باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 12:20:33

رومانتىك ھېسسىياتقا باي ئاياللار ئەڭ سۆيۈملۈكتۇر

  ”ئاياللار گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈنلا گۈزەل ئەمەس، بەلكى سۆيۈملىك بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر“. رۇسىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى لېۋ . تولىستوينىڭ بۇ سۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار.
  قانداق ئاياللار ئەڭ سۆيۈملۈك بولىدۇ؟ رومانتىك ھېسىياتقا باي ئاياللار ئەڭ سۆيۈملۈك بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
  رومانتىك ھېسسيات _ گۈزەللىكنىڭ سىموۋۇلى. رومانتىك ھېسسياتى بولغاچقىلا ئاياللار ئەرلىرىنى سىرتلارغا تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىشقا ئېلىپ چىقىدۇ. بۇ ماگىزىن ئارىلاپ ئۆزىنىڭ سىرىتقى قىياپىتىنى يېڭىلاشتىن ئەھمىيەتلىك ئىش ، ئەلىۋەتتە . رومانتىك بولىغاچقىلا ئاياللار مائاشىدىن بىر قىسىمىنى چىقىرىپ، مۇزىكا زالىغا ئوركېستىرلار ئورۇندىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاشقا بارىدۇ . بۇ ئەتىدىن كەچكىچە تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن نېرى كەتمەي ، كىنو - تېلېۋىزىيە "چولپان" لىرىغا مەستانە بولغاندىن كۆپ ياخشى . رومانتىك بولغاچقىلا ئاياللار ئۆزىنىڭ ئوبىيكىت مەۋجۇت بولغان گۈزەللىكىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلاندۇرالايدۇ.
   رومانتىك ھېسىياتقا ئىگە ئاياللار ئادەتتە خۇشخۇي كېلىدۇ . باشقا ئاياللار بىلەن ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن ئەزىۋەيلىشىپ يۈرمەيدۇ . ئۇلار يىراققا نەزەر سېلىپ ، كەلگۈسى تۇرمۇشقا ئارزۇ - ئىستەك ۋە ئۈمىد بىلەن قارايدۇ . ئۇلار كەلگۈسىنىڭ ئۆزلىرىدىن ناھايىتى يىراقتا ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپمۇ ئۈمىدىنى ئۈزمەي ، روھىنى قانات بىلەن تولدۇرۇپ ، ئەتىراپىدىكىلەرگە نۇرغۇن شادلىق ئاتا قىلالايدۇ . ئەتراپىدىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن رومانتىك ھېسىياتقا ئىگە بۇلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ _ ئاياللارنىڭ ئاشۇنداق سۆيۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنچە گۈزەل بولىدىغانلىقىدىن سۆيۈنىدۇ.
   ھازىرقى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىمەكتە . تۇرمۇش بېسىمى ھەممە ئادەمنى غەمگە پاتۇرۇپ قويىدۇ . رومانتىك تۇيغۇغا باي ، رومانتىك كەيپىيات يارىتالايدىغان ئاياللار ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ياخشى ساقلاپلا قالماي، ئۆزىنى ياش كۆرسىتەلەيدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىىق گۈزەل مۇھەببەت يارىتىپ ئۆزىنى خۇشال تۇتۇپ يۈرىدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، چىرايى گۈزەل ئاياللار ھەقىقەتەن باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ . ئەمما ، رومانتىك ھېسىياتقا باي ئاياللار ئۆزىنىڭ رومانتىكلىقى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . مانا بۇ كىشىنى ھەقىقى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەللىكتۇر.
ئايال كىشىنىڭ چىرايىنىڭ گۈزەل بولۇشى ئەلۋەتتە ياخشى. ئەمما، چىراي گۈزەللىكى ھەقىقى گۈزەللىكنىڭ بىردىن -بىر شەرتى بولالمايدۇ . ھېسسىيات جەھەتتە كىشىنى چەكسىز لەززەتكە سالىدىغان گۈزەللىكلا ھەقىقى گۈزەللىكنىڭ تولۇقلىمىسىدۇر .
   ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ سىموۋۇلى. ئەمما ، ئىنسانلار ئىدىيىسى ( گۈزەللىك قارىشى _ كۆرۈش سېزىمى ، گۈزەللىكتىن ئالغان تەسىراتى ، گۈزەللىككە بولغان چۈشەنچىسى ، گۈزەللىكنىڭ مەزمۇنى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ) نىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ، ئەرلەر ئاياللاردا ئەكىس ئەتكەن گۈزەللىك ئىپادىللىرىنى گۈزەللىككە باھا بېرىشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلمايدىغان بولدى .
  ئەرلەر ھەقىقى گۈزەللىككە تەلپۈنۈش بىلەن بىرگە دېققىتىنى ھەقىقى گۈزەللىكىنى يارىتىدىغان ئامىللارغا قارىتىشقا باشلىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئاياللارمۇ دەۋىر ئېقىمىغا ماسلىشىپ ، ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ھەقىقى گۈزەللىك يارىتىشى ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

