ناشتىغا تۇخۇم يېسىڭىز ئورۇقلايسىز
تەتقىقاتچىلار 21 ئەرگە كالورىيەسى ئوخشاش، ئەمما تۈرى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ناشتىلىق بەردى. بىر گۇرۇپپىدىكىلەر تۇخۇم ، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر بولكا يېدى . ئارىدىن ئۈچ سائەت ئۆتكەندە ، ئۇلار خالىغانچە يەيدىغان چۈشلۈك تاماق بەرگەندىن كېيىن ، ناشتىدا تۇخۇم يېگەنلەرنىڭ ناشتىدا بولكا يېگەنلەرگە قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 112 كالورىيە ئىسسىقلىقنى ئاز قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئاخىرىدا مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ‹ناشتىدا تۇخۇم يېگەنلەرنىڭ قورسىقى ئاسان ئاچمايدۇ، شۇڭا چۈشلۈك تاماقنى ئاز يەيدۇ–دە، ئورۇقلاش مۇددىئاسىغا يېتەلەيدۇ ›.تەتقىقاتچىلار بۇ يەكۈننى دەلىللەش ئۈچۈن ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشلەرگە يۇقىرىقىدا بايان قىلىنغان رىسالە بويىچە تاماق بەردى، نەتىجىدە ناشتىدا تۇخۇم يېگەنلەرنىڭ بولكا يېگەنلەرگە قارىغاندا تېز ئۇرۇقلىغانلىقى، ئۇرۇقلاش نىسبىتىنىڭ %65 يۇقىرى بولغانلىقى بايقالدى.
مەنبە:دىلرام تورى
سىناپ باقسام بولغىدەك! ياخشى ئىشكەن، ئەمما مەن بۇ بويىچە قىلمىساممۇ بولىدۇ. ئۆلچەملىك بولغاندىكىن.:P
بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرى ھەر خىل بولىدىكەن. ئۆتكەندە ئەرلەر تۇخۇمنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق، دەپ كۆرگەنتىم. ئەرلەرگىغۇ ئورۇقلاش كەتمەيدۇ بولمىسا.
بەت:
[1]