مىنى سورىما
تۆكۈلۋاتقان يوپۇرماقتىن مىنى سورىما،ئىقىۋاتقان سۇلاردىنمۇ مىنى سورىما.
بۇلدۇقلىغان بۇلاقلارداشىۋىرلىشىم يوق،
نەدە ياشاي كىملەردىندۇ مىنى سورىما.
تاغدا يۈرگەن كىيىكلەردىن مىنى سورىما،
دىڭىزدىكى دولقۇنلاردىن مىنى سورىما.
قورام تاشتەك چۆكۈپ كەتكەن يالغان ۋەدىمىز،
دەريالارنىڭ تىگىدىن مىنى سورىما.
شاماللارغا ھەمراھ ئەمەس يۈرىمەن تەنھا،
دالىدىكى تىكەنگۈلدىن مىنى سورىما.
قۇيۇنلاردا قالغان بەلكىم بىزنىڭ سۆيگىمىز،
چىقسا بوران پىرقىراپ ھەم مىنى سورىما.
چاك يىرىلغان يەرتىگىگە سىڭىدۇ شەبنەم،
شەبنەم كەبى ئەسلىمەمدىن مىنى سورىما.
يىللاركىتەر غىرىپلىقتا مىنى قالدۇرۇپ،
سوۋغاقىلغان ئۆتمۈشتىن ھەم مىنى سورىما.
ئۆتكەن كۈنلەردىكى ئازاپلىق ۋە خوشال مىنوتلارنى بەزىدە ئەسلاپ قالىمىز .ئەسلىمەيمەن دېسەكمۇ خىيال كەپتەرلىرىمىز بىزگە بويسۇنمايدۇ ،شۇڭا باشقىلارغا مېنى سورىما دەپ چەك قويالمايمىز .سوراپ ،ئەسلاپ ،ياد ئېتىپ تۇرسۇن ،كىشىلەر قەلبىدە ئۇنتۇلۇپ كېتىش ،مەۋجۇتلىقىڭىمىزنى باشقىلار ئېتىراپ قىلماسلىق بۇمۇ بىر خىل ئازاپ .
بەت:
[1]