قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 17:45:41

)قەھۋە(سېنى تېپىۋالدىم...

ئەرۋاھنىڭ زور ياردىمى ئاستىدا يۈتتۈرۈپ قويغان كۈيلىرىمنى تېپىۋالدىم. 10يىل ئىلگىرىكى گۈزەل مىلودىيلىرىمنى تېپىۋالدىم. ھەر قانداق نەرسىنىڭ، مۇزىكا، مىجەز، ھېسسىيات، مۇھەببەتنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى بولىدىكەن. ياشلاردېمەي(روھچىن ئۆكتە قوپمىسۇن يەنە سىز ياش دەپ) كىچىكلەر دەي، بۇلارنىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرى، مۇھەببەتلىك كۈيلىرى ئەلۋەتتە بىزنىمۇ خىيالغا سالىدۇ، ئەسلىتىدۇ. بىرنىڭمۇ ئەنە شۇنداق گۈزەل مىنۇتلىرىمىز بولغان. ھەممىدىن بىغەم، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىدىغان، ئۆز خىياللىرىمىز ھەم گۈزەل چۈشلىرىمىزنى داستان قىلىپ يازىدىغان چاغلىرىمىز بولغان. ئەنە شۇ ئوتتەك ياشلىق ئىدى، سەبىيلىكمۇ يۇغۇرۇلۇپ قوشۇلۇپ كەتكەن باھاردىكى ياشلىق ئىدى. مانا ئەمدى ياشلىقىمىزنىڭ يازىمۇ، كۈزىمۇ ياكى قىشى كەپ قالدىمۇ، بۇنىسى ھەركىمنىڭ ئۆزىدىكى، يۈرىكىدىكى ساداسى، قەلبىدىكى مۇھەببىتى بىلەن ئۆلچەش كېرەكتۇر. مۇشۇ كۈنلەردە يىلنىڭ ئۆرۈلىشىگە ئەگىشىپ ئەزەلدىن خاپىلىقتىن يىراق تۇرۇپ، كۈلكىنى ئۆزۈمگە ھەمرا قىلىپ كەلگەن، تۇرمۇشتىن بەھىر ئېلىپ، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىۋاتقان مەندە كەينىمگە قايتىش، ئىچ-ئىچىمدىن كۈلەلمەسلىكتەك بېسىملار مەۋجۇت بولماقتا. ئەجىبا يېشىمنىڭ بىر ياش چوڭايغىنى ماڭا شۇنداق ھار كەلدىمۇ؟؟؟ زادى نېرىمدىن ئېچىلالمايۋاتىمەن، مېنىڭ شۇنداق بېشىم چۈشۈپ كېتىۋاتقان يەردە، ئاتا-ئانىلار قانچە چۈشكۈنلىشىپ كېتىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇلارنى ئويلاپ ئىچىم ئېچىشىۋاتىدۇ، ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ، ..   ۋاقىت بەكمۇ تېز ئۆتىدىكەن، تېخى تۈنۈگۈنلا 2011-يىلنى كۈتىۋالغان ئەمەسمۇ، ئۆزۈمدە 3 رەقىمىنى قايتا كۆرگۈم يوق ئىدى......  يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۆزۈمنى سۆيۈپ ئۆتەي!  تۇرمۇشۇمدىن خۇشاللىق تېپىپ، كۈلكە ۋە مۇزىكىنى مەڭگۈ ئۆزۈمگە ھەمرا قىلىپ ياشاي! پەقەت سەنلا ماڭا جۆر بولالايسەن، پەقەت سەنلا مېنى چۈشىنىسەن. سەن مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەم يۈرىكىم، قەلبىم!!! سەن ئارقىلىق ياشىرىمەن، كۈلىمەن، چەكسىز شاتلىققا تولىمەن، گۈزەللىككە ئېرىشىمەن! سېنى مەڭگۈ تاشلىۋەتمەيمەن ئەزىزىم!!!

http://v.youku.com/v_show/id_XNzYwMTM5NTI=.html
http://v.youku.com/v_show/id_XMjA3MzgxMzAw.html
http://v.youku.com/v_show/id_XOTgzMDAxNg==.html
http://v.youku.com/v_show/id_XMzMxNzM3MjI0.html
http://v.youku.com/v_show/id_XNjk2MjUyNjA=.html

