مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىش
بەش تۆگە تەجرىبىسى مول قېرى بىر تۆگىنىڭ يول باشلىشى بىلەن قۇملۇقتا مېڭىپتۇ. ئەسلىدە ئۇلار 10 تۆگە بولۇپ، يېرىمى چېچىلىپ ياكى يولدىن ئېزىپ كەتكەنلىكتىن ئاران بەشى قالغانىكەن.بىر چاغدا ئۇلار ئوڭ تەرەپتىن ھېرىپ ھالىدىن كېتەي دەپ قالغان بىر تۆگىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سېپىگە قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇ دەل سەپتىن ئايرىلىپ قالغان تۆگىلەرنىڭ بىرىكەن. سەپتىكى تۆگىلەرنىڭ بىرى بۇ تۆگىگە قاراپ: «ئۇ بەك ھېرىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ» دەپتۇ. يەنە بىرى: «توغرا، ئۇ بەك ھېرىپ كېتىپتۇ، ئۇنى سېپىمىزگە قوشمايلى، بولمىسا ئۇ بىزگە يۈك بولۇپ قالىدۇ» دەپتۇ. قالغانلىرىمۇ «شۇنداق قىلايلى» دېگىنىچە بۇ تۆگىنى سەپكە قوشماي كېتىپ قېلىشماقچى بولۇشۇپتۇ. بۇ چاغدا قالغان تۆگىلەرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغان يول باشلىغۇچى قېرى تۆگە تەمكىنلىك بىلەن باشقا تۆگىلەرگە: «ھەرگىز ئۇنداق دېمەڭلەر، ئۇنىڭ بىزگە پايدىسى بار» دەپتۇ-دە، ھېلىقى يولدىن ئېزىپ قالغان تۆگىگە قاراپ: «سەن گەرچە سېپىمىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولساڭمۇ، خاتا يولۇڭنى تونۇپ ئاخىر سېپىمىزگە قايتىپ كەپسەن، بۇ ھەممەيلەننىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. بىزمۇ يولدىن ئېزىپ كەتمەيمىز دېيەلمەيمىز. شۇڭا سەن خاتا يولنى بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن، بىزنى خاتا يولدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشكە باشلاپ ماڭغىن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ھەممەيلەن بۇ قۇملۇقتىن ناھايىتى تېزلا ئوڭۇشلۇق چىقىپ كېتەلىشىمىز مۇمكىن» دەپتۇ.
شۇنداق، مەغلۇبىيەت بولغاندىلا مۇۋەپپىقىيەتمۇ بولىدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، باشقىلارنىڭ تەجرىبە-ساۋىقى بىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بايلىق!
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى مەغلۇبىيەت بولغاندىلا مۇۋەپپىقىيەتمۇ بولىدۇ.
تۇرمۇشىڭىزدا كۆرگىنىڭىز قانچە كۆپ بولسا، بىلىدىغىنىڭىزمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ، بىر ئەقىل تاپىسەن دېگەندەك. ئاۋۇ ئەگەشكۈچى تۆگە بولماقمۇ ئاسان ئەمەس... قەھۋە يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:04 static/image/common/back.gif
مەغلۇبىيەت بولغاندىلا مۇۋەپپىقىيەتمۇ بولىدۇ.
تۇرمۇشى ...
لىكىن مىنىڭ ئەگەشكۈچى تۆگە بولغۇم يوق
بەت:
[1]