ياۋاگۈل يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 16:01:07

نىمىشقا يىغلايسىز

يامغۇردەك تۆكىلىۋاتقان كۆز-ياشلىرىڭىز ئىچىمنى ئاغرىتتى.سىزگەنىمىدەپ تەسەللىي بىرىشنىمۇ بىلەلمەي تىڭىرقاپ تۇرۇپلاقالدىم.مۇھەببەت كەچمىشلىرىگە چالا مەندەك بىرىنىڭ سىزگە كۆڭۈلدىكىدەك تەسەلىي بىرەلىشىمۇ ناتايىن.شۇندىمۇ سىزگە بىرنىمىلەرنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ.
كۆز-ياشلىرىڭىزنى نىمە ئۈچۈن ئەرزىمەيدىغان بىراۋلار ئۈچۈن تۆكىسىز؟ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانلقىڭىز،ئۇنىڭغا چىن مۇھەببىتىڭىزنى بەرگىنىڭىز،ئۇنىڭ ئۈچۈن بارىڭىزنى بىغىشلىغىنىڭىز ئۈچۈنمۇ؟مەنچە ھىچقايسىسى ئەرزىمەيدۇ.
چۈنكى سىز ئۇنى بىلىپ -بىلمەي ياقتۇرۇپ قالدىڭىز،كۆڭۈل تىزگىنىڭىزنى تارتىپ تۇرۇپمۇ مۇھەببىتىڭىزنى ئۇنىڭدىن ئاياپ قالالمىدىڭىز،مۇھەببەتنى قەلبىڭىزدە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە قىلۋالدىڭىز.ئەمما شۇنچە ئەجىر قىلىپ ئىرىشكىنىڭىز نىمە؟
يۈرەكنى تىلغايدىغان مۇڭ،چىدىغۇسىز ھەسرەت،ئىيتىپ تۈگەتكۈسىز ھىجران ناخشىسى.
ئۇنىڭ نەزىرىدە سىز ھىچنىمە ئەمەس.چىن دىلىدىن سۆيگەن مەشۇقى،ئۆمۈرلۈك ھەمراھى،مەڭگۈلۈك سىردىشى تىخىمۇ ئەمەس.بەلكىم ۋاقىتلىق كۆيگىنى بولىشىڭىز مۇقەررەر.ئۇنىڭ سۆيگۈدەپتىرىگە چىن مۇھەببەت،ئۆمۈرلۈك ھەمراھ،مەڭگۈلۈك  سىرداش دىگەن سۆزلەر يىزىلمىغان .ئۇنىڭدا مۇھەببەتكە نىسبەتەن چىنلىق،مەسئۇلىيەت،مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى يوق.ئۇنىڭ قەلبىدە كونىنى يىڭىغا ئالماشتۇرۇشتەك پەس نوتىلار بىخ سۈرگەن .شۇنداق كشى ئۈچۈن ياش تۆكۆش سىزچە يەنە ئەززىمدۇ؟
نىمىشقا يىغلايسىز؟كۆزياشلىرىڭىزنى سۈرتىۋىتىپ ،ئەتراپقا تەبەسسۇم بىلەن بىقىڭ.بۇلۇت ھامان تارقىلىدۇ،يامغۇردىن كىيىن چۇقۇم ھاۋا ئىچىلىدۇ.بۇ كۈنلەرمۇ ئۇنتۇلۇپ،بەخت بىر كۈنى چۇ قۇم ئىزدەپ كىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياۋاگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 16:02  

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 18:14:44

نىمىشقا يىغلايسىز ؟«ھەرقانداق ئادەم ياش تۆكۈشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ، ياش تۆكۈشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ئادەم سىزنى ھەرگىز يىغلاتمايدۇ» دەيدىغان مەشھۇر بىرجۈملە سۆز بار. سىزنىڭ بىرتامچە يېشىڭىزنىڭ تۆكىلىشىگە رازىلىق بەرگەن ئادەم يىغلاپ  يۈسۈپ ئۈچۈن  كۆرمەس بۇلۇپ قالغان ياقۇپتەك كۆربۇلۇپ قالسىڭىزمۇ قۇلىڭىزدىن تۇتمايدۇ.
سىزنىڭ كۆزياشلىرىڭىز بىراۋلارنىڭ ئالدىدا بىرتامچە سۇ بولغان بىلەن يەنە بىراۋلارنىڭ ئالدىدا بىردانە چوغ.

