peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:32:16

ياراشمىغان بايرام ۋە مىيىت نامىزى

ياراشمىغان بايرام ۋە مىيىت نامىزى
                                   ئۈزىمىزنى قەدىرلەيلى!
     دوستۇمنىڭ ئاپىسىنى جىددى قۇتقۇزۇشتا ياتاققا ئالدۇرۇشنىڭ پەيتىدە، ياندىكى جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىدە بىر قىز ئازابلىق ۋاقىراۋاتاتتى. ئېچىنىشلىق ۋاقىرىشىنى ئاڭلاپ، ئادەمنىڭ ئىچى سېرىلاتتى. ئۇ قىزنى مەن «بىرەر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ بىرەر يىرى سۇنغان بولسا ۋە ياكى باشقا جايلىرى ئاغرىپ كەتكەن بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپتىمەن. بىردەمدە دوستۇم سىرتتىن ئاپىسىنىڭ ياتاق رەسمىيىتىنى بىجىرىپ كىرىپ، ئۇ قىزنىڭ يەنى باياتىن بىرىقى ئېچىنىشلىق ۋاقىرىغان قىزنىڭ چۈتوڭپىيەن(去痛片) يەۋالغانلىقىنى دېدى، ئۇ قىز بۈگۈردىن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ئۇ يەردە ئامال قىلالماي بىۋاستە ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەنلىكىنى دېدى. دوختۇرلار تىزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇ قىزنىڭ ئاشقازىنىنى تازىلاشقا باشلىماقچى بولغاندا ئۇ قىزنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى، شۇنداقتىمۇ دوختۇرلار بار ئامالى بىلەن قۇتقۇزۇشقا كىرىشتى بولغاي....بىز دوستۇمنىڭ ئاپىسىنىڭ رەسمىيىتىنى ئۈتەپ، ياتاققا ئالدۇرۇش بىلەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلىۋەردۇق. ئۇ كۈنى ئۇ قىزنىڭ دورا يەۋالغانلىقىنى بىلسەكمۇ ئۇ قىزنى بۇنچىۋالا تېز ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلار دەپ ئويلىمىغان ئىدۇق.
      ئەتىسى دۈشەنبە بولدى، مەن ئىشقا كەتتىم. بۇ كۈن ئۈرۈمچىدە قار ياغىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىدارىدا قونۇپ قالدىم، دوستۇم بىلەن ئەتىسى كۈرۈشۈشكە دىيىشتۇق، ئىشتىن چۈشۈپ بارىدىغان بولدۇم قېشىغا. سەيشەنبە بولدى، ئىشتىن چۈشۈپ 2-دوختۇرخانىغا باردىم، دوستۇم بىلەن ئاپىسى مېنى ساقلاپ تۇرىۋېتىپتىكەن. ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن، دوستۇم «ھېلىقى دورا يەۋالغان قىزنى جىددى قۇتقۇزۇشنىڭ مۇشۇ قەۋەتتىكى ئاۋۇ كارۋاتقا ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىدى تۈنۈگۈن،  بايا جان ئۈزۈپتۇ» دېدى، ئىچىمدە باشقىلارنىڭ جان ئۈزگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئوقۇيدىغان ئايەتنى ئوقۇپ «قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەپتۇ- دە» دېدىم. «شۇنداق، ئاچىسى بەك يىغلاپ كەتتى، ئانىسىمۇ بىرگە كەپتىكەن، ئاڭلىشىمىزچە ئاياللار بايرىمى كۈنى ئوغۇل دوستى بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ چىقىپ كېتىپتىكەن، شۇ كۈنى كەچتە كەيپىياتى ياخشى ئەمەس كىرىپتۇ، ئەتىسى شۇ دورا يەۋالغان ئوخشايدۇ، بۈگۈردە ئامال قىلالماي  ئۈرۈمچىگە ئەكەپتىكەن، بۇ يەردىمۇ ئامال بولماپتۇ »دېدى. ئىچىمدە بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم. ھەي،،،بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ. بالدۇر ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ، ھەر قانچە بولسىمۇ دورا يەۋالمىغان بولسا بوپتىكەن دەپ ئويلىدۇق.
.........................
    قىشمۇ ئاخىرلىشىپ، باھارمۇ كەلگەن ئىدى. چوڭلار بىر قىش كاتەكتەك ئويدە تۇرۇپ، زىرىككەن ئىدى، 4-قەۋەتتىن پەسكە چۈشۈپ ھەرىكەت قىلىشمۇ قۇلايسىز ئىدى، ھەم يۇرتتىكى ئىشلارمۇ يىغىلىپ قالغان ئىدى، ئۇلار ماڭىدىغانلىقىغا تەييارلىق قىلدى. بۇ كۈن دەم ئېلىش كۈنى بولمىغاندىكىن، ھازىر ئىدارىدە بەك ئالدىراش بولمىغاندىكىن بىر كۈن رۇخسەت ئالدىم. چۈشتىن كېيىن ئۆيدىكىلەرنى يولغا سېلىپ، ئاق يول ئۇزۇتۇپ قالدىم. چۈشتىن كېيىن بىكەتتىن قايتاشىمدا، چوڭ بازارغا كىرىپ، كەررىفوردىن ئۆيگە بىر نەرسە ئېلىشنىڭ ئالدىدا مەسجىتنىڭ ئالدىدا جامائەتنىڭ توپلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ، « نىمە ئىش بولدى، مىيىت نامىزىغا تۇردۇڭلارمۇ » دەپ سورىدىم، بىرەيلەن «شۇنداق» دىدى. ئادەتتە كۆپىنچە مېيىت نامىزى پىشىن نامىزىدىن كېيىن ئۇقۇلاتتى، ئەسىردىن كېيىن مىيىت نامىزى ئوقۇش ئاز ئۇچرايتى. كورلىدا ناماز بامداتتىن كېيىن مىيىت نامىزى ئۇقۇلىدىكەن. قىزىمنىڭ ئسىمىنى قويغان ياش ئىمام تەبلىغ قىلىۋاتقان بۇلۇپ، تەبلىغ جەريانىدا قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن سۆزلىدى، بىرسى ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يامان گەپ قىلماسلىق، غەيۋىتىنى قىلماسلىق توغرىسىدا قايىل قىلارلىق سۆزلىدى. جامائەتمۇ كۈڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاپ، ئىمامنىڭ سۆزلىرىنى قەلبىگە پۈكۈۋېلىشنى ئويلاشقاندەك قىلاتتى. ئاخىرىدا، بۇگۈن ئۇقۇلماقچى بولغان بۇ مىيىت نامىزىنىڭ بىر 19 ياشلىق قىزنىڭ مىيىت نامىزى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى، ( بۇ قىزنىڭ نېمە سەۋەبتىن ۋاپات بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم، كىسەل سەۋەبىمىكىن ) شۇئان، تېخى ئالدىنقى ھەپتىدە دوختۇرخانىدا، جىددى قۇتقۇزۇشتا دورا يەۋېلىش سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 گۈلىنىڭ بىرسى ئېچىلمىغان ئۇ قىز يادىمغا كەچتى. ئالدىنقىسىمۇ، بۈگۈنكىسىمۇ ئوخشاشلا ياش قىزلاردىن ئىدى، ئىمام ئۈلۈمنىڭ ياشقىمۇ، قېرىغىمۇ، چوڭغىمۇ، كىچىككىمۇ بارلىقىنى، مەيلى نىمە سەۋەبتىن ۋاپات بولسۇن، ياخشى دۇئا قىلىش كېرەكلىكىنى سۆزلىدى. شۇنداقلا، ھەر قانداق ئادەمنىڭ تۇغۇلىشىدا مۇسۇلمان بۇلۇپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى، ئاخىرقى ھۈكۈمنىڭ ئاللاغا خاس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى...ئىشقىلىپ، بۈگۈنكى بۇ مىيىت نامىزىنىڭ تەبلىغى ياخشى بولغان ئىدى........
  ئۆلۈم، ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار، بىر تىنىقتىن ئايرىلساق، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىمىز دېگەن گەپ. ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى...قالدى ئويلىنىشنى ئۇقۇرمەنگە قويدۇم، چۈنكى بىزدە «ئاقىلغا ئىشارە، يامانغا جۇۋالدۇرۇز» دېگەن گەپ بار ، بۇ يەردىكىلەرگە، مۇنبەردىكىلەرگە ھەرگىزمۇ جۇۋالدۇرۇز كېرەك ئەمەس. ئىشقىلىپ  غەيۋەت، شىكايەت، تىل تەگكۈزۈش، يامان نىيەتتىن بىزگە ياخشىلىق كەلمەيدۇ. چوشقا گۆشىنى يېمەيمىز، شۇنداق ئىكەن، ئۆزىمىزنىڭ قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى، گۆشىنى يېيىشكە رازى بولىمىزمۇ؟

   مەنبەسى : ئۆزەم، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يېزىلغان. قايتا يوللاپ قويدۇم.


باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:03:03

بۈگۇردە  بولغان ئىش دەڭ     نىماندا  ئەمدى

نەئىمە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 14:31:05

كىتاپتا ئوقۇشۇمچە تۈگەپ كەتكەن ئادەمگە مەيلى ئۇ ئادەم بۇرۇن ياخشى ئىش قىلغان بولسۇن يامان ئىش قىلغان بولسۇن چوقۇم ئۇ ئادەم توغىرسىدا ياخشى دۇئا قىلىش كېرەك دەپ يىزىلغان ئىكەن .
يەنە كىسەل بولغان ئادەمگىمۇ يوقلاپ بارغاندا پۇل بىلەن يوقلاش مۇھىم ئەمەس بەلىكى كىسەل ئادەمنىڭ يىندا ياخشى دۇئا قىلش كېرەكلىگىنى يىزىپتۇ .

بەگزات يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 20:19:09

ھايات خۇددى چۇشكە ئوخشايدۇ....بۇ چۇشتىن ھامان ئويغىنىمىز..ھاياتنى قەدرلەيلى...
بۇ چۇتۇڭ پيەن يەۋالغان  ئەخمەق  قىزنىڭ  ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي....

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 10:19:02

ئۇلۇغ ئاللاغا شەك كەلتۈرۈش ئېغىر گۇناھتۇر!
  بىزدە ئۆلىۋېلىش ناھايىتى ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. بىچارە قىز، ئەقلى كەملىكتىن بولغان ئىشتە مانا. شۇڭا ئەقىل ھېسسياتنى باشقۇرالىسا سىزنىڭ مەلۇم ئىشلاردىكى يامان نىيىتىڭىزنى بىراقلا بۇرىۋېتىشى مۇمكىن. ئەمما ھازىرقى كۆپ ياشلاردا بىر خىل بىچارە روھ بەك ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. شەيتاننىڭ كەينىگە كىردى دېگەن سۆز.
   بىر ئوغۇل بالا ئۈچۈن شۇنچە قىلىش كېتەرمىدى؟ ئەرزىگەن بولسا ئۇ قىزنى رەنجىتمىگەن بولاتتى بەلكىم. ئەمما جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويۇشقان ياشلىرىمىز بۇنى بەك ئاددى ئويلايدىكەن، بىراۋ ئۈچۈن جاننى سېلىپ بېرىش شۇنچە ئاسانمۇ؟ ھەي........توۋا دېگۈدەك ئىشلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، كىشىنىڭ ئىچىنى قاينىتىپلا قويۇۋاتىدۇ دېسە.
  ئاشۇنداق قىزلارنى كۆرسەم چاقىرىپ ئەكىلىپ، جېنىم سىڭىللار، بىر ئوغۇلبالا، بىر ئەر ئۈچۈن ئۇنچە قىلىپ كېتىشكە ئەرزىمەيدۇ، ئەرزىسە سىلەرنى بۇنچە زارلاتمايتى. كاللاڭلارنى سىلكىۋېتىڭلار!!! دېگۈم كېلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئاڭلامدۇ؟ بۇنىڭغا ئىشەنچىم يوق، ئەسلا يوق............:L چۈنكى ئەقلى دېسكوخانىلاردا، تورخانىلاردا، چايخانىلاردا، يەنە نېمە نېمە خانىلاردا بۇلغىنىپ كېتىۋاتىدۇ.:Q

كەتكىنى كەتتى، ئۆلگىنى ئۆلدى. قالغانلار تىرىك تۇرۇپ يىغلىدى، كېسەل بولدى، ئاجىزلاشتى...........مانا مۇشۇنداقلا خاتىمە.
  ئۆلگەننىڭ غەيۋىتىنى قىلمايمىز، مەيلى ئۇ قايسى خىل يول بىلەن ئۆلسۇن، ئەمما تىرىكلەرگە ئىبرەت قىلىمىز. سۆزلەيمىز، بىلدۈرىمىز.
   ئەي بەرنا يىگىت، ئەي نازىنىن قىز!  ئەقىل ئىگىسى بولسىڭىز ئەرزىمەس ئىش ۋە ئەرزىمەس يوللارنى تاللاپ سالماڭ! ئەقلىڭىز ھېسسياتىڭىزنى باشقۇرسۇن!!!
بەت: [1]
: ياراشمىغان بايرام ۋە مىيىت نامىزى