قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:11:18

(قەھۋە) تېز كىرىڭ!

  بىر يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ بىر يىلدا ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە يارىشا  ئېرىشكىنىمۇ بار، يوقاتقىنىمۇ بار. مەيلى نېمىلا بولسۇن، ئۆزىمىزگە چۇشلۇق خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭدۇق. ئۇنداقتا بۇ بىر يىلدا  سىز ئۆزىڭىزدە قايسى جەھەتتە ئۆزگىرىش بولغىنىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
1.كۆڭلىڭىزدىكى كىشى
2.مىجەز-خارەكتىرىڭىزدە ئۆزگىرىش بولدى؟
3.جۆرىڭىز؟
4.كۆزىڭىز؟(يېقىننى ياكى يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالدىڭىز؟)
5.كيۇ-كيۇ نومىرىڭىز ئۆزگەردى؟
6.چىن دوستلىرىڭىز ئازلاپ، شاراپتا بىللە بولىدىغان دوستلىرىڭىز كۆپەيدىمۇ؟
7.چىرايلىقلىشىپ كەتتىڭىزمۇ؟(ياكى تېخىمۇ قامەتلىك بولۇپ كەتتىڭىز؟)
8.تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدا ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟
9.يانفۇن نومىرىڭىز ئۆزگەردى؟
10.غايىۋى-نىشانىڭىزدا ئۆزگىرىش بولدى؟
11.تۈنەشكە ئامراق بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟
12.ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟
13.بارغانسىرى سۈكۈتتە تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قېلىۋاتامسىز؟
14.مىكرو بىلوگچى بولۇپ كەتتىڭىز؟
15.تېخمۇ پىشىپ يېتىلدىڭىز؟
http://www.songtaste.com/song/1117800/
مەنبە: تەرجىمەم

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:25:57

مەندە يەتتە خىل ئۆزگۈرۈش بوپتۇ،ھىس قىلماپتىكەنمەن خېلىلا ئۆزگىرىپتىمەن:P

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:59:37

1-ئۆزگەرمىدى. ئۆزگەرتەي دېسەم سەل كېچىكىپ قالغاندەك تۇرىمەن.;P
2-پەقەتلا ئۆزگىرىش يوق. مەن يەنىلا شۇ پېتى دائىملا خۇشال يۈرۈيمەن.
3-ئۆزگەرمىدى.
4-كۆزۈم ھازىر ناھايىتى ياخشى 2.0 كۆرىدۇ.:lol
5-بۇ كوت-كوتنى پەچەت نومۇرغا ئۆزگەرتەي دېسەم دەرىجىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ.
6-چىن دوستلىرىم بۇرۇندىن كۆپ ئەمەس ئىدى.
7-ئۆزۈمگە قارىسامغۇ بۇرۇنقىدىن چىرايلىق بولۇپ كەتكەندەكلا.;P
8-تۇرۇشلۇق ئورنۇمنى ئىككى يىل ئالدىدا ئۆزگەرتكەنىدىم.
9-مۇشۇ نەرسىنى ئىشلەتمەيدىكەنمەن.
10-بۇرۇندىن ئارزۇ قىلىدىغان نىشانىمغا 2011-يىلىدىن باشلاپ قەدەم بېسىۋاتىمەن. ئاخىرقى نىشانغا يەتمىگىچە ھەرگىز توختاپ قالمايمەن.
11-ئۇيقۇم قاچمىسىلا تۈنەش بىلەن خوشۇم يوق.
12-بۇرۇندىن بىر ئىشلارغا ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن سۈكۈت قىلىپ مۇئامىلە قىلىشقا ئامراقمەن.
13-مىكرو بلوگنى ئانچە-مۇنچە ئويناپ قويىمەن.
14-ياش چوڭايغانسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم.

قانخور يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:19:42

مەن بۇرۇنقى دوستۇم دەپ يۇرگەنلەردىن يىرگىنىمەن .

hilal يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:26:17


مەن شۇ بۇرۇنقىدىن ئەقىللىق بۇرۇنقىدىن چىرايلىق بوپ كەتتىم ، ھەم تۇيۇقسىز چوڭ ئادەم بوپ قالغاندەك ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن ئىش قىلىدىغان بوپ كەتتىم ........2011دە غەلبەم بىلەن مەغلۇبىيىتىم تەڭ نىسبەتتە دىگۈدەك ،  2012 دىكى مەن چۇقۇم ئۇتۇقلۇق بوپ كىتىمەن .....:victory:

مىلودىيە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:27:08

ياخشى دوستلىرىم كۆپىيىپتۇ.
چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەندەك قىلىمەن::P
بۇرۇنقىدىن پىشىپ يېتىلدىم.

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:52:22

جۇلالىق يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:59 static/image/common/back.gif
-بۇرۇندىن بىر ئىشلارغا ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن سۈكۈت قىلىپ مۇئامىلە قىلىشقا ئامراقمەن. ...
بۇگەپنى دەۋاتقان كىمۇ ؟:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:53  

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 18:02:44

1- يوق
2-ئەسكىلىشىپ كەتتىم
3-يوق
4-يوق
5-ئۆزگىرەپتۇ تەخمىنەن 10قېتىمدىن يۇقۇرى
6-يوق
7-سەتلىشىپ كەتتىم
8-يوق
9-ئۆزگەردى تەخمىنەن 15 قېتىمدىن يۇقۇرى
10- يوق
11- بەك ئامراق بۇپ كەتتىم
12- جېق ئۆزگىرىش بولدى
13-ياق ئۇرۇشۇشقا ئامراق بۇپ قالدىم.
14-ئانچە ئەمەس
15-تېخىمۇ نادان، ئەخمەق، گالۋاڭ بۇلۇپ قالدىم.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:20:53

1-ئۆزگەردى(چوڭ قىسمەتنىڭ  مودىدىن قالىدىغىنىغا يەنە نەچچە ئايلا قالدى;P)
2-ئازراق باردەك قىلىدۇ، بۇ بەلكىم قېرىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇ ۋە ياكى بەزى ئادەم ۋە بەزى ئىشلارغا بىپەرۋا قاراشنى ئۆگەنگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك.
3-ئللاھ بۇ چاغقا كەلگەندە مەڭگۈ ئۆزگەرمەس.
4-كۆزۈم پېچچەت.
5-ياق.
6-چىن دوست؟؟؟ (ئايال كىشىنىڭ چىن دوستى بولۇپ باققان ئەمەس)، مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم چىن دوست.
7-ھازىرقى تۇرقۇم ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقتى بولسا كېرەك:P
8- ياق.
9-ياق.
10-شۇنداق، ئۆزگىرىش بولدى، يەنىمۇ پىشقان بىر ئانا، ئائىلە ئايالى بولۇش ئۈچۈن جان- جەھلىم بىلەن تىرىشىۋاتىمەن:lol
11- ياق.
12-ياق.
13- بەزى ئىشلاردا شۇنداق قىلمىساممۇ بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.
14- ياق.
15- بىلمىدىم جۇمۇ:P

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 08:22:38

rohqin يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 18:02 static/image/common/back.gif
1- يوق
2-ئەسكىلىشىپ كەتتىم
3-يوق


بىر يىلدا 15 قېتىم نومۇر ئالماشتۇرغان بولسىڭىز، قويمىچى ئەمەسسىز ھە روھچىن;P
بەت: [1] 2
: (قەھۋە) تېز كىرىڭ!