باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 12:19:03

خۇشخۇي ئاياللار مەڭگۈ جەلىپكاردۇر

ئەگەر سىز خۇشخۇي ئايال بولىسىڭىز ، باشقىلار سىزنىڭ جەلىپكارلىقىڭىزنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.
شادلىق گۈلى پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى ، ئىللىق ئائىلىڭىزنى بېزەيدۇ . خۇشخۇيلۇق ھازىرىقى پۇرسەتنى چېڭ تۇتۇپ ، تۈنۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىقنى تولۇق ئۇنتۇپ ،ئەقلىي تەجىرىبە _ ساۋاقلارنىلا بۈگۈنكى خۇشاللىقىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ ؛ ئەتىكى ئورۇنسىز غەن ئەندىشىگە يول قويماي ، بەخىتلىك ئارزۇ - ئىستەكلەرنىلا كۆڭۈل تۆرىڭىزگە باشلاپ ، كۆز ئالدىڭىزدىكى تۇرمۇشىڭىزدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالدۇرىدۇ.
خۇغخۇيلۇق ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز مۇئەييەنلەشتشرۈش بولۇپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەرخىل ئىش ھەركىتى ، ئوماق گەپ سۆز ، قىلىقلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ خۇشال قىلالايدۇ . خۇشخۇي ئاياللار ھەربىر كۈننى جىمىرلاپ تۇرىغان شەبنەم تامچىلىرىدەك گۈزەل ،كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەلەيدۇ . ھەربىر كۈننى خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن پۈركىيەلەيدۇ؛
خۇشخۇيلۇق كاللىڭىزنىڭ سەگەكلىكىگە باغلىق . بەدىنىڭىزنى ، ئائىلىڭىزنى ، كەسىپىڭىزنى بارلىقىڭىزغا ئايلاندۇرۇپ ، مۇشۇلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولالىسىڭىزلا بۇلار ھەرقاتلام ، ھەر تەرەپلەردىن سىزنىڭ مول ،رەڭدار ئاياللىق خاندانىڭىزنى بەرپا قىلىدۇ . سىز ئۇلارنى باشقۇرىسىز ،يىتەكلەيسىز ، ئۇلارغا بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە گۈزەل ، نەپىس ، مول مەزمۇنلۇق ھايات سىمفونىيىسى ياڭرىتالايسىز.
ياسىنىڭ ،خاسلىقىڭىزنى ساقلاشقا ماھىر بولۇڭ ؛ ئېرىڭىزنى ، باللىرىڭىزنى چىن يۈرىكىڭىزدىن سۆيۈڭ . ئەمما ، سىز ئۇلارنىڭ بارلىقى بولالمىغاندەك ، ئۇلارمۇ سىزنىڭ روھىيەت دۇنيايىڭىزنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالالمايدۇ . ؛ ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاب ئوقۇڭ . ئەمما ،مەستانە بولۇپ قالىماڭ ؛ ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش مۇھىتىدا خىزمەتنى ھاياتىڭىزدىكى بىر خىل ھوزۇرلىنىش دەپ قارىغىنىڭىزدىلا ، ئاندىن توختاۋسىز جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىغا ئېرىشەلەيسىز.
ئەمەلىيەتتە خۇشاللىق دەل ئاشۇ ئاددى - ساددا ، ئەمما مول تۇرمۇش ئىچىدە بولىدۇ . ئۇ ئاشخانىڭىزدىكى تېتىتقۇ شېشىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ؛ ئۇ رەخىت پۇرۇچلىرى ۋە يۇڭ يىپلار بىلەن تولىغان تارىتمىلىرىڭىزغا يوشۇرۇنغان ؛ سىز تېخى ئوقوپ بولالمىغان كىتابقا يوشۇرۇنغان ؛ سىز يېزىۋاتقان ماقاللىرىڭىزنىڭ قۇر ئارلىقلىرىغا ؛ئېرىڭىزنىڭ ، باللىرىڭىزنىڭ خۇشال كۈلكىلىرىگە يوشۇرۇنغان . خۇشاللىق __ ئىللىق چىراغ نۇرىدا ، ھەيۋەتلىك دەرىسخانىدا ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ماگزىنلاردا ، ئىللىق ئائىلىڭىزدە ، دەريا بويىدا ، ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا تىمتاسلىق ، مەجنۇنلۇق بىلەن سىزگە باقماقتا.
خۇشاللىق ھەممىمىزنىڭ يېنىدا ، خۇشاللىقىنى قولىدىن بەرمەي ، ئۇنى باخاشلىغىنىڭىزدىلا خۇشال ئايالغا ئايلىنالايسىز . خۇشخۇي ئايال بولۇشقا تىرىشىڭ . خۇشخۇيلۇقتىلا مەڭگۈلۈك ياشلىق ، مۇكەممەل ئۆزلۇك ، مەڭگۈلۈك جەلىپكارلىق بولىدۇ.
مەنبە:دىلچى تورى

