(تارىختىكى بۈگۈن)20-يانۋار
1993 -يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ 42-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى كىلىنتون ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە كىلىنتون ئەر ئايال ئاق سارايغا قاراپ يول ئالدى. سائەت 12 دە، كىلىنتون پارلامېنت بىناسىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش قەسىمى بەردى. كىلىنتون 15 مىنۇت ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ ئىككى نۆۋەت پىرېزىدېنت بولغان.1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى جورجى بوش ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. ئۇ 1836-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ھېسابلىنىدۇ. بوش 1924-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسسىس شىتاتىدا دۇنياغا كەلگەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا دېڭىز ئارمىيىسىدا ئۇچقۇچى بولغان. ئۇ يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. بوش 1964-يىلىدىن باشلاپ سىياسىي سەھنىگە كىرگەن. ئۇ 1991-يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن. پىرېزىدېنت ۋاقتىدا ئىراقنى مەغلۇب قىلغان. ئۇنىڭ ئوغلى بوش 2000-يىلى 11-ئايدا 43-نۆۋەتلىك ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغان، 2004-يىلى ئۇدا پىرېزىدېنت بولغان.
1981-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ 40-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى رېگان ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. ئۇ 1911-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىللىنوي شىتاتىدا تۇغۇلغان. 2004-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ بىردىنبىر قەستكە ئۇچراپ ئوق تېگىپ ھايات قالغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى. ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى نۇتۇق قابىلىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن«ئۇلۇغ ئالاقىلاشقۇچى» دەپ ئاتالغان.
1953-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، داۋىد ۋايت ئېزىن خاۋېر ئامېرىكىنىڭ 34-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ 1890-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە تەۋە بولۇپ، 1952-يىلى، 1956-يىللىرىدىكى سايلامدا يېڭىپ چىقىپ، ئۇدا ئىككى قېتىم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغان. 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. مەملىكىتىمىزدە بۇ كۈندە بىرەر ئىش بولماپتىكەنمۇ ؟ :P peacelife212 يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 12:17 static/image/common/back.gif
مەملىكىتىمىزدە بۇ كۈندە بىرەر ئىش بولماپتىكەنمۇ ؟
شۇ ئاشلىق،ماي،سەي باھاسىنى كونتۇرۇل قىلىش سىياسىتىنى ئوتتۇرغا قۇيدى دىگەندەك ئاقماس ئشلارباركەنتۇق چېقىرۋىتىپ يوللىغان:D :lol دۆلىتىمىز تىرىشماقتا. داۋاملىق ئالغا باسماقتا.
بەت:
[1]