سەن كەلمەي
سەن كەلمەيبۇ كېچە شۇ قەدەر جىمجىت،خىيالچان،
بار پەقەت قەلبىمدە شاتلىق،ھاياجان.
ئۇيقىسىز تۈنلەرنىڭ ئوچاقلېرىدا،
ئۆزەمگە ھاي بېرىپ بولدۇم سەۋىرچان.
سېغىنغان چاغلاردا كەلمىدىڭ جانان،
باسقاندا قەلبىمنى ھەسرەتلىك تۇمان.
كەتكەنلەر كېلەركەن ئامما سەن كەلمەي،
ئۇيقىدىن بىدارمەن ئالالماي خامان.
2011-يىل7-ئاينىڭ 22-كۈنى
بۇ كېچە شۇ قەدەر جىمجىت،خىيالچان،
بار پەقەت قەلبىمدە شاتلىق،ھاياجان.
ئالتۇندەك ھىسلىرىم دولقۇنلىرىدىن،
سەن ئۇچۇن ئۇنچىلەر چېچىلار ھەر يان. سەن كەلمەي ئارمانلار تۇزۇيدۇ پىر-پىر،
سەن كەلمەي ھىجراندا ئاقىدۇ تۈنلەر.
سەن كەلمەي باھارنى سەزمىدى كۆڭلۈم،
سەن كەلمەي سۈكۈتكە يەمدۇر بۇ كۈنلەر.
بەت:
[1]