باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 16:22:41

كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى ئايال

بىر ئەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئاپىسى ۋە ئايالى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم ئككى ئايالدۇر ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەرمۇ بۇ ئىككى ئايالنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەردۇر ، بىراق بۇ ئىككى ئايالنىڭ ئەرگە بولغان پوزىتسىيەسىدە ئىنتايىن ئېنىق پەرق بار .
   ئاددى ۋە دائىم ئۇچرايدىغان ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق بۇ پەرقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . بۇ يىل ياز كىرىشى بىلەنلا مەن ئۆزۈمنىڭ ۋە ئاپامنىڭ ئۆيىگە شامالدۇرغۇچ سېتىۋالدىم ، شامالدۇرغۇچنى ئۆيۈمگە ئورنىتىدىغان ۋاقىتتا مەن بىر ئورۇندۇقنى ئەكىلىپ ئۈستىگە چىقىپ شامالدۇرغۇچنى ئورناتماقچى بولدۇم ، لېكىن يەنىلا بويۇم يەتمىدى ، شۇنداقتىمۇ ئېسىلىپ يۈرۈپ ئاران تەستە ئورناتتىم ، مېنىڭ تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەنلىكىمنى كۆرگەن ئايالىم ماڭا لۆڭگە سۇنغاچ ‹‿سىزنىڭ بويىڭىز بەكلا پاكار ئىكەن ›‿دېدى . كېيىن ئوخشاش ئەھۋال ئاپامنىڭ ئۆيىدىمۇ يۈز بەردى ، ئاپام مېنىڭ بويۇم يەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ، ماڭا ‹‿بۇ ئورۇندۇق بەكلا پاكار ئىكەن ›‿دېدى .
   دېمەك ، ئەركىشىدىن ئاپىسى مەڭگۈ رازى بولىدۇ ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە غۇرۇر ئاتا قىلىدۇ . ئەكسىچە ئايالى ئۇنىڭدىن مەڭگۈ رازى بولماي ، ئۇنىڭغا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ .
   ئەر كىشى ھاياتلىق يولىدا ئالغا باسىمەن دەيدىكەن ، چۇقۇم بۇ ئىككى ئايالدىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ مەنبە:دىلرام تورى

ياپراق520 يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:29:09

شۇنداق بۇ ئىككى ئايال ئۇچۇنمۇ ،ئۇ ئەر ئۇ لارنىڭ تۇرمۇ شىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىرقىسمى ،
بىراق كۆپىنچە ياش قىزلىرىمىز ،بىر ئانىنىڭ ئۆز ئوغلىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئۆزىگە تەھتىت دەپ قارايدىكەن ،
يەنى ئوغۇلنىڭ ئانىسىغا بولغان مۇھەببىتىنى ،ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق دەپ قارايدىكەن .
سەن مىنى ياخشى كۆرۇپ توي قىلغان .شۇڭلاشقا پەقەت مىنىلا ياىشى كۆرشۇڭ كىرەك.
مەن يىقىندىلا بىر قىزدىن بۇگەپنى ئاڭلاپ ،،،،،،،،،توۋا .نىمە دەپ قانداق جاۋاپ بىرىشنى`قانداق چۇشىنىشنى
بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. چۇنكى مىنىڭمۇ ئىككى ئوغلۇم بار، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياپراق520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 12:44  

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:15:05

ئوغلى يارىغانكەن ئوغلىنى تۇغۇپ ،بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىسىمۇ يارىشى كېرەك

hilal يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:27:18


ئايال كىشىنىڭ ھاياتىدىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى ئەر بار ، بىرى دادا ، بىرى يولدىشى . دادا ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا بىزنىڭ كەمچىلىكلىرىمىزنى كەچۈرۈپ بىزنى ئۆز قوينىغا ئېلىشقا تەييار . ئەر كىشى بولسا بىزدىن بىر ئۆمۈر رازى بولماي ئۆتىدۇ .......... ئوخشاش گەپ ..........

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:35:46

hilal يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:27 static/image/common/back.gif
ئايال كىشىنىڭ ھاياتىدىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى  ...

