peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:50:16

مىنىڭ تور دۇنياسىغا يېزىلغان تۈنجى تېمام : شۇ كۈنى ، ئەيدىز ئوقۇغۇچى

شۇ كۈنى
(ئەيدىز« قىز» ۋە سىستىرانىڭ تەقدىرى)
ھىكايە
شۇ كۈنى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن شەھەر ۋە ناھىيە ،بازار يېزىلىرىدا توپا ياغدى، 30 مىتىر نېرىسىدىكى ماشنىنى كۆرگىلى بولمايتى، ماشنىىلار چىڭقى چۈشتىمۇ چىرىغىنى ياندۇرۇپ مېىڭىشقا مەجبۇر بولدى....بۇ تەڭرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىگە بولغان غەزىۋىمۇ ياكى ئىنسانلارنىڭ قالايمىقان تەبىئەت ئانىغا قىلغان ھۆرمەتلسىزلىكىدىن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان نالىسىمۇ بىلىپ بولمايتى.....
------13-كارۋاتتىكى قىزنىڭ ئاسما ئۇكۇل تۈگىدى،دىدى، پۈتۈن زېھنى بىلەن كىسەل تارىخىنى يېزىۋاتقان گۈلنىسا تۇيۇقسىزلا چۈچۈپ كەتتى، ۋە -ھە بولۇدۇ،مەن ھازىر كىرەي -، دەپلا ،قەلەمنى قويدىدە ،ياتاققا قاراپ ماڭدى.كۆڭلىدە:- بۇ توپا ھەجەپ قاتتىق ياغدى،قاچانمۇ توختا يېغىشى،-دىگەنلەرنى لىپ قىلىپ ئۆتكۈزدى.. ياتاققا كىرىپ، 13-كارۋاتقا ياتقان ئەمدىلا 17-18 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسغا، ئەلفىرەگە قاراپ قويدى، قىز ئوماق ئىدى، لېكىن، قىزنىڭ شۇ ئوماق يۈزىدە سەبىلىكنى ،شەرمى ھايانى كۈرەلمىدى..چۈنكى،قىز شۇ يېشىدىلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئىدى. دەسلەپتە قىز باشقا بىر كىسەل بىلەن دوختۇرخانىغا ئېىلپ كېلىنگەن ئىدى، قان تەكشۈرتۈش نەتىجىسىدە، قىزنىڭ قېىندا ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بارلىقى لابوراتىرەيىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان ئىدى، ئەمدىلا 17 ياشتىن ئاشقان بۇ قىزنىڭ شۇ كىسەل بىلەن يۇقۇملىنىشى كىشىنى ھەم ئويغا سالاتتى ۋە ئېچىندۇراتتى.......
گۈلنىسا ،قىزنىڭ بىلىكىدىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن سىلىققىنە ھالدا ئاسما ئۇكۇل يىڭنىسىنى تارتىپ چىقاردى،ۋە قۇرۇق ئاسما ئۇكۇل ۋە لازىمەتلىكلەرنى ئېىلپ،چىقىپ كېتىشكە تەمشەلدى، شۇ چاغدا، تەغدىر شۇنداق ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويغاندەك، ئاجايىپ بىر ئىش يۇز بەردى. قىزىنى يوقلاپ كەلگەن تۇققانلارنى ئۇزىتىپ قويۇشقا چىققان بىمارنىڭ ئاپىسى ئىشىكتىن كىرىشى، سېستىرا گۈلىنسانىڭ ئىشىىكتىن چىقىشى دەل توغرا كەپ قالدى، يۈز بەرمەسلىككە تېگىشلىك ئىش يۈز بەردى، بۇ قېتىمىقى تاساددىپى بۇ سۇقۇلۇشتىن، بايا بىمارنىڭ-ئەيدىز ۋىرۇسى بار بىمارنىڭ بىلىكىدىن تارتىۋېلىنغان شىپىرىش سېستىرانىڭ بىلىكىگە كىرىپ،چىممىدە قىلدى،ئۇنىڭغىچە بىر ئىككى تامچە قان چىقىشقىمۇ ئۈلگۈردى.......ئىسىت.....ھەي ئىسىت.....سېستىرا ،،ۋاي دەپ قالدى،ئۈلگۈرەلمىدى،دەقىقە ئىچىدە چىرايى تاتىرىپ كەتتى....ئاسماندا يەنىلا توپا يېغىۋاتاتتى، ئادەمنىڭ دىمىقى ئاچچىق بولاتتى..
بىمار دوختۇرغا كىرگەن چاغدا تۇيۇقسىز بېقىنى ئاغرىپ،جىددى خارەكتىرلىك سوقۇر ئۈچەي بىلەن كىرىپ قالغان ئىدى، دوختۇرلار جىددى ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ باردى. ئەتىسى بىلەكتىن قان ئېلىپ،لابوراتورىيەلىك تەكشۇرۇش قىلدى. تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان دوختۇر تەكشۇرۇش ئەسۋابىدا كۈرۈلگەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى كۆرگەندە، بۇلۇپمۇ تەكشۇرلىۋاتقان بۇ بىمارنىڭ بىر 17ياشلىق تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ،تۇلىمۇ بىئارام بولدى، لېكىن، تەكشۇرۇش ئۈسكىنىسى يالغان نەتىجە كۆرسىتەلمەيدۇ دە.....قىز تېخى كىچىك، ئاتا ئانىسى بلىسە قانچىلىك بىئارام بوپ كىتەر! .....لېكىن، كىسەلنى يۇشۇرسا ئۈلۈم ئاشكارە دىگەن گەپ بارغۇ؟ ........دوختۇرخانا رەھبەرلىكى ھازىرچە دىمەسلىكنى ئۇقتۇردى، لېكىن، كىسەلنى ئوپىراتسىيە قىلىشقا قاتناشقان بارلىق دوختۇر،سېستىرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئەھۋال ئۇقۇشىۋىدى، ئوپىراتسىيە جەريانىدا ئۇنداق كېلىشمەسلىكنىڭ بولىمىغانلىقى ئېنىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن دوخــتۇرلار ۋە سېستىرالاردىن بۇلۇپمۇ، كىسەلگە مەسئۇل سېستىرالاردىن ئۇكۇل سېلىش جەريانىدا قاتتىق ئېھتىيات قىلىشنى تەلەپ قىلدى....لېكىن، شۇ كۈنى، شۇ توپا ياغقان شۇ كۈنى ئەنە شۇنداق ئىش ئاخىرى يۈز بەردى.
------:" ئەيدىز ۋىرۇسى 3 خىل يول بىلەن يۇقۇدۇ،بىرسى شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش"----"گەرچە ئورتاق ئىشلەتمىگەن بولساممۇ،ئۇنىڭ بىلىكىدىن تارتىۋېلىنغان شىپىرىس مىنىڭ قۇلۇمغا كىرىپ كەتتىغۇ؟ ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك، يولدۇشۇم ئەسقەرگە قانداق چۈشەندۈرسەم بولار؟ ئۇ قۇبۇل قىلالارمۇ؟ يا مەن بىلەن ئاجرىشىىپ كىتەرمۇ؟ ئىسىت...ۋاي ئىسىت.. "
ئارىدىن 4ئاي ئۆتتى، سوتتىن بىر جۇپ ياش ،بۇرۇن بەكمۇ ئىجىل ئىناق ئۆتكەن بىر جۇپ ياشنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاجرىتىلغان ئىدى. ئايال بىر دوختۇرخانىنىڭ سېستىراسى ئىدى، ئەرنىڭ ئىسمى ئەسقەر ئىدى، 2 نارەسىدە بالا ئاتا ئانىسى ھايات تۇرۇپ، تىرىك يىتىم بولغان ئىدى. قىزىق يىرى، سوتنىڭ ھۈكۈمى چىققان شۇ كۈنى ھاۋا ئۇچۇق بۇلۇپ، توپا ياغمىغان ئىدى...........................................................................
...
...
...ئەسكەرتىش: بۇ مېنىڭ تۈنجى قېىتىم تېما يوللىشىم. دوستلار قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭلار.
بۇنى بىر دوستۇم ماڭا دەپ بەرگەن، بۇ قەشقەرنىڭ مەلۇم چەت ناھىيە ۋە ياكى بازىرىدا بولغان ھەقىقى ۋەقە ئىكەن. ماڭا ئۇ دوستۇم سۆزلەپ بەرگەن چاغدا كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بۇلۇپ، ئىزتىراپلىققا پېتىپ قالغان ئىدىم، نىمە ئۈچۈن؟؟؟؟

