قەبرىمىزنى تېپىشى ئۈچۈن !
جۈمە كۈنى نامازدىن يېنىپ ،قەبرىستاننى قىلدىم زىيارەت .كەتكەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ ،دۇئا قىلدىم بولغاي ئىجابەت .قايتارىمدا ئىككى قىز يىگىت ،مېڭىپ كەلدى قەبرىلەر ئارا .سالام قىلدى ئاخۇن ئاكا دەپ ،گېپى پۇچۇق ،سالىمى چالا .
گەپلىرىدىن بۇ بىر تۇغقاننىڭ ،تەستە بىلدىم مەقسەتلىرىنى .تورداشلىرىم بىلىپ قالسۇن دەپ ،شئېر قىلدىم سۆھبەتلىرىمنى ..
ئىچكىردىكى ئاۋات شەھەردىن ،تەتىل قىلىپ كەپتۇ ئىككىسى .پۈتتۈرۈپتۇ "داسەن"نى يىگىت ،"يەنجىيۇۋسىڭكەن"ئاڭا ھەدىسى .
سۆزلەيدىكەن ،ئوقالمايدىكەن ،يېزىقىنى "سىتۇدېنىت"لار .ئوقالمىغان ئۆلۈم خېتىنى ،زامانىۋى سىيىت نوچىلار .
دېدى ماڭا ئەھەت بوۋامنىڭ ،قەبرىسىنى تېپىپ بەرسىڭىز .رەھمەتلىكنىڭ روھىغا ئاتاپ ،ناماز ئوقۇپ بەرگەن بولسىڭىز .
مەن تەرجىمان بولۇپ بۇلارغا ،بىللە ئىزلەپ كەتتۇق قەبرىنى .قايناپ قاقشاپ كەتمەكچى ئىدىم ،شۈكرى ئاللاھ-بەردى سەبرىنى .
ئوقۇماستىن ئەرەپچە سۈرە ،قول كۆتۈردۈم ئۇدۇل دۇئاغا .كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم ئېقىپ ،نالە قىلدىم ئۇلۇغ خۇداغا .
پاساھەتلىك ئانا تىلىمىز ،قولىمىزدا بولماقتا شالغۇت .ئاتا قىلغىن بىزگە ئىرادە ،بوپ كەتمەيلى بىزلەر ماڭقۇرۇت .
ئانا تىلنى خارلىغانلارغا ،ئاتا قىلغىن نومۇس تۇيغۇسى .ئانا تىلنى تاشلىغان ئەلنىڭ ،مۇدھىش بولۇر چوقۇم كەلگۈسى ...
قىلغىن بىزنى ئەلگە ۋاپادار ،خۇشھال ياتسۇن تۆھپىكار ئەجدات .قولىمىزدىن شانلىق تارىخنى ،پۈتۈن ئالسۇن كەلگۈسى ئەۋلات !
-ئامىن دېدىم يېشىمنى سۈرتۈپ ،يىغلامسىراپ قالدى ئىككىسى .ئانا تىلنى تۈزۈك بىلمىسەك ،ئەرەپچىنىڭ نېمە پايدىسى ؟
كەچۈر دېدى يىگىت ئېسەدەپ ،-ئاللاھ بىزنى كەچۈرسۇن دېدىم ؛دوكتور ئاشتى بولۇپ كەتسەڭمۇ ،ئانا تىلىڭ تاشلىما سىڭلىم .
خاتىمە :ئۆگىنەيلى، ئۆگىتەيلى ھەم ،بۇ ئانا تىل يەردە قالمىسۇن .بىر كۈنلىرى ئوغۇل-قىزىمىز ،قەبرە ئىزلەپ تېنەپ قالمىسۇن .
2011-يىلى 23-ئاۋغۇست، شەھىرى بورتالادا يېزىلىپ بېقىلدى .
تېمىنىڭ ئاپتورى: ۋاپادارىم 912تەھرىر: جۇلالىق
يازغۇچىسى سىزمۇ ؟ ئەمىليەتكە ناھايىتى ئۇيغۇن ،ياخشى يېزىلىپتۇ مۇنبەر كۆرىۋاتسام ئۇچراپ قالدى ،مەزمۇنى بەك ياخشىكەن يوللاپ قويدۇم .
ئاپتورنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىكەنمەن،،،،،،،،، ياخشى يېزىلغان شئېركەن ،جانلىق ھەم ئوبرازلىق .بۇ مەسلە كەڭ خەلقىمىز ئورتاق ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە بۇلۇپ بۇ يولدا ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك .يېزىقى ،تىلى يوق مىلەتنىڭ ئاقىۋىتى نىمە بولار :'(:'(:'( شىئىرنى تەۋسىيە قىلغىنىڭىز ياخشى بۇپتۇ. لېكىن مەنبەسىنى، ئاپتۇرىنى چۇقۇم ئەسكەرتىڭ !
ئامال بار ئىجادى تىما يېزىشقا تىرىشىڭ !
ھەربىرمۇنبەر ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن تەرەققى قىلىدۇ. خاسلىق شۇ مۇنبەرگە تەۋە ئىجادى، يىڭىلق تىمىلار ىبلەن تۇرغۇزىلىدۇ.
شۇڭا ئىجادى تىما يېزىشقا تىرىشساق ! ھە بوپتۇ ئۇنداقتا سىز ھەر كۇنى ئىجادى تىما يىزىپ يوللاپ تۇرۇڭ ،سىزدىن ئۈگىنەيلى قانداق،
بىزلەر مۇنبەرگە تىخى يىڭى ،ھازىرچە باشقىلار نىڭ ئىجادىيتى بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممتى باركەن.
شۇڭا يوللاپ قويۇپ تۇردۇم،،،،،،،،، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ياپراق520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:50
ياپراق520 يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:49 static/image/common/back.gif
ھە بوپتۇ ئۇنداقتا سىز ھەر كۇنى ئىجادى تىما يىزىپ يوللا ...
يىڭى بولسىلا كۆچۈرسە بۇلامدىكەن !
باھانىسىنىڭ تەييارلىقىنى . . .
سىز پەقەت كۆچۈرۇپ باقمىغانما!!!؟؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ياپراق520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:12
ياپراق520 يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:03 static/image/common/back.gif
سىز پەقەت كۆچۈرۇپ باقمىغانما!!!؟؟؟
مەن سىزنىڭ ئۇستازىڭىزما :lol
بەت:
[1]
2