باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:02:53

نىمە ئۈچۈن ئېرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدىڭىز؟

ئاياللار كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەپلىك ئېرىدىن ئاچچىقىنى چىقارسا بولمايدۇ ، بۇ ئەرلەرنىڭ خوشلۇقىنى كەتكۈزىدۇ ، گەرچە ئەرنىڭ ئايالىغا تەسەللى بىرىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ ، بۇنداق ئاچچىقىنى چىقىرىش ئەر كىشىنى بىزار قىلىدۇ .توي قىلىش ھەرگىزمۇ ئەرنىڭ رازىلىقى بىلەن ئەركىنلىكتىن ۋاز قىچىش ئەمەس ئەرلەر ئائىلىسىنىڭ چارچىغان نېرۋىلىرىنى تىنىچلاندۇرىدىغان ئارامگاخ بولۇشنى ئۈمىت قىلىدۇ .كۆپىنچە ئەرلەر ئۆيىدە كۈن ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق مۇۋەپپىققىيەتنىڭ تەمىنى تىتىيدۇ ، لىكىن نۇرغۇن ئايال بۇ ھەقىقەتنى ئۇنتۇپ ئەرلەرنى << كىشەنلەپ >> يىنىدىن ئاجراتماسلىق كويىدا بولىدۇ . ئەرلەر ئۆزىدىن باشقا يەنە بىر ئايالنى يەنى ئۆزىنى بىقىپ ئۆستۈرگەن ئانىسىنى ھەرگىز ئۇنتىمايدۇ ، لىكىن بەزى ئاياللار ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ ، ئۇلار << ئېرىم  ماڭىلا خاس >> دىگەننى ئويلاپ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ ، ئۇلار قىينىئانىسى قىينىسىڭىللىرىدىن << مۇھەببەت >> تالىشىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن قىينىئانا بىلەن كىلىن ئوتتۇرىسىدىكى جەڭگى - جىدەلنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ .ئاياللارنىڭ ئېرىنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشىدىن ئەنسىرىشى تۇغما بولىدۇ ، بەزى ئاياللار ئەرنىڭ پۇلىنى كونتۇرۇل قىلسىلا ، ھەركىتىنى چەكلىگىلى بولىدۇ ، دەپ  قارايدۇ ، بۇ تولىمۇ ئەخمەقلىق ، بۇنداق ھەركەت ئەرنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ ، خالاس . ھەرقانداق ئادەمنىڭ شەخسىيىتى بولىدۇ ، بۇنداق شەخسىيەت دەخلىسىزدۇر ، بىراق بەزى ئاياللار ھە دىسىلا ئېرىنىڭ خەت - چىكى تېلفۇنى ، قىسقا ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنىنى ئىگىلەشكە ئۇرىنىدۇ ، ئازراق بىر نەرسىنى بايقاپ قالدىمۇ ، قارىغۇنى تار يەردە قىستاپ ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ  . بۇنداق ئىشنىڭ تەكرارلىنىشى بەزى ئەرلەرنى تاپتىن چىقىشقا سەۋەپ بولىدۇ .مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ تارازىدا ئەر بىلەن ئايال باراۋەر بولىدۇ ، بىراق بەزى ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئىشىغا ئوشۇقچە چات كىتىۋالىدۇ ، بەزىدە خۇددى ئوغلىغا بۇيرۇق سوققاندەك پوزىتسىيىدە بولىدۇ بۇ ئەمىليەتتە ئەرلەرنىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرغانلىقتۇر . ئەرلەر مۇھەببەتكە مۇھتاج ، لىكىن ئەڭ موھىنى ھۆرمەتكە مۇھتاج ھۆرمەتتىن ئايرىلغان مۇھەببەت ئەرلەرنى غۇرۇرى ئۈچۈن قارار چىقىرىشقا مەجبۇرلايدۇ . ئاياللار ئەرلەرنىڭ << سىزنى سۆيىمەن >> دىيىشىنى ياقتۇرىدۇ ، بىراق ئەرلەرنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى ھە دىسىلا ئاياللارنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقمايدۇ ، ئاياللار بۇ سۆزنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھەممە كارامىتىنى ئىشقا سىلىپ كۆرىدۇ ھەتتا دىيىشكە قىستايدۇ ئەرلەر بەزىدە ئازابلىنىپ تۇرۇپ << سىزنى سۆيىمەن >> دەيدۇ-يۇ كۆڭلىدە نەپرەتلىنىدۇ . ئاياللار سىرلىقلىقى بىلەن گۈزەل . بەزى ئاياللار بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ ، بۇ ئۇلاردىكى چوڭ سەۋەنلىك ، بۇنداق ئاياللار ئۆيگە كىردىمۇ ، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشنى ، رەتلىك ، پاكىز كىيىنىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ، مەيلى قانچە ئۇزاق ئۆي تۇتقان ئەر - خوتۇن بولسۇن ، ئەر كىشى ئايالىنىڭ ئۆزىگە سىرلىق تۈس بىرىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ .


مەنبە:ۋارىسلار تورى

كۈنلەر يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:46:54

ئاياللار كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەرلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.ئەمما،ئاياللار ئۆزىگە سىرلىق تۈس بېرىمەن دەپ تۇتۇلۇپ ئولتارغىچە،گۈلدەك ئېچىلىپ ئولتارسا تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟مانا ئايالىممۇ گۈل بولغانلىغى ئۈچۈنلا مەن پەرۋانىغۇ ئاخىر.

مىلودىيە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 10:48:22

«ئاياللارنىڭ ئېرىنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشىدىن ئەنسىرىشى تۇغما بولىدۇ . بەزى ئاياللار ھە دىسىلا ئېرىنىڭ خەت - چىكى تېلفۇنى ، قىسقا ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنىنى ئىگىلەشكە ئۇرىنىدۇ»
مەن پەقەت ئۇنداق قىلىپ باقماپتىمەن،مېنىڭچە ئاياللار ئۆزىگە ئىشەنسە ئۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرمەيدۇ.بۇنىڭدىن كېينمۇ دىققەت قىلىسام بولغىدەك.پەرزەنتلىرىمنىڭ بەختى ئۈچۈن!:victory:



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىلودىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:11  

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:18:33

ئايالىممۇ گۈل بولغانلىغى ئۈچۈنلا مەن پەرۋانىغۇ ئاخىر.

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:19:01

مېنىڭچە ئاياللار ئۆزىگە ئىشەنسە ئۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرمەيدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BATUR值爱 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:19  

ئانار يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:30:23

ئۆزئارا قەدىر قىممىتىنى ، ئىززىتىنى قىلسا قالايمىقان ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ ، بىر قولدىن چاۋاك چىقمايدۇ

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 14:56:50

«ئاياللار سىرلىقلىغى  بىلەن گۈزەل». توغرا دەپتۇ!
  ئەرلەر تويدىن بۇرۇنقى رومانتىكلىقلىغىنى تويدىن كېيىن ئۆيگە ئەكىلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

hilal يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:33:17

مىنىڭچە ئەرلەرمۇ ئۆزىگە ئىشنەلىسە ، ئايالىنىڭ ھەممە بېرىش - كىلىشلىرىنى تىزگىنلەپ خەت - چەك ، ئۇچۇر - تېلىفونلىرىنى تەكشۈرۈپ يۈرمىسە ئايال كىشىنىڭ ئەرلەرنىڭ تېلىفونىغا قاراپ كىتىشىمۇ ناتايىن ........ باراۋەرلىك دەيدىكەنمىز ، بىرىس قىلسا يەنە بىرىنىڭمۇ قىلغىسى كىلىدۇ ، بولمىسا باراۋەرسىزلىك ، ئادىلسىزلىق ھىس قىلىدىغان گەپ ............ ئايالىم كۈلۈپ - ئېچىلىپ يۈرسە دەيدىغان ئەرلەرمۇ سىرتتىكى خاپىلىقىنى ئايالىدىن چىقىرىپ چىرايىنى بۇتتەك تۇتۇپ يۈرمىسە ئايال كىشىمۇ تەبىئىيلا ئېچىلالايدۇ ، ئىشىك قىسىۋاتقاندەك تۇرغان ئەرنىڭ ئالدىدا ئايال كىشى تەپ تارتىپ قالىدۇ ، دىمى ئىچىگە چۈشىديۇ ، ئاپتاپتەك ئېچىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ - دە ..........

باتۇرچەۋەنداز يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 11:40:35

ئييەي نىماندا تۇغرا ئىيتىسىز ھېلال قىز
بەت: [1]
: نىمە ئۈچۈن ئېرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدىڭىز؟