باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 12:14:00

(تارىختىكى بۈگۈن)18-يانۋار

1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ شياۋپىڭ جەنۇپقا چۈشكەن. 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە دېڭ شياۋپىڭ ۋۇچاڭ، شېنجىن، جۇخەي، شاڭخەي قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئاساسىي قانۇندا يۈز يىلغىچە تەۋرەنمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋىتىشتە چىڭ تۇرۇش، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.
1988-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، غەربىي جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۇڭچىڭدا چۈشۈپ كەتكەن، 108كىشى قازا قىلغان. ئايروپىلان چۈشۈپ كېتقپ بىر سائەتتىن كېيىن چۇڭچىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نەق مەيدانغا تېزدىن يېتىپ بارغان. گوۋۇيۈەنمۇ بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن.
1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭدا يىغىن ئېچىپ،«تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇتۇش» نى ئوتتۇرىغا قويدى. تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇتۇش؛ خەلقنىڭ دىموكراتىيىسى دىكتاتورىسىدا چىڭ تۇرۇش؛ ماركسزم ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇش؛ سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇش.
1871-يىلى گېرمانىيە ئېمپىرىيىسى قۇرۇلغان. پرۇسسىيەنى مەركەز قىلغان، ئۈچ قېتىملىق پادىشاھلار ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيە دۆلىتى قۇرۇلغان.
1919-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پارىژ سۈلىھى ئۆتكۈزۈلگەن. 1-دۇنيا ئۇرۇشى يېڭىدىنلا ئاخىرلىشىپ، جاھانگىر دۆلەتلەر گېرمانىيەگە قارىتا شەرتنامە تۈزۈپ، دۇنيانى قايتىدىن بۆلۈشنى مەسلىھەتلەشتى. 1919-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پارىژدا سۈلىھ ئۆتكۈزۈلگەن. 27 دۆلەتنىڭ 1000 ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشقان، سوۋىت ئىتتىپاقى تەكلىپ قىلىنمىغان، گېرمانىيە مەغلۇپ بولغان دۆلەت بولغاچقا سۈلىھكە قاتناشتۇرۇلمىغان.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:11:02

تارىخنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتكىنىڭىزگە رەھمەت!
  پارىژدىكى سۈلھ بەكرەك ئېسىمدە قاپتىكەن مېنىڭ.

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:21:21

قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:11 static/image/common/back.gif
تارىخنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتكىنىڭىزگە رەھمەت!
  پارىژ ...

ئۇ ۋاقىتتا سىز بارمىتىڭىز;P
بەت: [1]
: (تارىختىكى بۈگۈن)18-يانۋار