قانخور يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 08:58:37

ئالىپ ئەرتۇڭا ( ئافراسىياپ )

قارا خانىيلار خانلىقىنىڭ بارلىق خانلىرى ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ( مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 7-6- ئەسىرلەردە ياشىغان دەپ پەرەز قىلىنماقتا ) ئەجدادى دەپ ھىسابلىغان . << تۇركى تىللار دىۋانى >> دا ئۇ ھەقتە بىر مۇنچە ھازا قوشاقلىرى ۋە باشقا مەلۇماتلار قەيىت قىلىنغان . زورو ئاستىرنىڭ مۇخلىسلىرى يازغان << ئاۋېستا >> دىگەن كىتابتا ئافراسياپنىڭ تۇران پادىشاھى ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ قاغانلىقى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردىن تا مىلادىيە 2- ئەسىرگىچە دەۋر سۇرگەنلىكى يېزىلغان ، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۇسۇپ خاس ھاجىپلار ئۇنى تۇرۇكلەرنىڭ ئەجدادى سۇپىتىدە ئەسلىگەن ، ئەپسۇسكى ئۇ توغۇرلۇق يېزىلغان تۇلۇقراق تەزكىرە ياكى داستانلار بىزگە يېتىپ كىلەلمىگەن .

ئافراسياپ-پارىسچە نام ، تۇركى ئىسمى ئەرتۇڭا ،<< تۇركى تىللار دىۋانى >> ھەم << قۇتادغۇ...>> دا يېزىلغان  .تۇرۇكلەرنىڭ يىراق قەدىم ئەجداتلىرى ئەگەشكەن -ئەرتۇڭانىڭ شان - شۆھرىتى كىتابلاردىن قېزىلغان .
پارىس شائىر فىردەۋىسينىڭ << شاھنامە >> داستانىدا ،ئەرتۇڭانىڭ زال ، رۇستەمگە قىلغان جېڭى يېزىلغان .ساپ ھاۋاسى ياققاچ ئاڭا تاللىغان كاشغەرنى ئۇ ،<< قەدىم بارچۇق شەھىرىگە بەتزەن دىگەن قامالغان >>.
پارىسلارنىڭ ئىمپىريەسى - كىيانيان كۇچلىنىپ ،قەسلەپتىكەن ئۇنى مەككار كەيخۇاسراۋنىڭ غالچىسى .<< ئەرتۇڭا >> دەپ داستان باردۇر ئافراسياپ باتۇرغا ،يېزىلغاندۇر بەلكىم يەنە شۇ داستاندىن قانچىسى ؟
قوچۇ ، سۇلمى ، بەشبالىق ھەم ياڭبالىق ، جانبالىق ،ئالىپ بىلەن زۇلقەرنەيىن دوسىت بوپ قۇرغان شەھەركەن .ئەرتوڭانىڭ قىزى ئالتۇن بىگىم داڭقى چىققان چاغ ،تارىم ئانا گىلىمىنى ئىجاد قىلغان شەھەركەن .
<< تۇركى تىللار دىۋانى >> ھەم << قۇتادغۇ...>> دا ئەسلىنىپ ،<< ئاۋېستا >> ۋە << شاھنامە >> لەر بەرگەن ئۇندىن ئۇچۇرلار .ئىپتىخارىم ئافراسياپ - باتۇر ئالىپ ئەرتۇڭا ،ئات ئۇستىدە جاھان سوراپ كەلگەن شۇندىن تارىخلار .

مەنبە : << غۇرۇرنامە >> دىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قانخور تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 08:59  

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:15:51

مەكتەپتەئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا ‹شاھنامە ›دە كۇرگەندەك قىلغان،تازا بەك ئېسىمدا قالماپتۇ:o
بەت: [1]
: ئالىپ ئەرتۇڭا ( ئافراسىياپ )