نىمىشقا يىغلايسىز ؟ مۇھەببەت ئۇ سىزنىڭ قەدىر-قىممىتىڭىز، ئىززىتىڭىز ئۇنى ئۆزىڭىز يەرگە ئۇرۇپ پايخان قىلامسىز ؟
ئەشۇ مۇھەببەتكە ئىنتىزار بۇلۇۋاتقانلار قانچىلىك ؟ ئالدىڭىزغا قاراپ يۈگۈرەۋەرمەي كەينىڭىزگىمۇ قاراپ قۇيۇڭ ! سىز باشقىلارنىڭ كەينىدىن يىتەلمەي ياشلىرىڭىز بىلەن يۇلىڭىزنى نەمدەۋاتقاندا كەينىڭىزدە كىملەرنىڭ سىز ئۈچۈن تاپىنى تىشىلگەن ؟
نىمىشقا يىغلايسىز ؟
بىراۋلارنىڭ سىزگە پەرۋا قىلمىغىنى سىزنىڭ يارىماسلىقىڭىزدىن، خارلىقىڭىزدىن دىرەك بەرمەيدۇ ؟ سىز پەقەت تىلەمچىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالغان كىپەك ئالتۇن. ئۇنىڭ كۆزى ئاش بىلەن نانسىن باشقىنى كۆرمەيدىغان تۇرسا ئەلۋەتتە سىزنى بىرچاڭگال قۇم كۆرىدۇ-دە. يېشىڭىزنى سۈرىتىڭ ! قەددىڭىزنى رۇسلاڭ !  سىزنى بىر زەگەر ساقلاپ تۇرىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئۇ سىزدىن بىر ئالتۇن ئۈزۈك سۇقىدۇ-دە ئۆز ۋاقتىدا قۇم كۆرگەنلەر ئاھ ! دەپ بېشىغا مۇشلايدۇ.
يېشىڭىزنى سۈرىتىڭ ! چۈنكى قەدىر-قىممەت، ئىززەت ھۆرمىتىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ قۇلىدا. ئۇنى خارقىلىش ياكى قەدىرلەش ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 18:46:04

يىغلىغۇم كېلىپ يىغلاۋاتىمەن ``:'(:(  

ياپراق520 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 18:56:42

ياۋاگۈلگە قول قويدۇم جۇمۇ  شئېر تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز ،بىر_بىردىن ئىسل، رەھمەت سىزگە  .
قەلىمىڭىز ھىرىپ قالمىسۇن ،:victory:

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 18:56:55

dilroh يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 18:46 static/image/common/back.gif
يىغلىغۇم كېلىپ يىغلاۋاتىمەن ``

ئۇنداقتا قانغۇدەك يىغلاڭ !

