قانداق ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؟
دۆلىتىمىز «شەھەر ئۆي-زېمىنىنى باشقۇرۇش قانۇنى» شەھەر ئۆي-زېمىنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۆي-زېمىن بازىرى تەرتىپىنى ساقلاش، ئۆي-زېمىن ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئۆي-زېمىن كەسپىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆي-زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇشى لازىم. ئۆي-زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش − ئۆي-زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆي-زېمىنىنى باشقىلارغا سېتىشىنى، ھەدىيە قىلىشىنى ياكى باشقا قانۇنىي ئۇسۇللار بىلەن بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. «شەھەر ئۆي-زېمىننى باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ 38-ماددىسىدا تۆۋەندىكى ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن:
(1) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئاساسىدا ئېرىشكەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 93 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغانلار؛
(2) قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان ۋە مەمۇرىي ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشى، قارار قىلىشى بىلەن ئۆي - زېمىن پېچەتلەنگەن ياكى ئۆي-زېمىن ھوقۇقىغا باشقا ئۇسۇلدا چەك قويۇلغانلار؛
(3) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنغانلار؛
(4) ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆي - زېمىندىن باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ يازما ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىرى؛
(5) ھوقۇق تەۋەلىكى تالاش - تارتىشتا قالغانلار؛
(6) ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە تىزىملىتىلمىغانلار؛
(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بەت:
[1]