ئىزاھات:بۇ بىر ھەقىقى بولغان ۋەقە ئىكەن، مەن بۇنى دوستۇمنىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە ھىكايە قىلىپ يېزىپ چىقتىم، ھەم بۇ مىنىڭ تورغا تۈنجى قېتىم يازغان تېمام بولىدۇ،
ئارىىمىزدا ياش تۇرۇپلا، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، چەكلەنگەن مېۋىنى بالدۇر يەپ، ناشايان ئىشلارنى قىلدىغانلار كۆپىيىپ قالدى،بۇنداق قىلىش، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنيەت، ئۆرب-ئادىتىمىزگە خىلاپ بۇلۇپ، پەقەت ھالال نىكاھ ئۇقۇتقاندىلا ئاندىن، ھالال يول بىلەن چەكلەنگەن مېۋە يەنى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. بىزنىڭ شۇنداق نىكاھتىن بۇرۇن ناشايان ئىشلارن قىلغانلارنىڭ ئىشىدىن ساۋاق ۋە ئىبرەت ئېلىپ، پاك ۋە پاكىز ياشاپ، ئاتا ئانا، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش، ئۇلارنىڭ يۈزىنى يەگە قاراتماسلىق مەجبۇريىتىمىز بار.
بۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن بۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قىز،دەل، بالدۇر ناشايان ئىشلارنى قىلىپ، كىسەل يۇقتۇرۋالغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن،سېستىرا قىزنىڭ ئائىلىسىمۇ،ۋەيران بولغان، چۈنكى، ئەيدىزنىڭ يۇقۇشىسدىن قورققان سىستىرانىڭ يولدىشى ئايالىدىن ئاجراشقان.
ھەممىمىزگە پاكلىق، خاتىرجەملىك يار بولسۇن.

anar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 00:14:27

ھەممىسگە ئىنساپ تىلەي !
ئۆزۈممۇ بەك ئەنسىرەيمەن ، ئىدارىدە گەرچە بىۋاستە كېلىنكا بىلەن ئېتىشمىساممۇ ، لېكىن ھەر ھەپتىلىك تەكشۈرۈشتە تولا ھەپىلىشىپ قالىمەن شۇنداق بىر قېتىملىق داۋالاش بۇيۇملىرى بىلەن ، ئاللاھ ئۆزى ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:25:15

مۇشۇ كۈندە ياشاشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىغۇ كىشى. سىرتلارغىمۇ چىققۇسى كەلمەيدىغان.
بەت: [1]
: مىنىڭ تور دۇنياسىغا يېزىلغان تۈنجى تېمام : شۇ كۈنى ، ئەيدىز ئوقۇغۇچى