ياۋاگۈل يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 14:10:46

قانداق ياشاي

بىلمىدىم دۇنيادا قانداق ياشاشنى،
رول ئالماق تەس ھايات سەھنىدە.
رەزىللىك ،جاھەلەت،ئادالەتمۇ بار،
ياخشىلىق يامانلىق ئۇچرارقەدەمدە.

بىلمىدىم دۇنيادا قانداق ياشاشنى،
تىڭىرقاپ يۈرىمەن تۇرمۇش ئىچىدە.
كوربولۇپ گاھىدە پاڭ بولغۇم كىلۇر،
بەك رەزىل ئادەملەر مەنپەت قەستىدە.

بىلمىدىم دۇنيادا قانداق ياشاشنى،
ياشامدىم بىر ئۆمۈرئۇيقۇغەپلەتتە.
ئادەمدەك ياشىماق شۇنچىلىك تەسمۇ؟
بۇدۇنيا باقىۋەن ئەمەس ئەسلىدە.

سەبىھە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:42:31

بىلمىدىم دۇنيادا قانداق ياشاشنى،
ئويلىسام بولىدۇ كوڭلۇم بىر قىسىم.
بەزىدە چوڭقۇر نەپەس ئېلشمۇ تەستۇر،
جىق ئىشقا پۇتلاشتى ھەۋەس-ھىرىسىم.

رەھمەت ياۋاگۈل يازمىڭىزغا تەشەككۇر، پىخانلىرىم ئۆرلەپ قاملاشمىسىمۇ قوشۇلۇپ قويدۇم ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز....
بەت: [1]
: قانداق ياشاي