكلىققا،تىنىقلىققا دەۋەت قىلماقتا.كېلىن ھەم يېڭى ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى شۇنداق سەمىمىيىتى،تىنىقلىقى،ياخشى نىيىتى،شېرىن تىلى بىلەن يېڭىدۇ،ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ.
تەسەۋۋۇر قىلىڭ، ئىشتىن قايتقان كېلىن ئۇدۇل ئاشخانىغا كىرىپ كەچكى تاماققا تۇتۇش قىلغان قېينانىسىغا:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئانا! جاپا تارتىپسىز! مەن ھازىر قارىشىپ بېرىمەن، ھازىر كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ چىقاي، ئەمدى سىز دەم ئېلىڭ ،- دېسۇن. ياكى ئىشتىن كەلگەن كېلىن ئىشىكتىن ئۇدۇل ئۆز خانىسىگە كىرىپ كەتسۇن-دە، ئىش كىيىملىرىنى ئۆي كىيىملىرىگە ئالماشتۇرۇپ چىقىپ، ئاشخانىدىكى قېينانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئولتۇرسۇن، قېينانىسىنىڭ :
---كەلدىڭىزمۇ ، بالام؟!--دېگەن گىپىگە:
---ھە، كەلدىم! بەكلا چارچىدىمكى،بېشىم ئايلىنىپ قالمىسىدى، دەپ قورقىمەن، يەنە سۇيۇق تاماقمۇ؟ باشقا تاماق قىلسىڭىز بولماسمىدى؟_دېسۇن. ياكى ئوقۇشتىن قايتقان كېلىن:
---ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئانا، ياخشى تۇرۇپسىزمۇ؟ دوستلىرىم تاماق يەيمىز دەپ ئاشخانىغا كىرەيلى دىگەن ئىدى، مەن ، ئانام بىلەن چاي ئىچىمەن دەپ، يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كەلدىم،ھېچ نەرسە يېگۈڭىز كەلمەي ئولتۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، كېلىڭ ئانا، دېسىۇن،- قېينانىلارغا ئۇلارنىڭ قايسى بىرى ياقىدۇ؟ قايسى بىرى ئۇرۇنلۇق؟
ئەلۋەتتە بىرىنچى ۋە ئۈچۈنچى كېلىن توغرا قىلدى دەمسىز ؟ شۇنداق دىيىشنى دەيمىز-يۇ، نېمىشقا بەزەن ئۆزىمىز بۇنى ئۇنتۇيمىز؟ شۇ ئاددىيلا مۇئامىلىنى ئورنىدا قىلىپ، بىزگە ئىنتىزار بولغانلارنى خۇش قىلىپ، ئۆزىمىز ھەم خۇش بۇلۇپ يۈرمەيمىز؟
يۇقۇرىدا مىسال كەلتۈرۈلگەن كېلىنلەرنىڭ بىرىنچىسى ۋە ئۈچىنچىسىنىڭ ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئەركە مەلىكىسى بۇلۇپ يۈرۈشلىرىدە شۈبھە يوق.
ئەگەر بۇسۇغا ئاتلاپ ئۆيگە كىرگىنىڭىزدە قېينانىڭىز كۆزىڭىزگە يۇمشاققىنە كۈرۈنسە، ئۇلار بىلەن باغرىڭىز پۈتۈن، ئىلىكىڭىز توق بولسا ، داۋاملىق ئەركىلىگىڭىز، تاتلىق گەپ ئاڭلىغىڭىز كەلسە، دېمەك سىز ئۆز ئۆيىڭىزدە بەخت چىرىغىنى ياققان، يۇقىرىدىكى بىرىنچى ۋە ئۈچۈنچى مىسالدىكى كېلىنلەردىن ھىسابلىنىسىز.
خەلق ئارىسىدا « ئوتتۇز ئىككى چىش بىر تىلغا پاسىبان » دەيدىغان بىر گەپ بار، بۇ --تىل بىر ئىبارە ئېيتىش ئۈچۈن ئوتتۇز ئىككى پاسىبان چىرىغىدىن ئۆتۈشى كېرەك دىگەن گەپ، شۇنداقلا، بىر كېسىشتىن ئالدىن يەتتە ئۆلچەشكە ئىشارە. بولمىسا:
دىلدىكى گەر تىلغا كۆچسە، لەختە چوغ بولغاي زەبان،
شۇل سەۋەب سىر مۈكلىنىڭ يۇشۇرۇن-پىنھان بىز.
