ئايرىلغان كۈنلەر
قاراڭغۇ بولىدۇ ئايدىڭ كىچىلەر،ھىجران پەيتىدە ياشلاندى كۆزلەر.
غىرىپلىق باستىغۇ مىسكىندۇر كۈيلەر،
زىمىستاندەك بىلىندى ئايرىلغان كۈنلەر.
ئىچىلغان باغلاردا چىرايلىق گۈللەر،
سانجىلدى ئۈزگەندە قولغا تىكەنلەر.
ئاغرىدى شۇسەۋەب نازۇك يۈرەكلەر،
بەك ئاچچىق بىلىندى ئايرىلغان كۈنلەر.
بىدارمەن ئۇيقۇدىن كىچە يۇ تۈنلەر،
ساقلانغاچ يۈرەكتە شىرىن ئەسلىمە.
ئىيتالماي يۈرەكتە قالغان چىن سۆزلەر،
ئەجەپمۇ ئازابكەن ئايرىلغان كۈنلەر.
بەت:
[1]