مۇھەببەت كۇچىسى
مۇھەببەت كوچىسىتولغانمىدى دەرتلەرگە باغرىڭ،
ئەلەملەرنى يۇتقاندا ئاچچىق.
كەچۈر جېنىم بۇ مۇھەببەتنىڭ ،
كۇچىسىكەن شۇنداق ئازاپلىق.
ماڭالمايسەن ئۇندا يىگانە،
كىتەلمەيسەن ياكى ۋاز كىچىپ.
سۈيۈلۈش ھەم سۈيۈش ئىچىدە،
سەن ياشايسەن دەردىڭنى ئىچىپ.
بىراۋ سىنى ئۇنتۇپ كىتەلمەي ،
ئۆز باغرىنى قىلىدۇ پارە.
ئېقىپ تۈگەر كۆز ياشلىرىدەك ،
يوقتۇر ئۇندا ئۆزگە ھېچ چارە.
بۇ مۇھەببەت كۇچىسى شۇنداق،
ئازاپ بىلەن بەخىت بېسىلغان.
ئىھ ،ھەممىمىز چىقالماي ئۇندىن،
يۇرمەكتىمىز دىلدا مىڭ پىغان......
مەنبە:ئۆزۈم مۇھەببەت مۇھەببەت ``` http://delete.muzika.cn//aza/Nahxa/2011/08/Qonchaq%20Muhabbet.mp3 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:47
ئۈمىد كۈتمە مەندىن بىھۇدە
(بېللا ئاخاتوۋنا ئاخمادولىنا )
ئۈمىد كۈتمە مەندىن بىھۇدە،
ھەم تاشلىما تۈگىمەس سوئال.
تىكىلمىگىن مامۇق قولۇمغا،
جان تەسەددۇق دېسەڭ نە ئامال.
باھار پەسلى پاتقاقلار كېچىپ،
ئىزلىرىمنى يۈرمە ئاختۇرۇپ.
كۆرۈشسەكمۇ ئاياندۇر ماڭا،
قالالمايمەن سېنى ياختۇرۇپ.
ھالى يوغان دېسەڭمۇ مەيلى،
بېرەلمەيمەن ساڭا كۆڭلۈمنى.
تەكەببۇرلۇق ئەمەس،ئازابتىن
مەن يۈرىمەن كېرىپ كۆكسۈمنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:14
ئۈمىد ئەمەس سەندىن كۈتكىنىم،
تاشلىغىم يوق ھەم ساڭا سۇئال
.تىكىلگىنىم قۇلۇڭ ئەمەستۇر ،
مەن بىلىمەن يوق سەندە ئامال.
باھار پەسلى چىچەكلەر ئارا،
ھەم يۈرمىدىم ئىزىڭ ئاختۇرۇپ.
ئويلىمايمەن كۈرۈشسەكمۇ ھەم ،
قالسىكەن دەپ مىنى ياقتۇرۇپ.
ئەمەس بەلكىم ھالى يۇغانلىق،
تاللاپ بولغان ھايات يۇلۇڭنى.
ئۈزۈمگەلا تالىق سۆيگۈمدە ،
مەن ئەبەدى سۆيگەن ئۈزۈمنى.
بەت:
[1]