پۇل تۇتۇش ۋە خاراكتېر
پۇل دىگەن نەرسىنى قانداق تۇتۇش شۇ كىشىنىڭ خارەكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بەلكىم نۇرغۇن ئادەم بىلمەسلىكى مومكىن.پۇلنى ھەميانغاسېلىۋالىدىغان كىشىلەر : بەزىي كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، بۇ پەقەت پۇل بىلەن بىۋاستە ئۇچىراسماسلىقنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ، يەنى پۇلنى بەدەندىن نېرى قويۇش پىسخىكىسىنىڭ نەتىجىسى . بۇ خىل پوزىتسىيەنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى مەدەنىيەت ئامىلىدا، يەنى « پۇل بەك مەينەت » قارشىنىڭ ئىپادىلنىشى ، ئەمما بۇ شۇ ئادەمنىڭ پۇل بىلەن خۇشى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ . ئەكسىچە بۇ شۇ كىشىنىڭ پۇل خەجلەش خاھىشى ۋە پۇلنىڭ بىقىنىغا ئۈسۈشىدىن ساقلىنىش چارىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
يانچۇقغا بىر تۇتام پۇل سېلىۋېلىشنى ياخشى كۈرىدىغان كىشىلەر : بىر تۇتام پۇل ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل توم – توم باغلانغان پۇلنى يېنىغاسېلىۋېلىش شۇ خىل كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەنسىزلىكنى پەسەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ،پۇختا باغلانغان تۇتام – تۇتام پۇلنى سېلىۋالغان چاغدا ئادەم ئىگە بولىدىغان ھىسسىيات ھەرقانداق چاغدا خېيىم – خەتەر ۋە يوقسۇزلىق تەقدىرىگە دۇچار بولۇشتىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى قويۇق كىشىلەر ئۈچۈن بەك مۇھىم .
زور سوممۇلۇق پۇلنىلاياخشى كۈرىدىغان كىشىلەر : بۇ خىل كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، ئاز سومۇلۇق پۇل بىلەن كۆپ سوممۇلۇق پۇلنىڭ ئارسىدا پەرىق ناھايىتى چوڭ . ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن دائىم زور سوممۇلۇق پۇلنىڭ نامى چىقىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى ئۆزىنىڭ سەرخىللا قاتلىمىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش .
پۇلنى قاتلاپ تۈرلۈك شەكىلگە كىرگۈزىۋالىدىغان كىشىلەر : بۇ خىل كىشىلەر پۇلنى قاتلاپ ، ئۇنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كويىدىلا بولىدۇ . تۇرمۇشتا بۇ خىل كىشىلەردە پۇل كۆپ بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەلۇم بىر خىل نارازىلىق يوشۇرۇنغان بولىدۇ .
كۆكرەك يانچۇقىغا پۇل سېلىۋالىدىغان كىشىلەر : ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى پۇلنى يوقىتىپ قويۇش ئەندىشىسى ئىچىدە ياشايدۇ ، شۇڭا ئۇلار پۇلنى كۆكرەك يانچۇقىغا سېلىۋالىدۇ ، چۈنكى شۇچاغدىلا ئۇلار بېشىنى ئەگسىلا پۇلنىڭ بار – يوقلىقىنى بىلەلەيدۇ . بۇ ئەمەلىيەتتەئۇلارنىڭ ئۆزىگە بىخەتەرلىك كاپالىتى بىرىپ ، « قاراڭ ، بۇ پۇللار كۆكسىمدە تۇرۇپ، ماڭا يۈزلەنگەن ھەرقانداق خەتەرنى توسىدۇ » دىگىنى بولسا كىرەك .
پۇلنى شىمىنىڭ ئارقايانچۇقىغا سېلىۋالىدىغان كىشىلەر : بۇ خىل كىشىلەر پۇل بىلەن ئۇچۇرشىشنى ئىستىخىيەلىك ھالدا رەت قىلىش پىسخىكىسى ئېغىر كىشىلەردۇر . ئەمما ئۇلار پۇلنى ئوغرىنىڭ ئېلىۋېلىشىدىن بەك قورقىدۇ . شۇڭا ئۇلار ھەرقاچان قولىنى ئارقايانچۇقىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، پۇلىنىڭ بار – يوقلۇقىنى پات – پات تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ .
ئەزەلدىن يانچۇقىغا پۇل سالمايدىغان كىشىلەر : مەڭگۈ يېنىغا پۇل سالمايدىغان ئادەت ئاساسەن بايلارغامەركەزلەشكەن . چۈنكى بايلار پۇلنىڭ ماددىلىق خارەكتېرىگە دۇچ كەلگەندە ، ئۇلارداپەقەت تازا مۇكەممەللىك بولماسلىقتەك ئەنسىزلىك پەيدا بولىدۇ . شۇڭا ئۇلار شەكىلسىز پۇل پەيدا قىلىدىغان چەكسىز كۈچىنى قوغلىشىدۇ . چۈنكى بۇ خىل كۈچ ئۇلارداتولىمۇ گۈزەل خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ .
مەنبە : « شەرقىي جۇڭگوساياھەت گېزىتى » دىن ئېلىندى ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbargi24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:52
سومكامنىڭ پۈتۈن بۇلۇڭ پۇچقىقىدىن پۇل چىقىدۇ ، سەل قالايمىقان....ئەجىبا مەن خاراكتېرسىز:o:'( anar يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:50 static/image/common/back.gif
سومكامنىڭ پۈتۈن بۇلۇڭ پۇچقىقىدىن پۇل چىقىدۇ ، سەل قالا ...
بېيىپ كەتكەنلىكىڭىزدىندۇ;P بىزنى سىلكىسىمۇ پۇل تۆكۈلۈدۇ دەيدىغان گەپ بار پۇللا بولسا قانداقلا قېلسا بۇلىدۇ،مۇھىمى ھالال ئەمگەك بىلەن كوپرەك پۇل تېپشتا مەن پۇلنى باش سۈرئىتى بويىچە رەتلىك تەيىلەپ ئاندىن پورتىمالىمغا ياكى ئارقا يانچۇقۇمغا سېلىۋالىدىغانغا كىرىدىكەنمەن .قانداق بولغىنى ئەمدى بۇ ؟؟؟؟؟؟
ئوغرىنىڭ ئېلىۋېلىشىدىن قورقۇپ پات پات يانچۇقىنى تۇتۇپ قويىدۇ دىگەن يېرىنى ئوقۇپ كۈلۈپ قېتىپ قاپتىمەن ..:lol
بەت:
[1]