دىگەن مەزمۇنىغا باپ كەلمەي قالىمىز.
مىسالدا كەلتۈرۈلگەن ئىككىنچى كېلىنگە شۇ گەپلەرنى ئېيتسىڭىز:
--نېمە ، مېنىڭ جېنىم قىرىقمىدى؟- دېيىشى مۇمكىن.
ئادەتتە، مۇرۇۋۋەت كۆرسەتكەندىلا، مۇرۇۋۋەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ، مېھىر بەرگەندىلا مېھىرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاۋۋال خۇش قىلىپ كېيىن خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ.
توغرا، بەزىدە ، ئايال زاتىنىڭ جېنى قىرىق بولىدۇ، دەپ ھەزىل قىلىنىدۇ، بۇ گەپتە جان بار، لېكىن ئايال كىشىنىڭ چارچىماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئاۋۋال ئەتراپىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ مېھرى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ھەممىگە كېرەكلىكىنى ھىس قىلدۇرۇپ تۇرۇشىدا ، ئۆزىنىڭ كىچىككىنە سېھىرلىك مەملىكىتى- ئۆز ئائىلىسىدە بەخت-چىرىغىنى ياقالىغان كېلىنلەر بۇنى ياخشى بىلىشىدۇ.
ئۆزىدىن باشقىغا مېھىر يەتكۈزەلمەيدىغان ، لېكىن ئۆزىگە كۆپ ئېتىبار تەلەپ قىلىدىغان (ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسىنى ئىككىنچى مىسالدا كۆردىڭىز) كېلىنلەر بەخت چىرىغىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆچۈرۈپ قويىشىدۇ.
نېمە دىسىڭىز دەڭ، ئاياللارنىڭ جېنى قىرىق بولامدۇ-يوق، ئەمما ئىككى قولى ناھايىتى مۇستەھكەم بۇلۇشى كېرەك، ئۇ بىر قولى بىلەن ئىشى،مەۋقەسىنى، ئىككىنچى قولى بىلەن ئۆيى، ئائىلىسى، ئېرى،باللىرى، ئەڭ مۇھىمى ئاياللىقىنى تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەك. بۇنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم قىلمايدۇ. باشقىلار ياردەم بېرىشى مۇمكىن، لېكىن ياردەم ھەم مېھىر ۋە كۆرسىتىلگەن مۇرۇۋۋەت ئورنىغا بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، ئەنە شۇ مېھىر- مۇرۇۋۋەتنى قولى ئارقىلىق بېرەلمىگەن كېلىن ھىچ بولمىسا تىلى ئارقىلىق بەرسە ئەسلا ئۇتتۇرۋەتمەيدۇ.
چارچىمايدىغان قىرىق جاننى كېلىنلەرگە ياخشى ياخشى تىلەك، ياخشى نىيەتلىرى بىرىدۇ."ئىبرەتلىك كېلىنلەر " كۆرىكىدە بىر كېلىن يۈرىكىدىكى ياخشى تىلەكلىرىنى تۆۋەندىكى مەنالاردا ئىزھار قىلغان ئىدى:
__________ مەن كېلىنمەن، مېنىڭ قېينانام بار، مەن ئۇلار قەلبىگە قۇلاق سېلىشنى ئىستەيمەن. سىز ئوغۇل ئۆستۈردىڭىز، مېنى كېلىن قىلىپ پاناھىڭىزغا ئالدىڭىز، كېيىن ئاق پاتىھە بېرىپ ئۆز باللىرىڭىز بىلەن ئۇچۇرما قىلدىڭىز.