روھچىن يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 18:24:00

ياش ۋاقىتلىرىڭىزئالامەت شاش ئۆتۈپتىكەن سىزنىڭ . . .  بۇتىمىنى ياشلىقنى كۆشەش دەمدۇق ؟

ھەربىر دەۋىرنىڭ ئۆزىگە خاس مىلودىيسى بۇلىدىكەن. بىز دىۋىرنىڭ ئۆزمىلودىيسىنى ئاكتىپلىق بىلەن ياڭرىتىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىكەن ياكى ئۆزگىرىشكە توغرا كېلىكەن. مىنىڭچە تۇرمۇشنىڭ بەزى يەرلىرىنى ئۆزگەرتىش يەنە بىزى يەرلىرىگە ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاكتىپ ياشاش ئادىتنى يىتىلدۈرۈش ئاقىلانىلىكمىكىن دەيمەن.
چىش چۈشۈپ كەتكەندە سۈڭەك غاجايتتىم دەپ تاشتەك چىشلىرىمىزنى ئەسلەپ قايغۇرۇپ يۈرگەندىن لوق گۆشنى ھوزۇرلىنىپ يىيىشنى بىلگەن ياخشى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 18:24  

بىلگيار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 18:29:09

سەل چارچاپ قاپتىكەنمەن . كەيپىياتىمنى بىراقلا كۆتۈرۈرىۋەتتىڭىز  رەھمەت .

مىلودىيە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:01:47

سەبىيلىكمۇ يۇغۇرۇلۇپ قوشۇلۇپ كەتكەن باھاردىكى ياشلىق ئىدى. مانا ئەمدى ياشلىقىمىزنىڭ يازىمۇ، كۈزىمۇ ياكى قىشى كەپ قالدىمۇ، بۇنىسى ھەركىمنىڭ ئۆزىدىكى، يۈرىكىدىكى ساداسى، قەلبىدىكى مۇھەببىتى بىلەن ئۆلچەش كېرەكتۇر.
بىز تېخى ياش،ھەرگىز ئۇنداق دىمەڭ،ئۇچاغلار باھاردىكى ياشلىق بولسا،ھازىر يازدىكى ياشلىق:victory:،ھەقىقەتەن بىر ياش چوڭايدۇق،لېكىن تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۇق،نەزەر دائىرىمىز تېخىمۇ كېڭەيدى.......بۇمۇزىكىلارغا مەنمۇ شۇنداق ئامراق ئىدىم(كىچىك چاغلىرىمدا:P)ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ،ئۆزەمنى قايتا تېپىۋالغاندەك بولدۇم.سوۋغىتىڭىزغا رەھمەت!

ئاھۇ يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:37:11

چىڭغىز ئايتىماتۇفنىڭ بىر سۆزى بار ،شۇنى سىزگە سوۋغا قىلاي قەھۋە .....
    «ئادەم مۇزىكا ئارقىلىقمۇ ھۆرلىككە ئىرىشەلەيدۇ»
  

anar يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:47:37

مەنمۇ بۇقىزلارنى بەك ياقتۇرىمەن قەھۋە ، تېلفونۇمغا ئامراق مۇزىكامنى چۈشۈرىۋالغانىدىم ، شۇ چاغدا بۇ مۇزىكىنىڭ تونۇشتۇرىشىدا نەق مەيداندا ئوينىغان نۇرغۇن ئادەملەر خەلق ئاممىىسى دىگەنىدى ، بەك چىرايلىق چىققان بىر MV، بۇنىمۇ ساقلىۋېلىڭ
http://player.youku.com/player.php/sid/XOTgzMDUyOA==/v.swf

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 11:33:38

رومانتىكلىگىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 11:40:08

قەھۋە ئىچكەچ تازا ئاڭلاپتىمەن،رەخمەت.لىكىن مەنىسىنى قانداقلا قىلسام چۈشەنمىدىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BATUR值爱 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 11:41  

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 11:47:46

BATUR值爱 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 11:40 static/image/common/back.gif
قەھۋە ئىچكەچ تازا ئاڭلاپتىمەن،رەخمەت.لىكىن مەنىسىنى ق ...

قانداق يېزىپ قويغاندىمەن ھە سىز چۈشەنمىگۈدەك؟؟؟

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 11:49:30

ناخشىسىنى دەيمەن خانقىز:o
بەت: [1] 2
: )قەھۋە(سېنى تېپىۋالدىم...