ساتىراش دوستلارغا ئىككى كەلىمە سۆز
ساتىراش دوستلارغا 2 كەلىمە سۆز ۋە ئەيدىزساتىراشلىق كىشىگە پاكىزلىق، گۈزەللىك ئاتا قىلىدىغان ھالال كەسپلەرنىڭ بىرى. بۇ توغرىلىق "سەرسان روھ" دېگەن كىتاپتا بارلىق ئەسلى-ۋەسلىدىن ئايرىلغان ئاتىخاننىڭ شۇ ھەرەم-مەككىدە شۇ ھالال، پاكىز كەسپكە تايىنىپ، مۇئامىلىسىدىكى خۇش پېئىل، ئاق كۈڭۈل، سەمىمى، يۇمشاق قولى، ئەتراپلىق پاكىز مۇلازىمىتى ئارقىلىق شۇ جايدا بويۇن قىسىپ قالماي، شۇ گۈلدەك ھۈنىرىنىڭ نېنىنى تېتىپ يەيدىغانلىقى توغرىلىق بايانلار بار.
ھازىر يۇرتىمىزدا بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاز ئەمەس، ھەر كىمنىڭ رىسقى ئوخشاش بولمىغاندىكىن، ھەر كىمنىڭ ھەر قايسى ساتىراشخانىلاردىكى ساتىراش ئۇستاملارنىڭ تاپقان تەرگىنى ئوخشاش ئەمەس. شۇنداقلا، كىرىدىغان خېرىدارلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ھەر خىل ئېقىمدىكى ھەر خىل تىپتىكى ھەر قانداق ئادەملەر ئۇچرايدۇ.
مەيلى قانداق ساتىراشخانا بولسۇن، خېرىدارنىڭ ئىستەيدىغىنى شۇ ساتىراش ئۇستامنىڭ خۇش پېئىللىقى، قولىنىڭ يۇمشاقلىقى، پاكىزلىقى مۇشۇلار ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىزدە «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ»، « تاپقىنى گۈل كەلتۈرۈر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» دەپ، مۇئامىلىدىكى، پوزىتسىيەدىكى خۇش پېئىللىق، ئىللىق چىراي ۋە پاكىزلىق خېرىدار، ھەممە كىشىنى رازى قىلىشنىڭ ئۆلچىمى ۋە تەلىۋى. ساتىراشلىقتا، خېرىدارنىڭ بېشى، يۈزى قاتارلىق ئادەمنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزالىرىنى تۇتىدىغان، ئۇلارغا تىغ سالىدىغان ئىش بولغاندىكىن ھۈنەردە بەكمۇ مۇلايىم، قولى يىنىك، پاكىز بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەمدى بەزى ساتىراشخانىلارغا كىرسە ئادەمنىڭ دىلى يورۇپ قالىدۇ، مۇئامىلىسىنىڭ ئىللىقلىغى، ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئەھۋال سورىشى، تاماكىنى چەكلىشى، ئىشلىتىدىغان لاتا-پەرتۇق-لۆڭگە، ئۇرۇندۇقلارنىڭ پاكىز بۇلۇشى، چاچ يۇقۇپ قالمىغان بولۇشى، پۇراپ قالمىغان بۇلۇشى، بىر خېرىدارغا ئىشلەتكەن لۆڭگە، تىغنى 2-بىر خېرىدارغا ئىشلەتمەسلىكى ھەقىقەتەن بۇ ساتىراشلاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك سەمىمى مۇلازىمەت ۋە خېرىدارنىڭ پاكىزلىق تەلىۋى. ئادەم بۇنداق ساتىراشخانىلاردىن بەكمۇ رازى بولىدۇ. بۇنداق ساتىراشخانىلار ئىشەنچلىك بولۇپ، كېسەل يۇقۇپ قېلىشىدىن ئادەم-بىز خېرىدارلار ئەنسىرىمەيدۇ. ئەمدى بەزى ساتىراشخانىلارغا كىرسە، تونۇش خېرىدارلار كىرسە باشقىچە مۇئامىلە قىلىدىغان، تۇنۇمايدىغانلارغا ئانچە سەمىمى بولمايدىغان، ئىشلىتىپ بولغان لۆڭگىلەرنى يەنە ئىشلىتىدىغان. ئىشلىتىپ بولغان ، باشقىلارنىڭ ساقىلىنى ئالغان، گەدەننى قىرغان تىغدا باشقا 2- ئادەمگە ئىشلىتىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس، مەۋجۇت. بۇنداق ساتىراشلار ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان بولىدۇ، مۇئامىلىدە سەمىمى بولمىغان بولىدۇ، قىسقىسى ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردۇر..