كۈندە ماڭا سۆيگۈ ، مېھىر ئېلىپ كېلىدىغان ئوغلىڭىز بۈگۈن سەل تەشۋىشلىك كەلدى، سەۋەب، ئۇ سىزنىڭ ساقسىزلىقىڭىز ھەققىدە خەۋەر ئاڭلاپتۇ. مەندە سىزگە خاس بولغان ئەقىل - پاراسەت كەم، شۇ سەۋەبتىن ئىللىق گەپلەرنى ئېيتىپ ئوغلىڭىزغا تەسەللى بىرەلمىدىم.
مەندە سىزدىكى جاسارەت ھەم يوق، ئانىجان، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ تەشۋىسىنى سوراشقا بەرداشىم يەتمىدى.
مەن ئۇنى سىزنىڭ قېشىڭىزغا ئۈندىدىم خالاس، كېلىۋىتىپ ئۇ ماڭا: « ئەزىزىم، بالىلىرىمىزغا ئانامدەك مېھىرلىك بول، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياخشى تىلەكلەر تىلە، ئانام ساقىيىپ كەتسۇن » دېدى، ئىلتىجا بىلەن.
ياخشى تىلەك!!!!!
قەلبىمدە ياخشى تىلەكلەر ناھايىتى كۆپ، مۆھتەرەم ئانا، ئاۋۋال سىز دائىم ساق بۇلۇڭ، شۇندىلا ئوغلىڭىزنىڭ يۈزىگە تەشۋىش سايە سالمايدۇ.
ئۇنىڭغا بولغان مېھرىڭىز يەنىمۇ كۆپەيسۇن، تاكى ئۇمۇ ، نەۋرىلىرىڭىزمۇ بۇ مېھىرنى قېنىپ-قېنىپ سۈمۈرسۇن، ئۇلار بۇ مېھىر بىلەن مېنى ھەم قاندۇرسۇن، مېھىر ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، دەيتتىڭىزغۇ ئۆزىڭىز!
مەن سىزگە بەخت-خاتىرجەملىك تىلەيمەن. چۈنكى سىزنىڭ بەختىڭىز ______ئاۋال مېنىڭ بەختىم ، سىزنىڭ خاتىرجەملىكىڭىز ____مېنىڭ پاراغىتىمدۇر.
مېنى كەچۈرۈڭ ئانا، سىزگە تىلەك تىلەيمەن دەپتىمەنۇ، بارچە تىلەكلىرىم ئۇ ھەققىدە يەنى سىزنىڭ ئوغلىڭىز ھەققىدە بۇلۇپتۇ، ئويلاپ قارىسام ئككىمىزنىڭ تىلىكى بىر ئىكەن. ياخشى نىيەتلىكلەرنىڭ بەختىنى ئاللاھ كەم قىلمايدۇ!!!
ئاپتورى: رەھىمە شامانسۇروۋا (ئۆزبېكىستان )
مەنبە: «روھ پاكلىقى_دىل جىلۋىسى» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
بۇ تىمىنى يوللاپ ياخشى قىپسىز،كىتاپنى كۆرۈپ بولالمىغانلار مۇبەردىن كۆرۈپ پايدىلانسا بولغۇدەك:victory: «كېلىن بەختى- تىلىدا ،سۆزىدە، زۇۋانىدا ، ئاغزىدا» ... تىلىدا: تۈركىيچە (ئۇيغۇرچە)
سۆزىدە: تۈركىيچە (ئۇيغۇرچە)
زۇۋانىدا: فارسچە يۇقىرىقى ئىككى سۆزنىڭ دەل ئۆزى!
«كېلىن بەختى- تىلىدا ،سۆزىدە، زۇۋانىدا ، ئاغزىدا» ... تىلىدا: تۈركىيچە (ئۇيغۇرچە)
سۆزىدە: تۈركىيچە (ئۇيغۇرچە)
زۇۋانىدا: فارسچە يۇقىرىقى ئىككى سۆزنىڭ دەل ئۆزى!
ئەسلى ، كېلىن بەختى-تىلىدا ئىكەندۇق، مەن باشقىلىرىنى قۇشۇپ قويغان. ھاھاھا.... ئەسلىدە تىنچ تۇرمۇش تېخىمۇ جانلاندۇرماق بولغانكەنسىزە:lol
بەت:
[1]