ياپراق520 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 10:07:57

نىمىشقا يىغلايسىز دەمسىز ؟ يۈرۈگۈمدە چىدىغۇسىز ھەسرەت ،ئاچچىق ئازاپ ....
بۇلارنى كۆز يىشىم بىلەن تۇگەتمەكچى مەن . ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ يىغلىغۇم بار ......
يەنە نىمىشقا يىغلايسىز دەمسىز؟ بۇدۇنيا كۆز يىشى بىلەن تولغانكەن ،پۇشايمان بىلەن تولغانكەن،
ئىھتىمال سىز ياق ئۇنداق ئەمەس،_دىيىشىڭىز مۆمكىن ،،،چۇنكى ...بۇنداق ئازاپنى باشقىلارنىڭ چۇشىنىشى قىيىن.
چۇنكى ،ھاياتىڭىز ئۆزىڭىزگە تەۋە بولمايدىكەن .ھەمىشە باشقىلارنى ئويلاشقا توغىر كىلىدىكەن .
ئادەم ھەمىشە ھىسيات ئالدىدا ئاجىز كىلىدىكەن ،گەرچە يۈرەكنى تىلغايدىغان مۇڭ، چىدىغۇسىز ئازاپ، ئېيتىپ تۇگەتكۇسىز ھىجران ناخشىسى .
مۇھەببەت شۇقەدەر ئېشەنچىسىز بولىدىكەنيۇ ،يەنە شۇ مۇھەببەت يىغلايدىكەنمىز ، يەنىلا شۇ مۇھەببەت ئۇچۇن ياشايدىكەنمىز، بۇ مۇھەببەت بولمىغىنىدا ھە،،،،،،،،،،،،،،،تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ...
بۇ مۇھەببەتنىڭ تۇرى بەكمۇ كۆپ ،بىراق ھەقىقى ساپ مۇھەببەت  ئاز، قۇياشنىڭ زىمىنغا بولغان مۇھاببىتى،
ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى دىگەندەك .
بىراق بىز كۆپىنچە ئەھۋالدا ئەرزىمەس مۇھەببەت ئۇچۇن ئۆزىمىزنى ،ھەتتا ھاياتىمىزنى نابۇت قىلىۋىتىدىكەنمىز،
ئادەمنىڭ ھاياتى چەكلىك بولىدىغۇ ،بىراق بۇ قىممەتلىك ھايات ئاشۇ ئەرزىمەس مۇھەببەت ئۇچۇن نابۇت بوپ كەتسە .....
يۇسۇپ خاس ھاجىپ(مۇھەببەت ئادەمنى تۇپتىن ئۆزگەر تىۋىتىدۇ)دەپ يازغانكەن .
يەنە،(ئاتىلار ئۇگۇتلىرى) دىگەن كىتاپتا ،(ئادەم ھەممە نەرسىگە تويىشى مۆمكىن .شان شۆھرەت
،ھوقوق ،بايلىق،
مال دۇنيا،ھەتتاكى جانغا، قېرىپ ماغدۇردىن كەتكەندە ئاغرىق ئازاۋىدىن قىينلىپ، ئېھ ئىگەم  ئامانىتىڭنى ئالساڭ دەپ نالە قىلىشى، ئادەم ھەممە نەرسىگە تويىشى مۆمكىن ،پەقەت بىر نەر سىگە يەنى مىھىرگە تويمايدۇ ،بۇ جەھەتتە شاھ بىلەن گاداي باپ_باراۋەر، ۋەھالەنكى
بازاردا بۇنىڭدىن ئەرزان نەرسە يوق.بىزلەر بولساق شۇنىمۇ بىر_بىرمىزدىن ئايايمىز، بىر ئىللىق تەبەسسۇم قىلغانغا_بىر نەچچە ئىغىز چىرايلىق سۆز قىلغانغا ھىچكىمنىڭ بىر نىمىسى، خوراپ قالماس!؟)دەپ يازغانكەن.
ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ مىھىر زىمىستاننىمۇ ئىللىتالايدۇ.بۇدۇنيانى تىخىمۇ گۈزەل تىخىمۇ رەڭگارەڭ قىلالايدۇ، بىراق شۇنچە ئەرزان بۇ مېھىر، ئەڭ يىقىن ئادەملىرىمىزنىڭ ئالدىدا نىمىشقا ،شۇنچە ئەتىۋار بوپ كىتىدۇ،؟نىمىشقا يىقىن كىشىلىرىگە بىرەلمەيدۇ؟ ،،،
نىمىشقا؟ نىمە ئۇچۇن؟؟؟ بۇ سۇئال،مېنى شۇنچە قىينىماقتا........
بۇ رەھىمسىز رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز مەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياپراق520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:23  

ئەزىزتارىم يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 10:16:15

كۆپرەك يىغلاپ بەرسىڭىز ھاردۇقىڭىز چىقىپ ئىچىڭىز بوشاپ قالىدۇ،يىغلاپ ھارمىغايسىز...

ياپراق520 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 10:27:31

سىلەرگە ئەگەشتىم جۇمۇ،،،،،،،،،،
قاملاشمىغاندەك قىلامدۇ قانداق.!:L

hilal يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:12:01

نىمىشكە يىغلاۋاتقىنىمنى بىلمەيلا يىغلايدىغان بوپ قالدىم مەن ........  يىغلاپ تۇرسا ئىچى بوشايدۇ دىگەن بىلەن يىغلاڭغۇلىشىپ كەتكەنچە ئادەم ئۆزىگە ئۆچ بوپ قالىدىكەن .................

anar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 23:29:56

كۆز يېشىمنى قۇرۇتىۋېتىپ كېيىن يىغلىماسلىقم ئۈچۈن ئوخشايدۇ :'(
بەت: [1] 2
: نىمىشقا يىغلايسىز