باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:54:16

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى

ئۇيغۇرلاردا قىز بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت، دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئادەتكە ئاتىلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئانىلار بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ قۇلىقى تېشىلىدۇ. ئەنئەنىۋى قۇلاق تېشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي ھەم بىخەتەر بولۇپ، كىشىلەر قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشتە بىرەر موماينى تەكلىپ قىلىدۇ. موماي قىزنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى قوناق ياكى چىگىت بىلەن ئۇزاق ئۇۋۇلاپ، قۇلاق يۇمشىقىنىڭ قېنىنى قاچۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يىڭنە بىلەن قۇلاقنى تېشىدۇ-دە، ئىچىگە سۈپۈرگە تېلى ياكى چاي شامىسىنى سانجىپ قويىدۇ. ناۋادا قۇلاقتىكى ئەسلىي تېشىلگەن تۆشۈك پۈتۈپ قالسا، بۇزۇلۇپ كەتسە، ئاندىن 2-قېتىم يەنە تۆشۈك تېشىدۇ. قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تەشكەندە ئۇنىڭ چىدىماي يىغلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر-ئىككى تال تۇخۇم ياكى بىرەر نەرسە يىگۈزۈپ قويىدۇ. قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشكۈزگەن كۈنى ئانىسى ئۇلارغا چىرايلىق بىر جۈپ ھالغا ياكى بىرەر سوۋغات ئېلىپ بېرىش بىلەن قىزىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ ھەمدە بىرەر ئايغىچە ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ ئەتراپىغا يارا-چاقىلارنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مايلاپ، ھەر خىل مەلھەملەرنى سۈرتۈپ تۇرىدۇ. قۇلاق ئاساسەن ئۆرۈك چېچەكلىگەن پەيتلەردە تېشىلىدۇ.

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قىز-ئاياللارغا ھەر خىل ھالقا، مۇنچاقلارنى سوۋغا قىلىش ۋە تويلۇق ئۈچۈن قۇلاققا ئاسىدىغان ھەر خىل زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش ئادىتى شەكىللەندى.

شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ھالقا ۋە زىبۇ زىننەتنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەر تۈرى مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ھالقا، سۆكە، مۇنچاق، زىرە، سىرغا قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدۇ. ئۇلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزلارنىڭ تويلۇقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ قالدى. ئۆز بەدىنىگە مەلۇم زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ۋە ئېسىش بىلەن بەدەن گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇش ئىستىكى ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن.

قۇلاق تېشىپ ھالقا ئېسىش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادىتى. بۇ ئۇيغۇر زىبۇ-زىننەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

(بۇ ماقالە «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 2011-يىل 8-ئىيۇل سانىدىن ئېلىندى)

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:14:20

بىز يوللايدىغان تېمىنىمۇ سىز يوللىۋالدىڭىزمۇ نېمە؟:lol

يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى، مانا! نېمە ئىزلىسەك تاپالىساق، نېمىگە ئېھتىياجلىق بولساق، شۇ كۆرۈنسە دېگەندەك. قىز-ئاياللار تېمسىى كۆپرەك بولسىكەن دەيمەن!:victory:

رەھمەت!

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:22:38

قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:14 static/image/common/back.gif
بىز يوللايدىغان تېمىنىمۇ سىز يوللىۋالدىڭىزمۇ نېمە؟
...

شۇ بەت ئارلاۋىتىپ كۆرۈپ قالدىم

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:45:26

باتۇرنىڭ تېما يوللاش قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكىم يوق ئىدى. بىراق، مۇنبەرنىڭ مۇشۇ ئىككى-ئۈچ كۈندىن بۇيانقى كەيپىياتى دېگۈم يوق سۆزنى دېگۈزىۋاتىدۇ.
سىزنىڭ يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنى قوللاپ ياخشى تېمىلارنى يوللغىنىڭىزدىن خۇرسەنمىز. بىراق، كۆچۈرۈلمە تېمىلار مۇنبەردە بەكلا كۆپ بولۇپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ. بىز مۇنبەرگە كۆچۈرۈلمە تېما يوللىمايسەن دەپ شەرت قويالمايمىز ھەمدە بۇنداق شەرتنى قويۇشقىمۇ سالاھىتىمىز توشمايدۇ. لېكىن مۇنبەردە كۆچۈرۈلمە تېمىلارنىڭ بەك كۆپىيىپ كېتىشىنى ياقتۇرمايمىز. باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن تېمىلارنىڭ چوقۇم مەلۇم دەرىجىدە قىممىتى بولىشى كېرەك. ھەمدە كۆچۈرۈلگەن تېمىلار كۈنىگە بىرەر تال بولسا شۇ كۇپايە. مۇنبەر يۈزىنى باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن تېمىلارغا كۆمۈۋەتسەك مۇنبەرنىڭ تېما سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
شۇڭا باتۇر ئەپەندىم، بىزلەرنى توغرا چۈشۈنۈپ قىممىتى يۇقىرى تېمىلارنى كۈنىگە بىر تاللا يوللىغان بولسا دېگەن ئۈمىدتىمەن. يەنە يوللانغان تېمىنىڭ كېلىش مەنبەسى چوقۇم ئەسكەرتىلىشى كېرەك.

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 13:00:58

جۇلالىق يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:45 static/image/common/back.gif
باتۇرنىڭ تېما يوللاش قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكىم يوق  ...

شۇ يېڭىلىقتا بىلىپ بىلمەي يوللاۋىرىپتىمەن.تەكلىۋىڭىزنى قۇبۇل قىلىمەن.
بۇنىڭدىن كىيىن ئىجادى تىما يوللاشقا كوپ تېرىشىمەن.رەخمەت
بەت: [1]
: ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى