ئانا
ئانا ئانايەنەكەچ بولدى بىردۆۋە يۇلتۇزسىز قاراڭغۇلۇق
مېنى باستۇرۇپ كەلدى
باغرىغا بېسىپ
يۈزلىرىمنى سىلاپ مۇلايىم
بالىلىقىمنى ئېسىمگە سالدى
ئانا
باغرىڭ گۈزەل بىر ئالەم ئىدى
مەن بىر چېچەكتىم
شۇئالەمدە غەمسىز ئېچىلغان
قارا ئانا
قوللىرىمنى تۇتماقتا ئاستا
يەنىلاشۇ،شۇقاراڭغۇلۇق
ساڭا باقسام يىراقتىن ئانا
كۆزلىرىڭدىن باشلانغان يولدا
قۇياش كۈلۈپ كەلمەكتە ئاستا قوللۇرۇمنى تۇتماقتا ئاستا
يەنىلا شۇ، قاراڭغۇلۇقۇق
سىنىڭ سىمايىڭ ئاشۇ
تۇن قاراڭغۇسىدا خىرەلەشمەكتە
سىنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ
بار ئاۋازىم بىلەن ۋاقىردىم ،ئانا،،،،،،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ياپراق520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 17:40
بەت:
[1]