مەنبە:دىلچى تورى

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:31:42

مېنىلا يېزىپسىزغۇ؟ قاچانلاردىن تەھلىل قىلىۋالغانسىز ھە؟;P
رومانتىك ھېسىياتقا ئىگە ئاياللار ئادەتتە خۇشخۇي كېلىدۇ . باشقا ئاياللار بىلەن ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن ئەزىۋەيلىشىپ يۈرمەيدۇ . ئۇلار يىراققا نەزەر سېلىپ ، كەلگۈسى تۇرمۇشقا ئارزۇ - ئىستەك ۋە ئۈمىد بىلەن قارايدۇ . ئۇلار كەلگۈسىنىڭ ئۆزلىرىدىن ناھايىتى يىراقتا ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپمۇ ئۈمىدىنى ئۈزمەي ، روھىنى قانات بىلەن تولدۇرۇپ ، ئەتىراپىدىكىلەرگە نۇرغۇن شادلىق ئاتا قىلالايدۇ . ئەتراپىدىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن رومانتىك ھېسىياتقا ئىگە بۇلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ _ ئاياللارنىڭ ئاشۇنداق سۆيۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنچە گۈزەل بولىدىغانلىقىدىن سۆيۈنىدۇ.
ئەگەر شۇنداق بولمىغان بولسا ئاللىبۇرۇن چىرايدىن كەتكەن بولاتتى ئاياللار...خۇشخۇيلۇق بىلەن ئۈمىتلىك ياشاش كېرەك زادى. بەك ياقتۇردۇم!
  ھويلامغا ئەكىتەي!:)


قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:41:15

ئەمما مەن ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى «ئاياللار گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر» دەپ كۆرگەن بىر كىتابتا. دىلچى تورىدىكى خاتالىقمۇ، يۆتكەشتىكى خاتالىقمۇ ياكى مەندىكى؟؟؟

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 18:05:45

قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:31 static/image/common/back.gif
مېنىلا يېزىپسىزغۇ؟ قاچانلاردىن تەھلىل قىلىۋالغانسىز  ...

شۇ،شۇ سىزنىلا يازدىم گۈزەل خانقىز:$

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 18:08:43

قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:41 static/image/common/back.gif
ئەمما مەن ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى «ئاياللار گۈز ...

گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك، سۆيۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەل   ئوخشاش دەپ قاراۋەمەمسىز تۇلا ئەۋزەيلەپ ئولتۇرماي،سىز بەرىبىر ئككىلىسىگە چۈشكەنكىن:P

مىلودىيە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:06:54

پاھ،ماۋۇ تېمىنى ئىككىڭلارلا قىزىتىۋېتىپسىلەرغۇ؟
خۇشخۇيلۇق ئادەمنى ياشارتىدۇ،ھەممىگە خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈلۈپ قاراش كېرەك.:victory:

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:21:46

مىلودىيە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:06 static/image/common/back.gif
پاھ،ماۋۇ تېمىنى ئىككىڭلارلا قىزىتىۋېتىپسىلەرغۇ؟
خۇشخ ...

سىزمۇ كېلىڭ ،بىللە قىزىتىمىز
بەت: [1]
: رومانتىك ھېسسىياتقا باي ئاياللار ئەڭ سۆيۈملۈكتۇر