ئالمىنى بۇرۇن ئېلىپ ماڭغان ئادەم
ئالمىنى بۇرۇن ئېلىپ ماڭغان ئادەميى مىڭ
بۇ مەن دوستلۇق توغرىسىدا ئاڭلىغان ھېكايىلەر ئىچىدە مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن ، قەلب دۇنيارىمدا ئىزچىل ماڭا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان بىر ھېكايە . يىللار ئۆتكەنسىرى مېنىڭ بۇ ھېكايىگە بولغان چۈشەنچەم ئېشىپ باردى .
بۇرۇن بىر جۈپ يېقىن دوستلار ئۆتكەن ئىكەن ، ئۇلارنىڭ دوست بولۇپ ئۆتىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىلدىن ئېشىپ كېتىپتۇ . ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ۋە تالاش – تارتىش يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ ، ئۇلارنىڭ دوستلۇقىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمەپتۇ . تەڭرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ئىشەنگۈسى كەلمەي ، ئۇلارنى بىر سىناپ باقماقچى بوپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چەكسىز كەتكەن قۇملۇققا ئېلىپ كېلىپ ، بۇ قۇملۇقتىن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇپتۇ . ئۇلاردىن ئۇنچە يىراق بولمىغان يەردە ، بىر تۈپ ئالما دەرىخى بارئىكەن . ئالما دەرىخىدە بىر يوغان ، بىر كىچىك ئىككى تاللا ئالما بولۇپ ، يوغان ئالمىنى يېگەن ئادەم بۇ قۇملۇقتىن ساق – سالامەت چىقىپ كېتەلەيدىكەن ، كىچىك ئالمىنى يېگەن ئادەم بولسا ، قۇملۇقتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىنكەن . شۇنىڭ بىلەن ، ئىككىيلەن كەچ كىرىشتىن ئىلگىرى ئالما دەرىخى بار يەرگە يېتىپ كېلىپ ، كىمنىڭ چوڭ ئالمىنى يېيىشى ، كىمنىڭ كىچىك ئالمىنى يېيىشى توغرىلىق تالاش – تارتىشقا چۈشۈپتۇ . بىرلىككە كېلەلمىگەن بولغاچقا ، تاڭ يورىغان چاغدا، قارار چىقىرىدىغانغا كېلىشىپ ، ئۇيقۇغا كېتىشىپتۇ .
تاڭ يورىغان چاغدا ، بىرسى قارىسا يېنىدىكى ھەمراھى يوق ، دەرەختىكى ئالمىمۇ بىر تال كەم تۇرغىدەك ، ئۇ دوستىنى ئالمىنىڭ چوڭىنى يەپ كېتىپ قاپتۇ دەپ ئويلاپتۇ –دە ، قالغان كىچىك ئالمىنى ئۈزۈپ ، ئاچچىق كۈلگىنىچە ، يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ ، ئۇ ماڭا – ماڭا قارىغۇدەك بولسا ، دوستى قۇملۇقتا يېتىپ قالغان . ئۇ دوستىنىڭ قولىدىكى ئالمىنىڭ ئۆزى ئېلىپ ماڭغان ئالمىدىن كىچىك ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە ، قانداق ئويلىغىنىنى سىز تەسەۋۋۇر قىلالامسىز ؟
دوست دەيمىز ؟ دوست دېگەن نېمە ؟ بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، مەن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك دوستى بارلىقىنى دەپ ئولتۇرمايدىغان ، دوستلىرىمدىن قايتا گۇمانلانمايدىغان بولدۇم .
خەنزۇچە < ئاياللار ئوقۇشلۇقى > ناملىق ژورنالنىڭ 2006-يىللىق 10-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:27
بۇ ھىكايىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن مەن دوسلىرىم ھەققىدە بۇنداق ئىنچىكە سىناقنىڭ ھاجەت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم ئېسىل تېما يوللاپسىز!
دوست- كىشىگە روھى ئوزۇق بولغۇچى، يارىلانغان قەلبلەرنىڭ مەلھىمى. دوستلار ئوتتۇرسىدا ئىشەنچ ھەممىدىن مۇھىمدۇر.
ئەمما بىز ئاياللار ئارىسىدا «ئايال كىشىنىڭ دوستى بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار. ئويلاپ باقسام دوستلىرىم بەك كۆپ. ھەممىسى بىلەن شۇنداق ئوبدان ئۆتىمەن، بەك ئامراق بىر-بىرىمىزگە. ئەمما دوستنىڭ ئىچىدە دوست بار.
« ئات ئۇزاق يولدا سىنىلار، ئادەم ئۇزۇن يىلدا» دەپ ھەممىگە ۋاقىت ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ. مېنىڭ ئەڭ ياخىشى دوستۇم بولسا-ئاپامكەن. بۇ پەقەتلا مېنىڭ يەكۈنۈم، خالاس! ئالدىنىشقا رازىمەنكى ، بۇنداق ئىنچىكە سىناقلارنى قىلىپ ئۆزەمنى ئازابلاشنى خالىمايمەن ، ئىككى يىل ئىچىدە ئەڭ مۇدھىش كۈنلەرنى كۆردۈم ، ياراتقان ئىگەم بەندىسىنىڭ نىيىتىگە قاراپ كۈن بېرىدىكەن ، يېنىمدىكى ھەر بىر شەخس دوست ، ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ ئۇچراشتۇرغان ، ھەممىسى قەدىرلەپ ياشىشىمغا لايىق ئادەملەر :hug:
بەت:
[1]