nafisa يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:53:39

خۇشخۇي بۇلۇشقۇ ئەمىلىيەتتە يازمىڭىزدا ئېيتقاندەك ياخشى ئىش ،ئەمما بەزىلەرنىڭ مىجەزى تۇغما ئېغىر -بېسىق بۇلۇپ ئارتۇق گەپ سۆزلەرنى ياقتۇرمايدىغان كېلىدۇ ،بۇنداق ئاياللار چۇقۇم كۆپرەك ئائىلىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشى كېرەك.مەندىن باشلاپ دىگەندەك .:P

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:56:20

nafisa يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:53 static/image/common/back.gif
خۇشخۇي بۇلۇشقۇ ئەمىلىيەتتە يازمىڭىزدا ئېيتقاندەك ياخ ...

ئېغىر -بېسىق بۇلسا خۇشخۇي بۇلغىلى بۇلمايدۇ دەپ كىم ئىيتقان بولغىيتى

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:18:15

  ھەجەپ ياخشى گەپلەركەن، خۇشخۇيلۇق ئاياللاردىن ئايرىلمىسۇن! ئۇمۇ بىر خىل گۈزەللىك، روھىيىتىڭىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، مۇستەھكەملەيدۇ.
  خۇشخۇيلق-جەلپ قىلشتۇر!
تۇرمۇشتىكى خۇشاللىق، ئۆي ئىچىگە، ئاشخانىغا يوشۇرۇنغان؟ راست، ئۇنىڭدىكى خۇشاللىقنىڭ ھوزۇرى ئۆزگىچە ئەمەسمۇ، پەقەت ھېس قىلالىساقلا.

ياسىنىڭ ،خاسلىقىڭىزنى ساقلاشقا ماھىر بولۇڭ ؛ ئېرىڭىزنى ، باللىرىڭىزنى چىن يۈرىكىڭىزدىن سۆيۈڭ . ئەمما ، سىز ئۇلارنىڭ بارلىقى بولالمىغاندەك ، ئۇلارمۇ سىزنىڭ روھىيەت دۇنيايىڭىزنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالالمايدۇ . ؛ ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاب ئوقۇڭ . ئەمما ،مەستانە بولۇپ قالىماڭ ؛ ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش مۇھىتىدا خىزمەتنى ھاياتىڭىزدىكى بىر خىل ھوزۇرلىنىش دەپ قارىغىنىڭىزدىلا ، ئاندىن توختاۋسىز جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىغا ئېرىشەلەيسىز.
داۋاملىق تۇرمۇشۇمنىڭ قىبلىنامىسى قىلغۇم بار!

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 18:10:55

قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:18 static/image/common/back.gif
ھەجەپ ياخشى گەپلەركەن، خۇشخۇيلۇق ئاياللاردىن ئايرىل ...

لىكىن بەزىدە بەك سەت تۇتۇلۇپ قالسىز خۇددى بۈگۈنكى ھاۋادەك:lol

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:55:08

BATUR值爱 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 18:10 static/image/common/back.gif
لىكىن بەزىدە بەك سەت تۇتۇلۇپ قالسىز خۇددى بۈگۈنكى ھاۋ ...

بىردەمدىلا ئوڭشۇلۇپ كېتىمەنغۇ:o

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:15:16

قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:55 static/image/common/back.gif
بىردەمدىلا ئوڭشۇلۇپ كېتىمەنغۇ

سىزنىڭ ئوڭشۇلۇپ بۇلشىڭىزنى كۈتمەي ئدارىدىن دەرھال ئايرىلغاچقا مەن بۇنى ھېس قېلالماپتىمەن
بەت: [1]
: خۇشخۇي ئاياللار مەڭگۈ جەلىپكاردۇر