بىز بىلىمىز، ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى 3 خىل يول بىلەن بولۇپ، بىرسى قان ئارقىلىق يۇقۇش، ساتىراشخانىدا ئىشلىتىدىغان تىغ بىۋاستە ئادەم تېنى بىلەن ئۇچرىشىدىغان سايمان بولۇپ، بۇ تىغدا قان تىگىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى. چۈنكى، ئادەم يۈزى ۋە بېشىدا، ئىڭەك قاتارلىق جايلاردا ھەر خىل يارا ۋە دانىخورەك، سۈگەللەرنىڭ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇ جايلارغا تىغنى ئاۋايلاپ سالمىغاندا، قان چىقىش تۇرغانلا گەپ. ئۇ خىل ئەھۋالدا، شۇنداق قان چىققان چاغدا ئىشلەتكەن تىغنى يەنە بىر خېرىدارغا ئىشلەتكەن چاغدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ دەرىجىسى بەكلا چوڭ بولىدۇ. ھازىر دىيارىمىزدا ئەيدىز كېىسىلى تېز يامراۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە سانى جەھەتتە بىز مىللەت كۆپرەك نىسبەتنى تەشكىل قىلىمىز، ئۇنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش شەكلى زىناخورلۇق، پاھىشىلىك، پاھىشۋازلىق، بەچچىۋازلىق، زەھەرلىك چېكىملىك، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىق بۇلۇپ، قان ئارقىلىق يۇقۇشنىڭ يوللىرى يەنى ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، تىغنى جىق ئادەملەر ئىشلىتىش قاتارلىقلار.
مەن بۇ يەردە بارلىق ساتىراشخانىلارغا بارىدىغان ئۈزىمىز ئۈچۈن، بىر خېرىدار بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ساتىراشخانا ، ساتىراش ئۇستاملارنىڭ سەمىمى بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ سەمىمى بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ساتىراش ئۇستاملار چوقۇم سەمىمى بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ساتىراشخانىغا ئوڭمۇ كىرىدۇ، ساقمۇ كىرىدۇ، تەتۈرمۇ كىرىدۇ، بىمارمۇ كىرىدۇ، ئەرمۇ كىرىدۇ، ئايالمۇ كىرىدۇ، چوڭمۇ كىرىدۇ، ياشمۇ، كىچىكمۇ كىرىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ ساتىراشقا ھاجىتى چۈشىدۇ. شۇنداقلا، شۇ ساتىراش ئۇستاملارنىڭمۇ بىر بىرىگە ھاجىتى چۈشىدۇ. ئۇلار چۇقۇم ۋىجدانىغا لايىق، جەمئيەتكە، مىللەتكە مەسئۇل بولغان ئاساستا، ئۆز ھۈنىرىنى ھالال قىلىشى كېرەك. پاكىز بۇلۇشى، سەھىيە ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۈڭۈل بۈلۈشى، ئەگەر بىر ساتىراش ئۇستامنىڭ بىخەستەلىكى، ھۇرۇنلىقى ياكى بىر موچەنلىك پايدىنى دەپ، بىر ئەيدىز كىسىلى بار خېرىدارغا ئىشلەتكەن، قان يۇقى بار تىغنى يەنە بىر ساق بىمارغا ئىشلەتسە، ئۇنىڭ ساقىلىنى ئالسا، يۈزىنى غىردىسا، قىرسا، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ بىر يىرىنى كىسىۋەتسە، شۇ بىر ساق ئادەمنى نابۇت قىلدى دىگەن گەپ. ساتىراش ئۇستام شاگىرتلىرىغىمۇ چوقۇم قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك. تىغنى چوقۇم قەتئى ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئۇنىڭ زىيانلىق تەرىپىنى ھەر بىر شاگىرت، ئۇ چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، كاللىسىغا قۇيۇۋېتىشى كېرەك. بىر-ئىككى موچەننى دەپ، بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقى بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك. خېرىدارمۇ تىغنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشى، يېڭى، ئىشلەتمىگەن تىغنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
قىسقىسى ئەيدىزدىن يىراق بۇلۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇليىتى بار، ساتىراش ئۇستاملارنىڭ مەسئۇليىتى بار، ھەر بىر خېرىدارنىڭ مەسئۇليىتى بار، ئەيدىز بولغۇچىمۇ چۇقۇم ئۈزى ئىشلەتكەن تىغنى باشقىلارنىڭ ئىشلەتمەسلىكىكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئەگەر بىر يىرىنىڭ كىسىلىپ كەتكىنى بايقىسا چۇقۇم، شۇ تىغنى ئىشلەتمەي تاشلىۋېتىشىنى ئالاھىدە تاپىلىشى كېرەك، مەيلى خېرىدار دىسۇن ياكى ئەسكەرتسۇن، ئەسكەرتمىسۇن، شۇ ساتىراشخانىدىكى ھەر بىر خادىم، بىر ئادەمگە بىر تىغنى ئىشلتىشنى چۇقۇم ئالاھىدە ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى، ھۈنەردە ئىلمى، ھالال، پاكىز، قولى يىنىك بۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشى كېرەك.
ئاخىرىدا، بارلىق سەمىمى ساتىراش ھۈنەرۋەن ئۇستاملارنىڭ ھۈنىرىگە بەرىكەت تىلەيمەن.
ئۇستام دېققەت قىلسا بولغىدەك،مەنغۇ ئەزەلدىن ساتراشخانىدا ساقال ئالغۇزمايمەن:@ ھەقىقەتەن ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، ساتىراشخانىغا قوشۇپ يەنە بىر تەكىتلەيدىغان ئىش ، ئاياللارغا نىسبەتەن پەردازخانىدىكى پاكىزلىققا دىققەت قىلىشمۇ مۇھىم بىر ئىش ، چۈنكى قاش - كۆز چېكىش ياكى چېكىلگەن جايلارنى يۇيۇش ئىشقىلىپ جىق مەشغۇلاتلار ئادەم تېنى بولۇپمۇ تېرە بىلەن بېۋاستە ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا ، بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ . بۇ داۋاسى يوق كېسەلدىن خۇدا ساقلىسۇن .
بەت:
[1]