ئۇنداقمۇ بوپ كەتمەس

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 17:06:37

ئەر كىشى ئۈچۈن بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ئەمما تاللاشقا توغرا كەلگەندە ئانا كەم بولسا بولمايدۇ. ئايالىدىن ئايرىلىشقا مەيلىكىن، ئانىسىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ. بۇنى بارلىق ئەقىل ئىگىللىرى بەك ئوبدان بىلىدۇ.
   بىر قىز بولغۇچى يېڭى تۇرمۇشقا چىققاندىن كېيىن تەبىئىيلا ئۆز يولدىشنىڭ  كۆپىنچە ئۆزىگە كۆپرەك ھەمراھ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئانا بولسا ئوغلى ئارا كۈندە بىر كېلىپ يوقلاپ تۇرمىسا  خۇددى خوتۇن ئېلىپ ئۆزگىرەپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ ۋە كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل توقۇنۇشقا قارىتا ئوغۇل ھەم ئەر بولغۇچى ناھايىتى زىل تۇرۇپ مۇئامىلە قىلمىسا ئارىدىكى زىددىيەت چوڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن.
   يولدۇشۇم ئىككىمىز توي قىلىپ 4-5 ئايلار ئۆتكەن بىر كۈنى قېيىنئاپاملارنىڭ ئۆيىگە باردۇق. كىرسەك شۇنداق سوغۇق مۇئامىلە. ئوغلىنى سوتلاپلا كەتتى، سەن مېنىڭ ئوغلۇم، سېنى مەن تۇغقان، نىمانچە يوقاپ كېتىسەن، دەپ. توۋا دەپ تۇرۇپلا قالدىم. يولدۇشۇم مىجەزى ئېغىر بولغاچقا جىممىدە تۇردى، ئەمىليەتتمىغۇ مەن بار يەردە ئەلۋەتتە جىم تۇرۇشى ئېنىقتە. شۇنىڭ بىلەن ماڭا تەگدى ئۇ گەپ، مەن بېرىپ يوقلاپ كېلىڭ، ھېچ بولمىغاندا تېل قىلىپ ئەھۋال سوراڭ دەپ نەچچە دېدىم. ئۆزى ئالدىراش بوپ كېتىپ سەل قاراپ قاپتۇ، نىمانچە دەپ كېتىلا، شۇ سىلىنىڭ ئوغۇللىرىغۇ بۇ. دېدىم. كەتتۇق. ھەي....ئۇلارنىڭ تېگى قەشقەرلىق، مانا چىقىشالماسلىقلار باشلانغىلى تۇردى، دېدىم كۆڭلۈمدە. بىز گەرچە شۇنداق توغرا چۈشىنەيلى دېسەك، كۆپىنچە يامىناتلىق بولۇپ، ئوغلىنى قايرىپ كەتكەندەك بولىدىكەنمىز. ھازىرغىچە مەن ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئوغلىنى ئىگىۋالغان بولىۋاتىمەن. يەنە بىر ئويلىسىڭىز ئوغۇل بولغۇچىغىمۇ تەس ئەمەسمۇ، ئۇ ياققا قارىسا ئانا، بۇ ياققا قارىسا خوتۇن. شۇڭا ئەر، پەرزەنت بولغۇچى ناھايىتى زىل تۇرۇپ مۇئامىلە قىلمىسا بىر ياقتىن ئانا، بىر ياقتىن خوتۇن، مېڭىسىنى يەپ بولامىكىن دەيمەن.;P

   ئەمما يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، ئانا ئوغلىدىن مەڭگۈ رازى، مەيلى ئۇ قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر. ئەمما ئايال ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ئىككى قۇتۇپتىن كەلگەن ھەم يېرىم يولدا بىر ئۆيگە كىرگەن. ئانا بىلەن ئوغۇلنى بىر جان، بىر تەن دېيىشكە بولىدۇ ئەمەسمۇ.
   ئاپام دائىم  "ئوغلىنى ياخشى كۆرگەندىكىن، ئانىسىنىمۇ ياخشى كۆرۈش كېرەك"  دېگەچكە، مەنمۇ ئۆز تۇرمۇشۇمدا شۇنداق قىلىپ كېتىۋاتىمەن. ئاپام يەنە سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ بىر ئوغلۇڭ بار...دەپ مېنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئاپام مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىكى ئەڭ ياخشى دوستۇم دەپ قارايمەن.
   ئەمما بىزمۇ بەزىدە ھەقىقەتەن قىزغىنىپ قالىدىكەنمىز، بىلىپ-بىلمەيلا. چۈنكى ھەممەيلەن مۇھەببەتكە مۇھتاج ئەمەسمۇ. بۇ بۇرۇنقى "ئۇدۇم "نىڭ تەسىرىمكىن...
   
   
بەت: [1]
: كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى ئايال